ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئاياللار پەرھىز تۇتۇشقا تىگىشلىك يىمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
1. پالەك
    كىشىلەر ئىزچىل تۈردە پالەكنىڭ تۆمۈر تەركىبى مول بولغانلىقتىن قان تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قان ئازلىق كىسىلى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى كۆكتات دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە پالەكنىڭ تۆمۈر تەركىبى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ئەكسىچە چۆپ كىسلاتاسى(草酸) تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى كىلىدۇ. چۆپ كىسلاتاسى ئادەتتە كالتسىي بىلەن سىنىكنىڭ سۈمۈرلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار بەدىنىدىكى سىنىك ۋە كالتسىينىڭ مىقدارى كېمىيىپ كەتسە، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. شاكىلات ۋە دولانا(山楂)
     شاكىلاتنى كۆپ يىيىش ھامىلدار ئاياللارنى تويۇنۇش ھىس قىلدۇرۇپ ئىشتىھاسىنى تۇتىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ سەمىرىپ كىتىشىنى ھەمدە بەدەنگە زۈرۈر بولغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ بولسا كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ھامىلدار ئاياللار چۈچۈمەل نەرسىلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك دولانا بەزى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ئامراق يىمەكلىكى بولۇپ قالىدۇ؛ ئەمما دولانانىڭ بالىياتقۇنى غىدىقلاپ ھاياجانلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتسە، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى پەيدا قىلىپ، ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك.
3. ئۇزۇن ساقلانغان ياڭيۈ
    ياڭيۈ تەركىبىدە بىئولوگىيىلىك ئىشقار بار بولۇپ، ياڭيۈنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزارغانسىرى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بىئولوگىيىلىك ئىشقار شۇنچىلىك كۆپ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ياڭيۈنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ھامىلىنىڭ نورمال تەرققى قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بوۋاقنىڭ غەلىتە شەكىلدە توغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن كونكىرتنى ئەھۋالىدا پەرق چوڭ بولۇپ، ھەممە ئادەمدە يۇقىردا ئېيتىلغان بىنورماللىق كۆرۈلۈشى ناتايىن، ئەمما بوۋاقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار يەنىلا ئاز يىگىنى ياخشى.
4. تەبىئىتى ئىسسىق بولغان تەم-خۇرۇچلىرى
    كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ، شاكال بەدىيان .... قاتارلىق تەبىئىتى ئىسسىق تەم-خۇرۇچلىرى ئاشقازان-ئۈچەي ئىچكى ئاجرالمىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈچەي يولىنىڭ قۇرۇپ قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، ئۇلار تەرەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم قورساققا بېسىم چۈشۈرىدۇ؛ بۇ بالىياتقۇدىكى ھامىلىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلە شۈك ياتمايدىغان، بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
5. لىجى(荔枝)
تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل بولۇپ، ھامىلىگە ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. ئانار
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قان ئازلىق كىسىلى بار بولسا، ئازراق يىيىش كىرەك.
7. تۇزلانغان كۆكتات ۋە باشقا تۇزلانغان يىمەكلىكلەر
تەركىبىدە نىتروزامىن(亚硝胺) بار بولۇپ، ھامىلىنىڭ غەلىتە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.
8. تاۋۇز
    ھەركۈنى ئىستىمال قىلىدىغان مىۋە مىقدارى 250 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك؛ تاۋۇزنى ئاز يىيىش لازىم، چۈنكى تاۋۇز سۈيدۈك ھەيدەيدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئاسانلا سۇسىزلىنىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. قەھۋە ۋە كولا تىپىدىكى ئىچىملىكلەر

   قەھۋە ۋە كولانىڭ ئاساسلىق تەركىبى كوفېئىن ۋە كولانىڭ (可乐宁) قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئىشقار بولۇپ، بۇلار مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى غىدىقلايدىغان ماددىلاردۇر. ھامىلە كوفېئىنغا ھەممىدىن بەك سەزگۈر بولۇپ، ئۇ تىز سۈرئەتتە ھامىلە ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىلىنى يامان تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.
10. پىلتە قۇيماق
    پىلتە قۇيماق يىيىشلىك كىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان ناشتىلىقى ھىسابلىنىدۇ، ئەمما ھامىلدار ئاياللار ئاز يىيىش كىرەك. تىببى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، پىلتە قۇيماقنى پىشۇرۇش جەريانىدا بەلگىلىك مىقداردا زەمچە قوشۇلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە پىلتە قۇيماقتىن ئىككىنى يىگەندە ئادەم بەدىنى 3 گىرام ئەتراپىدا زەمچە قوبۇل قىلىدىكەن. بىلىشىڭىز كىرەككى زەمچە تەركىبىدە ئاليومىن بار بولۇپ، يۇقىرى مىقداردىكى ئاليومىننىڭ ئادەم  مىڭىسىگە ئىنتايىن چوڭ زىيانلىق تەسىرى بار بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك ئەگەر ھامىلدار ئاياللار پىلتە قۇيماقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، زەمچە ئادەم بەدىنىدە يېغىلىپ كۆپىيىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ئاليومىن تەركىبىنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر بەدەندىكى ئاليومىن ھامىلە ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىلە بەدىنىگە ئۆتسە، ھامىلىنىڭ مىڭە تەرەققىياتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
11. قولايلىق يىمەكلىكلەر
    تىببى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھامىلدار ئاياللار قولايلىق چۆپ دىگەنگە ئوخشاش قولايلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىسە بولمايدىكەن؛ بۇ خىلدىكى قولايلىق يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ياغ ماددىلىرى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار داۋاملىق بۇ تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن بۇنىڭ بىلەن بىرگە ياغ كىسلاتاسى ھامىلە مىڭىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان مۇھىم ئۇزۇقلۇق تەركىب بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.
12. سۇغۇق يىمەكلىكلەر
    ھامىلدار ئاياللارنىڭ قېنى قىزىق كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەمىشە ناھايىتى ئىسسىپ كەتكەندەك ھىس قىلىدۇ، بولۇپمۇ تۇمۇز ياز كۈنلىرىدە تېخىمۇ شۇنداق؛ شۇڭا ئۇلار بۇنداق ۋاقىتلاردا سۇغۇق ئىچىملىك ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تىببى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، سۇغۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئۆت ۋە ئاشقازانغا ئاسان زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆزى ۋە ھامىلىنىڭ ئۇزۇقلۇق ئىھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号