دادىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئون مۇئەللىمدىن ئېشىپ كىتىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئاتاقلىق پىسخىلوگىيە ئالىمى گىردى مۇنداق دىگەن: "دادا بولسا ئۆزگىچە بولغان بىر مەۋجۇتلۇق بولۇپ، دادىنىڭ بالا تەربىيىلەشكە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر خىل تەسىرى كۈچى بار."
ئادەتتە بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالا دادا ئۈستىدىن نىمىنىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى، نىمىنىڭ دادا ئىكەنلىكىنى كۆزىتىپ يىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە نىمىنىڭ مۇستەقىل بولۇش ۋە جاسارەتلىك بولۇش ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىز يۈرگۈزىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، دادا بالىنىڭ جاسارەت توغرىسىدىكى دەسلىك كىتابى ھەمدە بالىنىڭ كىشىلىك ھاياتقا قەدەم قويىشىدىكى يول باشلامچىسى.
دادا بالىنىڭ ئەڭ ياخشى مۇئەللىمى
دادىنىڭ ساپاسى قانچە يۇقىرى بولسا، بالا شۇنچىلىك يۇقىرغا ئۆرلىيەلەيدۇ. ئەقىل-ئىداركقا تولغان ئاتا مۇھەببىتى ئارقىلىق بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە ياردەم قىلىش، ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بالا تەربىيىلەشنىڭ ئاچقۇچى.
توغرا يولغا يىتەكلەش، دادىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتى بولۇپ، دادا بالىغا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتى ئۈچۈن مەسئۇ بولۇش كىرەكلىكىنى ئۆگىتىشى كىرەك. ئادەتتە ھەر بىر مەسىلە كۆرۈلگەن بالىنىڭ كەينىدە كۆپىنچە مەسىلىسى بار دادا بولغان بولىدۇ.
بالىلارنىڭ %99 مۇۋەپپىقىيىتى، دادىنىڭ %1 ئۆزگىرىشىدىن كىلىدۇ
بالىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، بالىنىڭ دادىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشتىن باشلىنىدۇ. تەربىيىلىگىلى بولمايدىغان بالا بولمايدۇ، پەقەت تەربىيىلەشنى بىلمەيدىغان دادىلارلا بولىدۇ. ئادەتتە بالىلارنىڭ قىزىقىش-ھەۋەسلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش، تەنقىدلەشنىڭ ئورنىغا ماختاشنى دەسسىتىش، ئىمتاھان نەتىجىسىنى بالىلارنى باھالايدىغان ئۆلچەم قىلىۋالماسلىق كىرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، دادىلار "ھاماقەت دادا" بولۇۋىلىشنىمۇ ئۆگىنىۋىلىشى، بالىلارنىڭ يۈزىنى ئاياشنى بىلىشى كىرەك.
دادىلار "ئائىلە تەربىيىسى پىسخىكىسى"نى چوقۇم بىلىشى كىرەك
ئاكتىپ روھى ھالەتنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن پارلاق كەلگۈسىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئۈمىدۋار بولۇش، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى پارلاق نۇرلار بىلەن توشقۇزىدۇ؛ مۇستەقىل بولۇش، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى تاللاتقۇزىدۇ؛ ئۆزىگە ئىشىنىش، بالىلار ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلەش نىشانىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
دادا بالىسىغا چوقۇم بىرىشى تىگىشلىك بولغان ئون تۈرلۈك پەزىلەت
مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بار بولۇش؛ كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش؛ ئۈمىدۋار بولۇش؛ ئۆزىگە ئىشىنىش؛ سەمىمىي راستچىل بولۇش؛ تىرىشچان بولۇش؛ ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇش؛ مەسئۇلىيەتچان بولۇش؛ قەيسەر بولۇش؛ مۇستەقىل ئوي-پىكىرى بار بولۇش؛
دادىنىڭ "ساپا تەربىيىسى"
بالىنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىپ، ئۇلاردا بايقاشقا ماھىر كەلگەن بىر جۈپ كۆز يىتىلدۈرۈپ چىقىڭ؛ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، بالىلارغا ئوقۇشنى ئۆگىتىشتىن باشلاڭ؛ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ئۆگىتىپ، بالىلارنىڭ زىھنىنى بىر يەرگە يېغالايدىغان ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ؛ بالىڭىزنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا يۇقىرى ئۈنۈم سوۋغا قىلىڭ؛ بالىڭىزنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئىگەللەش ئىستىكىنى قوزغىتىڭ.

بالا تەربىيىلەشتىكى " 12نى قىلماسلىق"
ئاتا مىھرىنىڭ ئىدراكلىقىنى يوقىتىپ قويماڭ؛ بالىڭىزنى ھەمىشە سىزنىڭ "ئىدىيىڭىز" بويىچە ئىش كۆرىدىغان قىلىپ قويماڭ؛ ھەمىشە دادىلار ھوقۇقىنى پەش قىلىپ، بالىڭىزنى چەكلەپ قويماڭ؛ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بالىڭىزغا قارىتا ھۆكۈم چىقارماڭ؛ ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىش- ھەۋەسلىرىنى بالىڭىزغا مەجبۇرى تېڭىپ قويماڭ؛ بالىڭىزنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈچۈن سىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىپ، ئۇلارنى بۇنىڭغا كۆندۈرۈپ قويماڭ؛ "ئىرىشكەن نۇمۇرى" بىلەن بالىڭىزغا باھا بىرىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىڭ؛ بالىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ تۇرۇشتىن ساقلىنىڭ؛ بالىڭىز ئۈچۈن ھاياتلىق پىلانلىرى تۈزۈپ بىكىتىپ بەرمەڭ، بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بىرىڭ؛ تەتۈر مىجەز ياكى ئاسىيلىق پىسخىكىسى مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بالىڭىز بىلەن تەڭ قارشىلاشماڭ، ئۇلارنى ئىلمى ئۇسۇلدا يىتەكلەشكە كۆپرەك كۈچەڭ؛ بالىڭىزنىڭ شۆھرەتپەرەس پىسخىكىسىنى ئاشۇرۋىتىشتىن ساقلىنىڭ؛ بالىڭىزغا ئوينايدىغان ۋاقىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ بىرىپ، ئۇلارنى تور مەستانىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.

بالىلارنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەتتە خىل دەرسلىك
ئۈلگە بولۇش دەرسلىكى: لاياقەتلىك بولغان دادا، مۇنەۋۋەر كەلگەن بالىنىڭ باشلىنىشى؛
پىكىرلىشىش دەرسلىكى: تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يىتىش؛
مەسئۇلىيەت دەرسلىكى: دادا بولسا سۇ، بالا ئاندىن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان كىمە؛
تەنقىدى-تەربىيە دەرسلىكى: بالىلارنى توغرا بولغان ھاياتلىق يولىغا يىتەكلەش؛
ماختاش دەرسلىكى: ماختايدىغان گەپ-سۆزلىرىڭىزنى بالىڭىزدىن ئايىماڭ؛
مىھرىبانلىق دەرىسلىكى: بالىڭىزنىڭ ساغلام بولغان ئادىمىيلىك خارەكتىرىنى قۇرۇپ چىقىڭ؛
مۇۋەپپىقىيەت دەرسلىكى: ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇغ تېرىپ، تولۇپ پىشقان مىۋە ھۇسۇل ئېلىڭ.
بالىلار كۆڭلىگە ئەڭ ئازار بىرىدىغان 7 ئېغىز سۆز
"سەن بەك دۆتكەنسەن"؛
"كۆزۈمدىن يوقال!"؛
"شۇنچە يىللاردىن بىرى سىنى بىكارغىلا بېقىپتىمەن"؛
"ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟ كىيىنچە بىر نەرسە دىيىشەيلى"؛
"قاراپ تۇر، سىنى قانداق ئەدەپلەيمەنكىن قېنى!"
"قارا خوشنىمىزنىڭ بالىسىغا، سەندىن مىڭ ياخشى"؛
"ئەمدى چوڭ بولدۇم، مىنى باشقۇرالمايدۇ دەپ قالدىڭمۇ؟"