ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
قورسىقىڭىزدىكى بالا ئوغۇل بولسا، بۇ نوقتىلاردىن بىلەلەيسىز!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كونىلار، ئوغۇل بالا ئانىغا يۆلەنچۈك دەپ ئېيتقان؛ ئەگەر بىرىنچى بالا قىز بولسا، ئۇنداقتا كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار ئىككىنچى بالىدا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ چۈنكى بۇنىڭدا بىر قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنت تولۇقلىنىپ، ئائىلە بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ. ئەگەر قورسىقىڭىزدىكى ھامىيلە ئوغۇل بولسا، بۇنىڭ بەلگىلىك ئالامەتلىرى بار بولىدۇ.
1. قورساق قىسىم شەكلى ۋە ھامىيلە ئورنىغا قارايمىز.
    ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى ئۇچلۇق كەلسە ھەمدە قورسىقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يوغىنىمىغان بولسا، ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ ئوغۇل بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
2. يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش.
   بۇرۇنقىلاردا چۈچۈمەل يىمەكلىكلەرگە سىزىك بولسا ئوغۇل تۇغىدۇ، ئاچچىققا سىزىك بولسا قىز تۇغىدۇ دىگەن گەپ بارئىدى. ئەمىلىيەتتىمۇ، ئەگەر ھامىلدار ئايال گەرچە ئىلگىرى چۈچۈمەل يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، بىراق ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، چۈچۈمەل تەمگە ۋە گۆش يىيىشكە ئامراق بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ ئوغۇل بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
3. ھامىيلە قورساقتا تولا مىدىرلايدۇ.
    ئەگەر ھامىيلىنىڭ قورساقتا مىدىرلاش ۋاقتىنىڭ نىسبەتەن بۇرۇن باشلانغانلىقىنى ھەمدە مىدىرلاش قېتىم سانىنىڭمۇ نىسبەتەن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، شۇنداقلا قورساقتىكى ھامىيلە ھەمىشە كىچىلىرى سىزنى تېپىپ ئويغۇتىۋەتسە ياكى قورسىقىڭىزنىڭ مەلۇم قىسمى بۈرتۈپ چىقىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ ئوغۇل بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.
    ئاخىرقى سۆز: كۆپچىلىكنىڭ ساغلام بولغان ئوغۇل بوۋاقتىن بىرگە ئىرىشىشىگە تىلەكداشمەن. ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ قانداق ياخشى تەجىربىلىرى بار بولسا ھەمدە باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى خالىسىڭىز، سۆز قالدۇرۇش رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە مۇنازىرگە قاتنىشىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号