ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغىرىقى—قىز بىلەن ئانىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈۋالدى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
ھازىرقى دەۋردىكى بالىلار ئاساسەن دىگۈدەك بالدۇر يىتىلىدۇ؛ ھازىرقى بالىلارنىڭ نۇرغۇن ئوي-پىكىرىلىرى ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇللىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قوبۇل قىلالمايدۇ ھەم چۈشەنمەيدۇ. بىز بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئىشىنى مىسالغا ئالساق، ھازىرقى بالىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىلا مۇھەببەتلىشىشكە باشلايدۇ؛ ئەمما ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار بالىلار بۇ يېشىدا پۈتۈن زىھنىنى ئۆگىنىشكە مەركەزلۈشتۈرۈشى كىرەك دەپ قارايدۇ، بىراق بەزى بالىلار بولسا ئەڭ ياخشى مەزگىللىرىدە ھىسىي-مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ.

ۋاڭ ھاممىنىڭ قىزى بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ۋاڭ ھامما ۋە ئۇنىڭ يولدىشى زىيالىلار ئائىلىسىدىن بولۇپ، ئادەتتە قىزىغا بىرقەدەر قاتتىق تەلەپ قوياتتى، قىزىمۇ ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ، ۋاڭ ھامما قىزىدىن بەكمۇ رازى ئىدى. ئەمما ۋاڭ ھاممىنىڭ قىزى بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا مەكتەپتە ئوقۇغۇسى يوقلۇغىنى ئېيتتى؛ ۋاڭ ھامما قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى، چۈنكى ئادەتتە قىزىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولۇپ، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەكتەپتە ئوقۇغۇسى كەلمەي قالغانلىقىنى چۈشىنەلمەيلا قالغان ئىدى. كىيىن ۋاڭ ھاممىنىڭ كوچىلاپ سورىشى نەتىجىدە قىزى ئەھۋالنى ئانىسىغا ئېيتتى. ئەسلىدە ۋاڭ ھاممىنىڭ قىزى بىر ئوغۇل بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھامىلدار بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇسى كەلمەسلىكتىكى سەۋەپ، ئۇ قارشى تەرەپ بىلەن توي قىلىپ قورسىقىدىكى بالىنى تۇغماقچى بولغانلىقى ئىكەن.
ۋاڭ ھامما قىزىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىنى باسالماي، ئۇنى بىر كاچات سالدى؛ قىزى ئانىسىنىڭ پوزۇتسىيىسىنىڭ قاتتىقلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال بالكونغا چىقىپ، ئانىسىغا ئەگەر ئۆزىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلمىسا، بىنادىن سەكرىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ بۇ ۋاقىتتا ۋاڭ ھاممىمۇ ئاچچىقىنى باسالماي تۇرغان بولغاچقا، ئۇمۇ ئويلاشمايلا قىزىغا "سەكرىسەڭ تىزراق سەكرە، مىنىڭ سەندەك ئار-نۇمۇسنى بىلمەيدىغان قىزىم يوق" دىگەن؛ ئەمما ۋاڭ ھاممىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاياغلىشا ئاياغلاشمايلا، قىزى راستىنلا بالكوندىن ئۆزىنى پەسكە تاشلىۋالغان. ۋاڭ ھامما بالكوندىن پەسكە قاراپ، قان ئىچىدە ياتقان قىزىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئاندىن بايام ئۆزىنىڭ ئاچچىقىدا قىزىنى بەك قىستاپ قويغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئۆزىنى قىزىغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلغان ھەمدە قىزىغا ھەمرا بولۇپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن، ۋاڭ ھاممىمۇ بالكوندىن پەسكە سەكرىگەن...

يۇقارقى ۋەقەلىكتىكى ئانا-بالا ھەر ئىككەيلەننىڭ ئىدىيىسى چەكتىن ئاشقان، جاھىل كەلگەن بولۇپ، ۋاڭ ھاممىنىڭ بالىسىنىڭ ئىشىغا بولغان ئىنكاسىمۇ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بىر مەيدان تىراگىدىيە يۈز بەرگەن. بالىلار ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىن چىققاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇش كىرەك؛ ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ بالىڭىزنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇلار تۇيۇقسىزلا ئۆزىنى تۈزەشتۈرىدىغان، ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىدىغان بولۇپ قالسا؛ ئۆگىنىش پوزۇتسىيىسى ئاكتىپ ئەمەس، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۆزلۈكسىز تۈردە تۆۋەنلەپ كەتسە ھەمدە كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىش بىر قەدەر چوڭ بولسا؛ ھەمىشە ئوغۇرلۇقچە تېلفون قىلىدىغان ياكى سىرتقا چىققاندا قەيەرگە بارىدىغىنىنى ئېيتمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەردائىم كەچ قالسا، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بۇلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك.

بالىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قېلىش ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ بىتەرەپ قىلىشتا قوللانغان خاتا ئۇسۇلى. بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قېلىشىغا قارىتا ئاتا-ئانىلار چوقۇم سۇغۇققانلىقنى ساقلاش كىرەك بولۇپ، ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قېلىشتىكى سەۋەبىنى ياخشى ئانالىز قىلىپ، بالىلارغا ماس كىلىدىغان توغرا بولغان يىتەكلەش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقماق لازىمدۇر. ئەمىلىيەتتە ھەقىقى تۈردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قالغان بالىلار، ئىللىقلىق كەم بولغان ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس بولغان ئائىلىلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ھىسياتى ئائىلىدە قانائەت ھاسىل قىلالمىغاچقا، ئۇلار سىرتتىن قانائەت ئىزدەيدۇ ۋە ئورنىغا دەسسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلاردا بالدۇر مۇھەببەتلىشىش كۆرۈلسە، ئاتا-ئانا بولغۇچى، بىر تەرەپلىمە ھالدا بالىسىنى ئەيىبىلىمەي، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كىرەك.

يەنە نۇرغۇن بالىلار بولسا ياشلىق مەزگىلىدىكى قىزىقىش تۇيغۇسى سەۋەپلىك بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتى تېخى تۇلۇق پىشىپ يىتىلمىگەن بولغاچقا، باشقىلارنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى كۆرسە، ئۇلارنىڭ سىناپ باققۇسى كىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ شۆھرەتپەرەس پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولىدۇ. بۇنداق خىلدىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قېلىشنى ئاسانلا توغرا يولغا يىتەكلەپ كەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن سىردىشىش ۋە بالىلار بىلەن ئىناق بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۇسۇللىرىنى قوللانسا بولىدۇ؛ پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بالىلار ئاندىن ئۆزىنىڭ ياشلىق مەزگىللىرىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە ياكى باشقا ئىشلارنى ئاتا-ئانىلىرىغا سۆزلەپ بىرىشنى خالايدۇ.
ئەگەر بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىغاندا، ئاتا-ئانىلار ھۇدۇقۇپ كەتمەستىن، دوستلار سۈپىتىدە بالىلارغا ياشلىقتا ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭۈل بوستانى ئېچىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقانلىقىنى، جىسمانى ۋە پىسخىكا ھەر ئىككى جەھەتتىن تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغانلىقىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش لازىم؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ھازىر ئۇلارنىڭ بىلىم ئىگەللەشتىكى ئالتۇن مەزگىل ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قېلىش سەۋەپلىك ئوقۇشىنى تاشلاپ قويسا، ئىستىقبالىنىڭ تۈگىشىپ كىتىدىغانلىقىنى تۇنىتىش كىرەك. بالىلارغا يۇقاردا ئېيتىلغان پايدا-زىيان مۇناسىۋەتلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قىلمىشىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى تۇنۇپ يىتەلەيدۇ.

ياشلىق مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قېلىش مەسىلىسىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يىتەكلىشى زۈرۈر بولۇپ، بالىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش كىرەك ھەمدە يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلگەن ۋەقەلىكتىكى ئانىغا ئوخشاش ئىتتىكلىك قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. ياشلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بالىلارنى قانچىكى قاتتىق باشقۇرغانسىرى، ئۇلارنىڭ تەتۈرلۈك قىلىش پىسخىكىسى شۇنچە كۈچلۈك بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا تېخىمۇ سۇغۇققان بولۇپ، بالىلاردا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا توغرا پوزۇتسىيە تۇتمىقى لازىمدۇر.