ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ تۆت خىل ئائىلىدىكى بالىلار بەخىتلىك بولالمايدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
     نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئىزچىل تۈردە بالىسىنىڭ ئىچ مىجەز، جىمغۇر، چىرايىدا كۈلكە كۆرگىلى بولمايدۇ دەيدۇ. ئەمما بۇ ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بارلىق ئىپادىلىرىنى ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغىنىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمايدۇ.
 تۆۋەندە بىر نەچچە خىل لاياقەتسىز ئاتا-ئانىلار ھەققىدە چۈشەنچە بىرىمىز؛ بۇ خىلدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەرگىز بەخىتلىك چوڭ بولالمايدۇ.
-1-
ھەمىشە جىدەللىشىپ ئۆتىدىغان ئائىلە
     ئۇزۇن مەزگىل جىدەل ئارىسىدا ياشىغان بالىنىڭ چوڭ بولغاندا قانداق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى سىز بىلەمسىز؟ ئاتا-ئانىلارنىڭ جىدەللىشىشى راستىنلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭلا ئىشىمۇ؟
     نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار جىدەللىشىپ قېلىش چوڭلار ئوتتۇرسىدىكى ئىش دەپ قارايدۇ، ئەمما ھەمىشە جىدەل قۇرىمايدىغان ئائىلىدە بەخىتلىك بالا بولمايدۇ. بالىلارنىڭ ھىسياتقا بولغۇن سىزىم-تۇيغۇسى ئىنتايىن سەزگۈر كىلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل بېسىم ۋە جىددى كەيپىيات ھالىتىدە تۇرغۇن تۇرمۇش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز كىلىدۇ.
    ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىككى ئادىمى بىر-بىرىگە قارشى ھالەتتە تۇرسا، بالىلار ئۆزلىرى ئەڭ بىخەتەر دەپ قارىغان مۇھىتمۇ قايتا مەۋجۇت بولمايدۇ؛ ئەگەر بالىلار جاسارىتىنى ئۇرغىتىپ تۇرۇپ ئاتا-ئانىسغا نەسىھەت قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت، ئاجىزلىق، ئىتىبارغا ئېلىنمىغاندەك ھىس قىلىپ، بەزىدە ھەتتا ياشىغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىكەن دەپ ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىشى مۇمكىن.
    ئۇزۇن مۇددەت ئىناقلىق بولمىغان ئائىلىدە ياشىغاندا، ھۇجۇم قىلىش خارەكتىرى كۆرنەرلىك ئېشىپ كەتكەندىن باشقا، بالىلارنىڭ روھى كەيپىيات، خارەكتىر تەرەققىياتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بۇرمىلىنىش شەكىللىنىپ، ھىسيات جەھەتتە باغرى تاش، باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان، مىجەزى تىرىككەك ھەم قوپال، ئاسانلا باشقىلارنىڭ دەيدەيسىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ۋە ياكى ئىچ مىجەز بولۇپ ئۆزگىرىپ، ئۆزىنى چەكلەپ بېسىپ قويىدىغان، بىر ئىشلاردا ئاسانلىقچە بەل قويۇۋىتىدىغان، سىرتقى مۇھىتتىكى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق چوڭ بولغان بالىلار ئاسانلا خاتا يولدا مېڭىپ قالىدۇ.

-2-
چىرايلىق گەپ قىلىشمايدىغان ئائىلىلەر
    ئادەتتە بىزنىڭ گەپ_سۆزلىرىمىزگە كەيپىياتىمىز ئارىلىشىپ كەلگەن بولىدۇ؛ سىز سۆزلىگەن ھەر بىر سۆزلەرنى ئۆز-ئارا باغلاشتۇرغاندا، بۇ بەلكىم باشقىلارغا ئىللىقلىق بىرىشى مۇمكىن ۋە ياكى باشقىلارغا ئازاپ ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
   دۆلىتىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار ئاساسى جەھەتتىن بالىلىرىغا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئىتراپ قىلىش پوزۇتسىيىسى بەرمەيدۇ؛ مەسخىرە قىلىش، يېغىرىنى كولاش، زەربە بىرىش بولسا ئۇلارنىڭ بالىسىنى تەربىيىلەشتىكى ئادەتلەنگەن ئۇسۇللىرى. بۇنداق تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىل مەخسۇس ئاتالغۇسى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ "زەربە بىرىش شەكلىدىكى تەربىيە".
    بۇ خىلدىكى ئاتا-ئانىلار ئىشلىتىپ كۆنگەن "تەربىيە جۈملىلىرى" دىن تۆۋەندىكىلەرنى مىسال ئېلىشقا بولىدۇ:
    سەن ئەمەت ياكى سەمەتكە قارىغىنا، ئۇ شۇنداق ئىش ئۇقىدىكەن، سەن ئەگەر ئاشۇنىڭ يېرىمىچىلىك بولالىساڭ مەن خوشال بولۇپ، بۆكۈمنى ئاسمانغا ئاتاتتىم؛
    سەن تېخى ....قىلىمەن دەمسەن؟ بولدى قىلە، مەن سىنى بىلىمەن، سىنىڭ قىزغىنلىقىڭ ئادەتتە بىردەمدىلا تۈگەپ قالىدۇ؛
    شۇنچىلىك ئاددى ئىشنىمۇ قىلالمىساڭ، سىنىڭ يەنە قانداق رولۇڭ بولسۇن، سەن چوشقىدىنمۇ ئۆتە دۆتكەنسەن؛
        .....
     بۇ خىل ئېغىز ئارقىلىق بىرىلگەن زەربىلەرنىڭ كەينىدە قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ھېكىمگە تۇيدۇرماي تۆككەن ياشلار بارلىقىنى بەلكىم ھېچكىم ئىنىق دەپ بىرەلمىسە كىرەك.
   مۇنداق بىر جۈملە سۆز ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان: ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن كەلگەن زەربە ئېلىپ كەلگەن ئازاپ ۋە كۆڭۈل زىدىسى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۈنۈم كۆرسىتىپ قالماي، ئۇ يەنە يىللارغا ئەگىشىپ، بىرتال يىڭنىگە ئوخشاش بالىلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىپ تۇرىدۇ.

-3-
ئايالى ئۇزۇن مەزگىل ھۆرمەت قىلىنمايدىغان ئائىلە
     بىر ئائىلىدە، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتى، مەڭگۈ باشقا مۇناسىۋەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئاتا-ئانا ۋە بالىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ.
    ياخشى بولغان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئىرى ئايالىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ھۆرمەتلىمەيدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ كىلىدۇ. ئەگەر ياخشى بولغان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بولمىسا، ئادەتتە ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ياخشى بولمايدۇ، بۇ ئاساسى جەھەتتىن ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىيەت.
    تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئىرى دائىم ئايالىنى تىللاپ ھاقارەتلەيدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى چوڭ بولغاندىن كىيىن، كۆپىنچىسىنىڭ ئىجتىمائى مۇناسىۋىتى ناچار، خارەكتىرى ئادەمگە يېقىن كەلمەيدىغان ھەم باغرى قاتتىق بولۇپ قالىدىكەن؛ ئىرى ھەمىشە ئايالىنى ئۇرىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار بولسا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا ئېغىز بۇزۇپ ئادەم تىللايدىغان، توپلىشىپ جىدەل چىقىرىدىغان بولىدىكەن.

-4-
يانفوننى قولىدىن چۈشۈرمەيدىغانلار ئائىلىسى
     بالىلار تاپشۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا، سىز بىر چەتتە يانفون ئوينايسىز؛ بالا كىتىپ ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، سىز دوستلار چەمبىرىكىڭىزنى يىڭىلايسىز؛ بالا سىزنىڭ ھەمراھ بولۇشىڭىزغا مۇھتاج بولغاندا سىز ياندا مىكرو بىلوگ كۆرىسىز....
    ھازىرقى ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۇچۇر دەۋرىدە، كىشىلەر ھەقىقەتەن يانفوندىن ئايرىلالمايدۇ، ئەمما قولدىن چۈشۈرمەسلىك لازىم بولىدىغان ھالغا كىلىپ قالغىنى يوق. سىز بالىلارنىڭ يېنىدا يانفونىڭىزنى ئويناپ ئولتۇرسىڭىز، بۇنى بالىلارغا ھەمرا بولدى دىگىلى بولامدۇ؟ سىزنىڭچە يانفوندىن بالىلارغا ياردەملىشىپ تاپشۇرۇقنىڭ توغرا جاۋابىنى تېپىشىپ بەرسىڭىز توغرا بولارمۇ؟
    ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ؛ بالىلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى ھەرگىز "ساختا" ياردەم ياكى ھەمرا بولۇش ئەمەس؛ ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزنى تىنچلاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ قېشىدا 30 مىنۇت قاراپ تۇرسىڭىزمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قېشىدا يانفونغا قاراپ 3 سائەت "ھەمرا" بولۇشىڭىزدىن ياخشى بولىدۇ.
    يانفوننى قايسى ۋاقىتتا ئوينىسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ئۇ يا كىتىپ قالمايدۇ ياكى قېچىپ كەتمەيدۇ؛ ئەگەر بالىلار سىزگە مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا سىز يانفون ئويناشنى تاللىسىڭىز، بۇنىڭىدا سىز بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدىكى نۇرغۇنلىغان ھىكايىلىرى بىلەن ئۆتۈشۈپ كىتىسىز، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھىسياتىنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز، بالىلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغان پۇرسەت تېخىمۇ بولمايدۇ.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ دوراش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاتا-ئانىلار يانفون ئويناش بىلەن بىرگە، بالىلىرىمۇ ئۇلارنى دوراپ ئۈگىنىدۇ. ئاخىرى بېرىپ بالىلار ھەقىقى تۈردە يانفونغا ئاشىق-خۇمار بولۇپ قالغاندا، سىز ئاندىن يانفوننىڭ ئەسلىدە ئادەمنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
     بارلىق بەخىتلىك بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ. ئائىلە ئاتا-ئانىلارنىڭ دۇنياسى، بالىلارنىڭ باغچىسى، بۇ بولسا بەخىتلىك بىر ئائىلىنىڭ بولۇشقا تىگىشلىك ھالىتى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号