ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
1. ئۇزۇن مۇساپىلىك كاماندۇرۇپكا ياكى ساياھەتكە چىقىش
    ئاسان چارچاش، ئۇيقۇسى كۆپ بولۇش قاتارلىقلار ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالەمەتلىرىدۇر. ئۇزۇن مۇساپىلىك كاماندىروپكىغا چىقىش ياكى ساياھەتكە چىقىش، مەيلى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇڭ ياكى پويىزدا مېڭىڭ، ھەممىسى ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە ماسلىشالماسلىق ۋە بىئاراملىق ئالامەتلىرى پەيدا قىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا سىرتقى جايلاردىكى مۇھىت بىلەن تۇلۇق تۇنۇشلۇق بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئاسانلا تاساددىبىلىق يۈز بىرىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللار ساياھەت پىلانىنى كەينىگە سۈرۈشى، كاماندۇرۇپكىغا چىقىش ئىھتىياجلىق خىزمەتلەرنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشى كىرەك.
2. ئاخشىمى كىيىن ئۇخلاش
   80-يىللار ۋە 90- يىللاردا تۇغۇلغان "شەپەرەڭلەر"گە نىسبەتەن، ئاخشىمى سائەت 10دىن بۇرۇن ئۇخلاش كۈلكىلىك بىرگەپ ھىسابلىنىدۇ. ئەمما بۇنداقلار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل كىچىسى ئۇخلىماسلىقنىڭ ھامىلدار ئاياللارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېلىش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاسانلا خەتەرلىك ئەھۋال تۇغۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بولىدىغانلىقىنى ئىنىق تۇنۇپ يىتىشى كىرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىسى ئۇخلىماسلىق بالدۇر تۇغۇپ سېلىش خەتىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۋىتىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاياللار ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلاپ، ئەتىگىنى بالدۇر ئورنىدىن تۇرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك.
3. ھورداقخانىلاردا يۇيۇنۇش
   ھورداقخانا ئادەتتىكى ئادەملەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلسا ھېچقىسى يوق، ئەمما ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن چوقۇم چەكلىنىشى كىرەك. ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدەن سۈپىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي ئەزا ئىچكى قىسمىدىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا ھورداقخانىدا يۇيۇنغاندا ئاسانلا باكتىريەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھورداقخانىدىكى يۇقىرى تىمپۇراتۇرا ھامىلدار ئايال ۋە بالىلارغا نىسبەتەن ياخشى ئەمەس.
4. قالايمىقان دورا ئىچىش
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەتئى دور ئىچمەسلىك كىرەكمۇ؟ خاتا! ھامىلدارلىق مەزگىلدە ئىلگىركىگە ئوخشاش دورا ئىچىۋىرىش كىرەكمۇ؟ بۇ تېخىمۇ خاتا! ھامىلدارلىق مەزگىلدە ئاغرىپ قالساق بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ، ئەمما چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىخەتەر دورا ئىشلىتىشىمىز كىرەك؛ بولمىغاندا دورا ئىچمەسلىكتىن باشقا ئەگەشمە كىسەللىكلەر پەيدا بولۇپ قالسا، ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىپ كىتىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش شۇكى، خەلق ئارىسىدىكى يەرلىك رىتسىپلارنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىشلەتمەسلىك، ئەگەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئىشلىتىش كىرەك.
5. جىنسىي تۇرمۇش
    ئەمىلىيەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ئەمما ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بالىياتقۇدىكى ھامىيلە تۇلۇق تۇراقلىشىپ بولالمىغان بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇش يۇقىرى پەللىسى بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ.
6. ماشىنا ھەيدەش
    ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، دىققىتىنى يېغىش ئىقتىدارى ۋە نىرۋا رىفلىكىس ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بۇنداق ۋاقىتتا ماشىنا ھەيدىسە، ئادەتتىكىگە قارىغاندا قاتناش ھادىسىسى يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ؛ بولۇپمۇ يول ئەھۋالى ياخشى بولمىغان قار-يامغۇرلۇق كۈنلەردە ۋە كىچىلىرى، ھامىلدار ئاياللار ماشىنا ھەيدەشتىن تېخىمۇ ساقلىنىشى كىرەك.
7. چېچىنى بوياش ۋە بۈدرە قىلىش
    ھامىلدار ئاياللارمۇ گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بىخەتەرلىك بولۇشى كىرەك! چاچ بوياش ۋە بۈدرە قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ماتىرياللار غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىل غىدىقلاش تەسىرى ئادەمنىڭ تىرىسى ۋە نەپەسلىنىش يوللىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭلاشقا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چاچ بوياش ۋە چاچ بۈدرە قىلىشتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号