ئاتا-ئانىلارنىڭ بەش خىل دەرىجىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ كىيىنلىكىنى ياخشى ئويلىشىشى كىرەك.
دۇنيادا ھەممىدىن ساپ بولغان مۇھەببەت، تۇغقانلىق مىھرىدۇر؛ ئەڭ ئۇلۇغ ئادەملەر ئاتا-ئانىدۇر. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا بولغان مۇھەببىتى، ئۇلارنى ھەرقانداق جەۋرى-جاپالارنى يىڭىپ، تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن بالىسىنى ئاسرايدىغان ھەم ئۇلارغا ھەمرا بولىدىغان قىلىدۇ.
بىراق ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ دەرىجىسى بار، يەنى بالىسىغا مىھرىنى بىرىشتىكى 5 خىل دەرىجىسى بار؛ سىز قايسى دەرىجىگە تەۋە، كۆرۈپ بېقىڭ!
بىرىنچى دەرىجە: بالىسى ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيىش
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى مولچىلىقتا بېقىش لازىم، مەيلى ئۇلار نىمىنى تەلەپ قىلمىسۇن، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇلارنى قانائەتلەندۈرۈش لازىم دەپ قارايدۇ.
ئەلۋەتتە، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، بالىلارغا بۇ خىل يۇقىرى "سۈپەتلىك" تۇرمۇش بەرسەك، بۇنىڭدىمۇ چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ؛ بۇ خىل تۇرمۇش بالىلارغا پۇل ئېلىپ كەلگەن راھەتلىك ۋە گۈزەللىكنى تۇنۇتۇپ، ئۇلارغا تىرىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرىدۇ.
بىراق، ئەگەر بالىڭىز باھاسى ئونمىڭدىن ئاشىدىغان ئالما تېلفون ئېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا، سىزنىڭ ئايلىق مائاشىڭىز بولسا ئاران 3000يۈەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنە ئۇنىڭ بۇ تەلىۋىنى قانائەتلەندۈرسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ خىل ئاتالمىش "مولچىلىقتا بېقىش"، بالىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە كۆندۈرۈپ قويغىنىڭىز بولىدۇ.
ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى مىھرى-مۇھەببەت، ئاندىن پەقتە ماددى جەھەتتە قانائەتلەندۈرۈشتىلا ئەكىس ئىتىدۇ. ھەقىقى تۈردىكى "مولچىلىقتا بېقىش" بولسا، بالىلارنىڭ قەلبىگە بىر خىل نۇرچاقناپ تۇرىدىغان ئۇرۇغنى تېرىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاياتىدا، ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۈمىدۋار روھى كەيپىياتىنى ساقلاپ، ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشتۇر.

ئىككىنچى دەرىجە: بالىسى ئۈچۈن ۋاقتىنى سەرپ قىلىشقا كۆزى قىيىش
سىز بالىڭىزغا ياخشىراق ھەمرا بولۇپ باقمىغىلى نەچچىلىك ۋاقىت بولدى؟
بىز ھەمىشە مەن ئالدىراش دەپ ئۆتىمىز؛ پۇل تېپىش بىلەن، مىھماندارچىلىققا بېرىش بىلەن، سىمىنا قوشۇپ ئىشلەش بىلەن ئالدىراش بولىمىز؛ ھازىرقى دەۋردىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بېسىمى بەك ئېغىر؛ بالىسىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ھەر كۈنى سۇغۇقنى سۇغۇق ئىسسىقنى ئسسىق دىمەي ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.
بىراق پۇلنى مەڭگۈ تېپىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما بالىڭىزنىڭ گۆدەكلىك دەۋرى پەقەت بىرلا قېتىم بولىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمرالىقى كەمچىل بولغان بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكى توسۇق مەڭگۈ كەتمەيدۇ، بۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارلىقنىڭ بارغانسىرى يېراقلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىغا ھەمرا بولۇش دىگەنلىك ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ يېنىدىن كەتمەي تۇرۇڭ دىگەنلىك ئەمەس بەلكى كۈندە ئۆتگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، يانفونىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىۋالماي، بالىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ بىرىڭ، ئۇلار يولۇققان قىزىقارلىق ئىشلارنى ئاڭلاڭ، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ئازراق ئوينىشىپ بىرىڭ دىگەنلىكتۇر.ئاتا-ئانىسىدا يېنىدا ھەمرا بولغان بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجە: تەربىيىلەش نىشانى بار بولۇش
تەربىيىلەش نىشانى، سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە قاندان ئادەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىشىڭىز، ھەمدە مۇشۇ نىشان ئاساسىدە پىلان تۈزۈپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلارنىڭ يىتەكچىسى، ئۇلارنىڭ ئورنىدا قارار چىقارغۇچى ئەمەس، شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەقەت يىتەكلەش رولىنى ئوينىشى لازىم.
بەزىلەر بالىسىنىڭ مەكتەپتە نەتىجىسى بىرىنچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنى بىراقلا بىر نەچچە تەكرار كۇرۇسلىرىغا قاتناشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭدا بالىلار كۈندە دىگۈدەك ئارام ئالالماي بىر خىل جىددى كەيپىيات ئىچىدە ئۆتىدىغان بولۇپ، كۆز ئەينىسىنىڭ گىرادوسى ئۆرلىگەندىن باشقا، ئۆگىنىش جەھەتتىكى نەتىجىسىدە ئازراقمۇ ئىلگىرلەش كۆرۈلمەيدۇ.
بىز يۇقىردا ئېيتقان نىشان، بالىلارنىڭ نىشانىنى كۆرسىتىدۇ، سىزنىڭ ئەمەس.
ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ قىزىقىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش رېتىمىغا ماسلىشىشى، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە نىشان بىكىتىپ چىقىپ، ئورتاق تىرىشىش يۆنىلىشىگە ئايلاندۇرۇشى لازىم.
تۆتىنچى دەرىجە: ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىش
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مۇھەببەتنى باھانە قىلىپ بالىلارغا بېسىم ئىشلىتىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كىيىنلىكىنى بالىلارغا تاپشۇرماقچى بولىدۇ. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىچۇ؟ ئۇخلاشقا تىگىشلىك بولغاندا ئۇخلايدۇ، ئويۇنلىرىدىن قالمايدۇ، پەقەت بالىلىرىنىڭ كەينىدە ھەيدەكچىلىك قىلىپ قويسا بولىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئاتا-ئانىلار ئەسلى نۇسخا، بالىلار بولسا كۆپەيتىلگەن نۇسخا. ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرى ھۇرۇن تىرىشماس بولسا، ئۇلار قانداقمۇ تىرىشچان بالىدىن بىرنى تەربىيىلەپ چىقالىسۇن؟
مۇنەۋۋەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدۇ؛ ئۇلار بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ-چوڭ بولۇپ، ئۆز-ئارا ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستلاردىن بولىدۇ.
بەشىنچى دەرىجە: ئەمىلى سۆز ھەرىكەتلىرى بىلەن بالىلار ئۈچۈن ئۈلگە بولىدۇ
بىر قېتىملىق "دادام نەگە كەتتى؟" پىروگىراممىسىدا، پىروگىرامما گۇرۇپپىسىدىكىلەر ۋۇ زۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن پەقەت موما ۋە تۇخۇملا تەييارلاپ بەرگەن؛ ۋۇ زۈننىڭ ئىككى بالىسى ناھايىتى بەك ئۈمۈدسىزلىنىپ، ئۆزىنىڭ يىگۈسى كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ۋاقىتتا ۋۇ زۈن ئۇلارنى مەجبۇرلىماستىن، بەلكى ئۆزى بىر مومىنى ئېلىپ مەززە قىلىپ يىيىشكە باشلىغان؛ بۇ ۋاقىتتا بالىلىرى ئۇنىڭدىن "سىز نىمىشقا ھەممە نەرسىنى يەۋىرىسىز" دەپ سورىغاندا، ۋۇ زۈن ئۇلارغا ئاشلىقنى ئىسراپ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى نامرات رايۇندىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ ھەتتا مومىمۇ يىيەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ جاۋاپ قىلغان.
ئىككى كىچىك بالا بەلكىم دادىسىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى تازا چۈشىنىپ كىتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇلار يەنىلا خۇشال ھالەتتە دادىسىغا ئەگىشىپ موما يىيىشنى باشلىغان.

بىز بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلساق، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز شۇنداق ئادەمگە ئايلىنىشىمىز كىرەك.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا بولغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇھەببىتى، بالىسىغا پۇل ياكى مۈلۈك قالدۇرۇشلا بولماستىن، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇش ھەمدە ئۇلارغا "مەن قىلالىدىم، ئىشىنىمەنكى سەن ماڭا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى قىلالايسەن" دەپ ئېيتىش.