ئانىنىڭ "ساقلاش ۋاقتى" ئاران ئون يىل بۇلىدۇ دادىنىڭمۇ ھەم شۇنداق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
لۇڭ يىڭتەي مۇنداق دىگەن: ئاتا ئانىنىڭمۇ " ساقلاش ۋاقتى "بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن قىسقا، ئاران ئون يىل.
بالىلار 10 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئاتا ئانا ھەر قانچە تىرىشسىمۇ ھېچنىمىگە پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلار ئۆتۈپ كەتتى؛ بۇ ئادەمنى ناھايىتى شۈركەندۈرىدىغان بىر ئەھۋال، ئەمما بۇ رىئاللىق.
تىلىۋىزىيە فىلىمى "جۇڭگۇچە مۇناسىۋەت" فىلىمىدە مۇنداق بىر بۆلەك بار: 45 ياشلىق ما گو لىياڭ ئايالى لىيۇ لى لى بىلەن ئاجراشماقچى بۇلۇپ، بالىسىنىڭ ھامىلىق ھوقۇقىنى تالىشىپ، بىر بىرىگە يول قويمايدۇ؛ ما گولىياڭ سەبىلەرچە ئۆزى بۇ ئۆي ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن، بالىسىنىڭ ھامىلىق ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىشى ئەلۋەتتە ھەقلىق دەپ قارايدۇ؛ ئەمما ما گولىياڭ بالىسىنىڭ نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىغىنىمۇ بىلمەيدۇ، بالىسىغا قىلىپ بەرگەن تامىغىنىڭ تېتىمسىزلىغىدىن ئۆزىمۇ يىيەلمەيدۇ، تېخى ئايالىدىن بالىنى قەستەن ئۆزىگە قارىتىۋالدى دەپ ئاغرىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئايالى ئۇنىڭدىن "بالا شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغان تۇرسا، ئۆزۈمگە قارىتىۋالىمەن دەپلا قارىتىۋالغىلى بولامدۇ ؟" دەپ سورىغاندا ما گولىياڭ جاۋاب بىرەلمەيلا قالىدۇ. ئاخىرىدا ما گولىياڭنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن قەتئىنەزەر بالىسى ئاپىسى بىلەن تۇرۇشنى تاللايدۇ.

ئەمىلىيەتتە سىز بالىڭىز چوڭۇپ بولغاندا ئاندىن، مەن ئەسلىدە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ بالامغا ھەمرا بۇلۇشۇم كىرەككەن دىگەن ئويغا كەلسىڭىز، سىزنىڭچە بۇنىڭ پايدىسى بارمۇ؟ كەچۈرۈڭ، كىچىكىپ قالىسىز، بالىڭىز ئاللىقاچان سىزنىڭ ھەمرا بۇلىشىڭىزغا مۇھتاج بولمايدىغان بۇلۇپ بولدى؛ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، سىزنىڭ "ساقلاش ۋاقتىڭىز" ئۆتۈپ كەتتى.
لۇڭ يىڭتەي مۇنداق دىگەن: ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا ئانا ھەرقانچە تىرىشسىمۇ، 10 يىلنىڭ ئالدىدىكىدەك ئۈنۈمى بولمايدۇ؛ سىز پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزنى ئەيىپلىسىڭىزمۇ، چۈشەندۈرسىڭىزمۇ پايدىسى بولمايدۇ، بالا كىچىك ۋاقتىدا سىز نىمە قىلغانىدىڭىز ؟

ئاتا ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىمۇ "ئۈنۈملۈك ۋاقىت" بۇلىدۇ. ئەگەر سىز قەدىرلەشنى بىلمىسىڭىز، بۇ قىممەتلىك سوۋغاتتىن ئايرىلىپ قالىسىز؛ بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىڭىز يا ئۆزىڭىز ئاستا-ئاستا چىكىنىپ چىقىسىز ۋە ياكى بالىڭىزنىڭ سىزنى تېپىپ چىقىرۋىتىشىنى ساقلايسىز.
جۇڭگۇ شەھەرلەردىكى ئاتا بالىلار تەكشۈرۈش دوكلاتى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، %70 جۇڭگۇلۇق ئاتا – ئانىنىڭ بالىسىغا ھەمرا بۇلىدىغان ۋاقتى چىقمايدىكەن، پەقەت %30 ئاتا – ئانىلار بالىسىغا ھەمرا بۇلۇشقا يىتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتالايدىكەن؛ مەخسۇس بالىسىغا قارايدىغان پۈتۈن ۋەزىپىلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ نىسبىتى %10 كىمۇ يەتمەيدىكەن؛ %73.13 ئاتا–ئانا خىزمەت سەۋەبلىك بالىسىغا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدىكەن؛ %67.75 بالا بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا تاپشۇرۇلىدىكەن، ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاتا – ئانىلارنىڭ نىسبىتى ئاران %33 بولىدىكەن؛ ئۇندىن باشقا ئۈچتىن ئىككى قىسىم بالىلار دائىم يانفون، ipadقاتارلىقلار بىلەن ھەمرا بولىدىغان بۇلۇپ، ئاران بەشتىن بىر قىسىم ئاتا-ئانا بالىسى بىلەن ھىسيات ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىكەن.
يۇقارقى كىشنى ئويغا سالىدىغان بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىزگە بىر رىئاللىقنى كۆرسەتتى: بىزنىڭ بالىلىرىمىز گەرچە ئاتا-ئانىسى كۆز ئالدىدا بولسىمۇ لىكىن يەنىلا يىتىم بالىلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
لىيۇ يوڭ مۇنداق دىگەن: نۇرغۇن دادىلار بالىلىرى سىزغان رەسىمدە قولى يوق ھالەتتە سىزىلىدۇ، نىمىشقا ؟ چۈنكى بالىنىڭ خاتىرسىدە دادا بىر سايىگە ئوخشاش تۇتقىلى بولمايدىغان بۇلىدۇ.
جۇڭگۇ ياشلار گىزىتى مۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان: %94 تەكشۈرۈش ئوبىكتى ئۆز يېنىدا "سايىغا ئوخشاش دادا" بارلىقىنى ئىتراپ قىلغان.
ئۇنداقتا دادىلار نەگە كەتتى ؟ سىمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتامدۇ ياكى مىھماندارچىلىقتىمۇ ؟ ماجىياڭ ئويناۋاتامدۇ ياكى يانفونمۇ ؟ ئۇلار راستلا بالىسىغا ھەمرا بۇلىدىغان ۋاقىت چىقىرالمامدۇ ياكى بالىسىغا ھەمرا بۇلۇشنىڭ ئىنتايىن جىددى ھەم مۇھىم ئىش ئىكەنلىگىنى ئەسلا ھىس قىلالمىغانمۇ؟
دادىلار بۇ دەۋردىكى ئەڭ كەمچىل بۇيۇمدۇر.

لۇڭ يىڭتەي مۇنداق دىگەن: بالىلار بىزگە نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك بىر سوغات، لىكىن سىز ئۇنى قەدىرلەشنى بىلمىگىنىڭىزدە، بۇ قىممەتلىك سوغاتتىن ئايرىلىپ قالىسىز.
12 – 0 ياشقىچە بولغان ئارلىق، ئاتائانا بالىسىغا ھەمرا بولۇپ تەربىيىلەيدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالتۇن ۋاقىت ھىسابلىنىدۇ؛ ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇھىم، ئىشىنىشكە بولىدىغان، تايىنىشقا بولىدىغان، ئۆزىنىڭ بارلىغىنى بېغىشلاشقا بولىدىغان، ئەمما ئاتا -ئانا تەرپىدىن ئەڭ ئاسان ساقىت قىلىنىدىغان ۋاقىتتا پەرزەنتىڭىز تېخى كىچىك، ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدۇ.
ياخشى يىيىش ۋە ئىچىش، توققۇزى تەل بۇلۇش، بۇ چوڭ مەسئۇلىيەت، لىكىن ئاتا – ئانىلار بىلىپ-بىلمەي ئەڭ مۇھىم بولغان بالىسىغا ھەمرا بولۇشقا سەل قارايدۇ.

" ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالتۇن ۋاقىت" تا ئاتا -ئانا ھەمرالىقى ۋە تەييارلىقى كەمچىل بولغان بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئاسانلا مەسىلە كۈرنىدىكەن.
بەخىت تۇيغۇسى تۈۋەن بۇلۇش:
ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ پۈتكۈل دۇنياسى، ئاتا-ئانىنىڭ ھەمرا بۇلۇشى كەمچىل بولسا بالىنىڭ دۇنياسى تۇمانلىققا ئايلىنىدۇ؛ ئاتا-ئانىسى ھايات تۇرسىمۇ، بالىلارغا ھەمرا بولمىسا، بالىلار يەنىلا تىرىك يىتىمغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۆزىنى كەمسىتىش :
جورج.مەنسىر بىر ماتروس، ئوغلى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يېراق دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ كىتىپ، ئۈچ يىلدىن كىيىن قايتىپ كىلىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوغلىنىڭ غەيرى مىجەز، ئىش ھەركەتلىرىمۇ غەلىتە، ئۆزىنى كەمسىتىش ئىدىيىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ قالغانلىغىنى بايقايدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئويناشنى خالىمايدۇ؛ ئۇنىڭدا بالىلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك سەبىلىك ۋە تىتىكلىكتىن قىلچىلىك ئەسەر يوق ئىدى.
پىسخىلوگىيەدە بۇ خىل ھادىسىنى "ئاتا مىھرى كەمچىللىك ئونۋېرسال كىسەللىكى" دەپ ئاتايدۇ.
دادا كۈچنىڭ سىموۋولى، جەسۇر، كەسكىن، نەزەر دائىرسى كەڭ، بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆلگىسىدۇر؛ ئۇ يوق بۇلۇپ قالغان چاغلاردا بالىلار ئاسان قورقىدىغان، غەم ئەندىشە قىلىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.
پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر بولالماسلىق :
كىرىستى بولسا بىر لاھىيەلەش ئۇستىسى، 13 ياشتىن بۇرۇن ئۇ ئاتا -ئانىسى بىلەن بىرگە ياشاپ باقمىغان، بوۋىسى ۋە مومىسى ئۇنىڭغا ئاتا -ئاناڭنىڭ پۇل تېپىپ سىنى ئوقۇتمىغى ئاسان ئەمەس، سەن گەپ ئاڭلىشىڭ كىرەك دەيتتى. ئۇ باشقىلار تەرپىدىن بوزەك قىلىنسا ياكى مۇئەللىم ئاچچىقلىسا، دەردىنى كىمگە سۆزلەشنى بىلمەيتتى؛ چۈشىنەلمەيدىغان تاپشۇرۇقلار بۇلۇپ قالسا ئۆزى يالغۇز يېرىم كىچىلەرگىچە ھەپىلىشىپ كىتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاستا ئاستا مەسىلىنى كۆڭلىدە ساقلىۋىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويمايدىغان، يىگۈسى ۋە سېتىۋالغۇسى بار نەرسىلەرنى دىيەلمەيدىغان بۇلۇپ ئادەتلىنىپ قالدى.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار دائىم خىزمەتنى باھانە قىلىۋالىدۇ، ئۇلار دائىم "مەن ئالدىراش تۇرسام بالىغا قاراشقا نەدىمۇ ۋاقتىم بولسۇن"، "ئەجىبا مىنىڭ بالىغا ھەمرا بولغۇم يوقمۇ، ئۇنداقتا كىم ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ"، "ھەم پۇل تېپىشقا چاپسام، ھەم بالىغا ھەمرا بولسام، مىنى ئىككىگە بۆلۈنەلەيدۇ دەمسەن" دىگەن گەپلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

"باي دادام، نامرات دادام" ناملىق ئەسەردە مۇنداق يېزىلغان: ئاتالمىش مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش بولسا ئۆز بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالىشتۇر.
بالىلارنىڭ ئۈمىت قىلىدىغىنى سىزنىڭ نۇرغۇن پۇل تېپىپ كىتىشىڭىز ئەمەس، چوڭ ئازادە ئۆي سېتىۋىلىشىڭىزمۇ ئەمەس، چىرايلىق بىر ماشىنا سېتىۋىلىشىڭىز تېخىمۇ ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئۈمىت قىلىدىغىنى پەقەت مەكتەپتىكى ئاتا ئانىلار سۆھبەت يېغىنىدا سىزنىڭ سىمايىڭىز بۇلۇش، ئۆيگە قايتىپ ئىشىكنى ئاچقاندا سىزنىڭ سىمايىڭىزنى كۈرۈش خالاس.
ئاۋباما بىرىنچى قېتىم زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتناشقان ۋاقىتتا، كۆرەڭلىگەن ھالدا مۇنداق دىگەن: مەن بەلكىم ياخشى زۇڭتۇڭ بولماسلىغىم مۇمكىن، ئەمما مەن چوقۇم بىر ياخشى دادا، چۈنكى مەن ئۆتكەنكى 21 ئايلىق سايلامغا قاتنىشىش جەريانىدا قىزلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يېغىنىنى بىر قېتىممۇ تاشلاپ قويمىدىم.
ئاۋبامانىڭ ئايالى مىشېل، ئىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تۇلۇق ۋە ياخشى ئادا قىلىدىغانلىغىنى دائىم ماختايدۇ؛ ئۇ نەچچە قېتىملىق نۇتقىدا ئىرىنىڭ ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتا قىزلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىغى، ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا سەۋىرچانلىق بىلەن جاۋاب بىرىدىغانلىغىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
شۇنداق، ئامىركا زۇڭتۇڭىنىڭمۇ بالىلىرىغا ھەمرا بۇلىدىغان ۋاقتى بار، ئەجىبا سىز ئامىركا زوڭتۇڭىدىنمۇ ئالدىراشمۇ ؟
لۇڭ يىڭتەي مۇنداق دىگەن : "بالىلارنى تەربىيەلەشتە، ئۆز ئىش ھەركىتى ئارقىلىق ئۆلگە بۇلۇش ۋە ھەمرا بۇلۇشتىن باشقا ھېچبىر توغرا، ئۈنۈملۈك يول يوق".
شۇڭلاشقا بالىلىرىڭىزغا ھەرگىزمۇ "داداڭ بۈگۈن سىمىنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، سىنىڭ ئاتا ئانا سۆھبەت يېغىنىڭغا قاتنىشالمايمەن ! " دىمەڭ.