ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىيىشنىڭ پايدىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
    شىياۋ ۋاڭ كىچىكىدىن باشلاپلا توخۇ تۇخۇمى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئانىسى ھەر كۈنى ئەتىگەن ئۇنىڭغا بىر تال توخۇ تۇخۇمى پىشۇرۇپ بىرەتتى؛ بىراق يېقىندا شىياۋ ۋاڭ ھامىلدار بولغاندىن كيىن، ئانىسى توخۇ تۇخۇمىنى غاز تۇخۇمىغا ئالماشتۇردى؛ شىياۋ ۋاڭ غاز تۇخۇمى يىيىشكە كۆنەلمەي، غاز تۇخۇمىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىدىن گۇمانلىنىپ، توخۇ تۇخۇمى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تۇخۇم، غاز تۇخۇمى چوقۇم توخۇ تۇخۇمىغا يەتمەيدۇ دەپ قارىدى. ئەمما ۋاڭ ئانا بۇنداق دەپ قارىمايتتى؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، غاز تۇخۇمى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى ياىشى تۇلۇقلىيالايدىغان بولۇپ، قورساقتىكى بالىغا ۋە ھامىلدار ئايالغا پايدىلىق ئىدى. ئۇنداقتا ۋاڭ ئانىنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى توغرىمۇ؟

    ئەمىلىيەتتە، ھامىلدار ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە غاز تۇخۇمى يەپ بەرسە، ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، كونكىرتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تۆۋەندىكىدەك بەش خىل پايدىسى بار:
1. ھامىيلە زەھىرىنى تازىلايدۇ.
   بەزى بالىلار تۇغۇلۇشىدىلا، ئۇلاردا جاۋغاي ياللۇغى، سېرىقلىق چۈشۈش(黄疸)قاتارلىق تىرە كىسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھەپتىسىگە 3-2 غاز تۇخۇمى يەپ بەرگەندە ھامىيلە زەھىرىنى تازىلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كىيىن تىرە كىسىلى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
2. قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ، سۇغۇقتىن ساقلايدۇ.
   ھازىر قىش كىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ، تىمپىراتۇرا تۆۋەن، ئادەمگە ئاسانلا سۇغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتلار ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنى ئاسراشقا دىققەت قىلمىسا، ئۇلارغا ئاسانلا سۇغۇق ئۆتۈپ قېلىپ، بىر تۈرلۈك ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭگۇ تىبابىتىدە قارىلىشىچە، غاز تۇخۇمىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، قۇۋۋەت ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەگەر قاتتىق سۇغۇق چۈشكەن مەزگىللەرگە ئۇچراپ قالساق، مۇۋاپىق تۈردە غاز تۇخۇمى يەپ، سۇغۇق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.

3. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنى تۇلۇقلايدۇ.
    غاز تۇخۇمى تەركىبىدە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالىرى، مىنرال ئىلمىنتلار ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەركىبلەر ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ئاسانلا سۈمۈرلىدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلدار ئاياللار خاتىرجەم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
4. ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
    كونىلاردا ئاتالمىش "بىر قېتىم ھامىلدار بولسا، ئۈچ يىل گالۋاڭ بولۇپ قالىدۇ" دىگەن گەپ بار، بۇ ئاساسلىقى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بەدەن ئورگانىزىمى سەۋەبىدىن ياكى مۇھىت ئامىلى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بولىدۇ. بۇنىڭدا مۇۋاپىق تۈردە غاز تۇخۇمى يىيىش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ ناچار كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
5. ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    غاز تۇخۇمىنىڭ تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى لېتىسىتىننىڭ چوڭ مىڭە ۋە نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا ئاكتىپ تەسىرى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号