ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىنى تاتىلاشقا بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقى قىچىشىپ بىئارام بولسا تاتىلاشقا بولامدۇ؟ بۇ كۆپلىگەن ھامىلدار ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان بىئاراملىق بولۇپ، ئەگەر ھاۋا قۇرغاق بولۇپ كەتسە، بەدەندىكى تىرىلەر تېخىمۇ بەك قىچىشىپ بىئارام بولىدۇ. قىش كۈنلىرى ھامىلدار ئاياللاردا تىرىسى قىچىشىپ بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى تېخىمۇ كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ھودۇقۇپ كەتمەسلىك كىرەك.
    ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقى قىچىشىپ بىئارام بولغاندا، تاتىلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر قولىمىز بىلەن تاتىلىساق، ئاسانلا ئىغىر تاتىلاپ سالىدىغان بولۇپ، قورساق تىرىلىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىمىز، بۇنىڭدا ياللۇغلىنىپ قېلىش خەۋپى بار بولىدۇ؛ ئەگەر توختىماستىن تاتىلاۋەرسەك، بۇنىڭدا يەنە بالىياتقۇنى غىدىقلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بالىياتقۇ تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئەھۋالى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقى قىچىشىپ بىئارام بولغان ۋاقىتتا، قولدا تاتىلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، بۇنىڭدا باشقا ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ.
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، قورساق تىرىسى قىچىشىش بولسا، ھامىيلىنىڭ چوڭۇش جەريانىدا ئانىنىڭ قورساق تىرىسى ماس ھالدا چوڭۇپ كېرىلىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىق تالاسى ئۈزۈلۈپ  ھامىلدارلىق سىزىقچىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقتىن بولىدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتتا ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىغا زەيتۇن مېيى سۈرۈپ، يىنىك بېسىپ ئۇۋۇلاپ بەرسەك، قىچىشىپ بىئارام بولۇشنى پەسەيتىشكە بولىدۇ.
ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىنىڭ قىچىشىپ بىئارام بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
    تىرە قىچىشىش ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ بىئاراملىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ ھەمدە ھامىيلىگىمۇ پايدىسىز بولىدۇ. خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم  بولىدۇ.
1. تىرىگە ئاسراش قىلىش
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تىرە ئاسراش خىزمىتى ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، بولۇپمۇ قۇرغاق كەلگەن كۈز ۋە قىش كۈنلىرىدە؛ بۇنىڭدا ھامىلدار ئاياللار بەزىبىر ئىنچىكە نوقتىلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك، مەسىلەن تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇئەتتەر(香精)، ئىسپىرت قاتارلىق غىدىقلىغۇچى تەركىبلىرى بار بولسا بولمايدۇ، ئەگەر تىرىدە غەلىتە ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال ئىشلىتىشنى توختىتىش كىرەك.  ئادەتتە يەككە مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، مايلىقلىقى يۇقىرى بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق كىرەك.
2. توغرا ئۇسۇلدا يۇيۇنۇش
    يۇيۇنۇش تىرىنى ناھايىتى ياخشى پاكىزلىيالايدۇ، ئەمما توغرا بولمىغان يۇيۇنۇش ئۇسۇلى تىرىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياز پەسلىدە تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللار، بەدىنى نەمخۇش ھالەتتە تۇرۇپ، باكتىرىيىلەرگە كۆپىيىش مۇھىتى يارىتىپ بىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆپرەك يۇيۇنۇپ بىرىشى كىرەك.
    يۇيۇنۇش قېتىم سانىنى ياخشى كونتىرول قىلىش كىرەك بولۇپ، ئادەتتە ھەر كۈنى 2-1 قېتىم ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؛ يۇيۇنغاندىكى سۇ تىمپىراتۇرسىنى مۇۋاپىق قىلىش، سۇنىڭ بەك قىزىق بولۇپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ھەمدە ئىمكان قەدەر ئۆرە تۇرۇپ يۇيۇنۇش لازىم؛ بۇلاردىن باشقا سوپۇن قاتارلىق غىدىقلاش خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىمكان قەدەر ئاز ئىشلىتىش لازىم.
3. يىمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇش
   ھامىلدار ئاياللار ئىلگىرى تىرىسىدە بىنورماللىق پەيدا قىلغان يىمەكلىكلەرنى ئىسىدە چىڭ ساقلاپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتمىقى لازىم؛ بۇلاردىن باشقا يەنە تىرىنىڭ قىچىشىپ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىمكان قەدەر ئاز يىيىشى ياكى يىمەسلىكى لازىم.
4. مۇھىت پاكىز بولۇش
    مۇھىتنىڭ پاكىز بولماسلىقى ناھايىتى ئاسانلا ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىنىڭ قىچىشىپ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىلدار ئاياللار گۈل-گىياھلار كۆپ جايلارغا ئاز بېرىپ، گۈل پۇراقلىرىنىڭ رىئاكسىيە قىلىشى ۋە پاشا-قۇرتلارنىڭ چېقىۋىلىشىدىن ساقلىنىشى لازىم. بۇلاردىن باشقا يەنە تۇرىدىغان مۇھىتنىڭ تازىلىقىغىمۇ دىققەت قىلمىقى لازىم بولۇپ، يوتقانلارنى دائىم ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش ھەمدە كارۋات كىرلىقلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرماق لازىمدۇر.
     ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ۋە قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈلگەن بەزىبىر كىچىك ئىشلار ئۈستىدىمۇ، ۋاقتىدا دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورىشى لازىم؛ چۈنكى كۆپچىلىك بەزىبىر مەسىلىلەرگە قارىتا خاتا قاراشتا بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ھامىلدار ئاياللاردا بىنورماللىق كۆرۈلسە، چوقۇم بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ، مەسىلىنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۋالماق لازىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号