نەچچە كۈن ئىلگىرى ۋىيتنامدىكى بىر تىرىك كۆمۈۋىتىلگەن بوۋاق ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمىلىيەتتە ئۆزى تۇغقان بوۋاقنى كۆمۈۋىتىدىغان ياكى تاشلىۋىتىدىغان مىساللار تۇرمۇشىمىزدا ئىزچىل تۈردە ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى جى فامىلىلىك بىر ئەرنىڭ ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئىدىيىسى بار بولۇپ، ئۇ ئىزچىل تۈردە ئايالىنىڭ ئوغۇل تۇغۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئىدى. 2013-يىلى 12-ئايدا، ئۇنىڭ ئايالى قىز بوۋاقتىن بىرنى تۇغقاندىن كىيىن، جى فامىلىلىك بۇ ئەر ئائىلىسىدىكىلەردىن يۇشۇرۇن ھالدا بوۋاقنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىغا تىرىك پېتى كۆمۈۋەتكەن. كىيىنچە ساختا ياسالغان ئۆلۈپ كىتىش ئىسپاتى ئاشكارىلىنىپ چىقىپ، جى فامىلىلىك ئەر قېچىپ كەتكەن بولۇپ، 2014-يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگە كەلگەندە ساقچى تەرەپ ئاندىن جى فامىلىلىكنى مەلۇم بىر پويىز ۋوگزالىدا قولغا ئالغان.
يەنە ئوخشاشلا بوۋاقنى كۆمۈۋىتىش ۋەقەسى. 2012-يىلى 7- ئايدا پاكىستان ساقچى تەرەپ، يىڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقنى تىرىك كۆمۈۋەتكەن بىر ئەر كىشىنى قولغا ئالغان. تىرىك پېتى كۆمۈۋىتىلگەن قىز بوۋاق، بۇ ئەرنىڭ ئۆز قىزى بولۇپ، ئۇ تۇغما كىسەل تۇغۇلغان بولغاچقا، دادىسى ئۇنى تىرىك پېتى كۈمۈۋەتكەن. بۇ ئەرمۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا بولغان ئەيىبلەش كۈچكە ئىگە بولسا، بۇ ئەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.
فوتۇ ئاپارات ئاستىدىكى بوۋاق تاشلىۋىتىش ۋەقەلىكىنىڭ ھەقىقى ھالىتى
تۆۋەندە فوتۇ ئاپاراتى ئارقىلىق خاتىرلەنگەن بىر قىسىم بوۋاقلارنى تاشلىۋىتىش ۋەقەلىك خاتىرلىرى بولۇپ، ھەر بىر ۋەقەلىك ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
بوۋاق ئەخلەت ساندۇقى ئىچىدە يىنىككىنە مىدىرلاپ، ئىڭراپ يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ

بىر بوۋاق ساندۇق ئىچىگە سېلىنىپ تاشلاپ قويۇلغان


بوۋاقلار كۆپىسى بىلەن ئوراپ تاشلاپ قويۇلغان بوۋاق

ئەرمەك ئىت ئەخلەت ساندۇقىدىن يىمەكلىك ئىزدەۋىتىپ، تاشلىۋىتىلگەن بۇ بوۋاقنى بايقىغان


ئاۋمىن سارىيى بىناسىدا كالپۇكى تۇغما پۇچۇق كەلگەن تاشلىۋىتىلگەن بوۋاقتىن بىرسى بايقالغان

بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرماي قالمايدۇ.
سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 100مىڭ ئەتراپىدىكى بوۋاق تاشلىۋىتىلىدىكەن. 2011-يىلى خېبىي ئۆلكىسى تۇنجى بولۇپ "بوۋاقلار بىخەتەر ئارىلى" قۇرغاندىن باشلاپ، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن شەھەرلەر ئىلگىرى كىيىن بولۇپ "بوۋاقلار بىخەتەر ئارىلى" تەسسىس قىلىپ، تاشلىۋىتىلگەن بوۋاق ۋە يىتىم بالىلار ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي ھازىرلاپ بەردى.
بوۋاقلار نىمە ئۈچۈن رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋىتىلىدۇ؟ ئانالىز ماتىرياللىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇنچە كۆپ بوۋاقلارنىڭ تاشلىۋىتىلىشى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سەۋەپتىن بولىدىكەن:
1. بوۋاقلاردا فىزىلوگىيىلىك كەمتۈكلۈك بار بولغان توي قىلىشتىن ئاۋالقى مەجبۇرى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن، تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كۆپ قىسىم جايلاردا سۇغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، "يىڭى تۇغۇلغان نۇپۇسلاردا كەمتۈكلۈك كۆرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرلۇشى"نىڭ بىرىنچى ئۆتكىلىدە بوشاپ كىتىش پەيدا بولۇپ، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا تۇغۇلما غەلىتە شەكىللىك ھالىتىدە تۇغۇلۇپ قالغان ئادەملەرنىڭ سانى ئېشىپ كىتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. بۇ ھازىرغا كەلگىچىلىك، تىببى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر خۇلاسىلەپ چىققان، بوۋاقلارنى تاشلىۋىتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرىنچى چوڭ سەۋەپتۇر.
2. "ئوغۇللارنى ئەزىزلەپ، قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان" قالاق ئىدىيىنىڭ تۈرتكىسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا "ئوغۇللارنى ئەزىزلەپ، قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان" ئىدىيە ناھايىتى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر يولغان قويغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا زىددىيەت توقۇنۇشى كىلىپ چىقىپ، بەزىلەردە بالىسى ئوغۇل تۇغۇلسا قالدۇرۇپ، قىز تۇغۇلسا تاشلىۋىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
3. جىنسىيەت تەربىيىسىنىڭ ئاجىز ۋە كەمچىل بولۇشى بوۋاقلارنىڭ تاشلىۋىتىش مەسىلىسىنىڭ ئۈچىنچى سەۋەبى بولسا، جىنسىيەت تەربىيىسىنىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىشى ياكى كەمچىل بولۇشى؛ شەھەرلەردىكى كۆچمە نۇپۇس ۋە ياشلار، ھازىر نىكاھسىز بالا تۇغۇش ھەتتا بوۋاق تاشلىۋىتىش ۋەقەسىنى كۆپ سادىر قىلىدىغان ئىككى توپقا ئايلىنىپ قالغان.
بۇلاردىن باشقا، خەلق ئىشلار ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئاز بولمىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى چەكلىك، ئەمما ئۇلار تاشلىۋىتىلگەن بوۋاقنىڭ ئاخىرى بېرىپ جەمئىيەت پاراۋانلىق ئورنىنىڭ قوغدىشىغا ئىرىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ھەم بۇ سەۋەپلىك كىسەلگە گىرىپتار بولغان بوۋاقنى "تاشلىۋىتىلگەن بوۋاق" قاتارىدا تاشلىۋىتىدۇ؛
بىزدە "يولۋاس ئۆز بالىسىنى چىشلىمەس" دىگەن گەپ بار؛ ئۆز بالىسىنى تاشلىۋىتىش، دۇنيادىكى ئەڭ رەھىمسىز ھەم قەتئى كەچۈرۈشكە بولمايدىغان بىر خىل قىلمىشتۇر؛ بۇنداق باغرى تاش، رەھىمسىز كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش سالاھىيىتى بولمايدۇ ھەمدە ئۇلار ھامان قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.