ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنىڭ قولىنى ئىمىشى ئەقىللىقلىقنىڭ ئىپادىسى، ئۇنى توسىماڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بوۋاقلار ئۆز قولىنى ئىمىپ شۈمۈرسە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئەنسىرەپ كىتىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە ئەمدى نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن قولىنى ئىمىش نورمال بىر ئىش بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر بولغان بىر مەزگىل. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ئالدىراقسانلىق قىلىپ، بالىلارنىڭ قولىنى شۈمۈرىشىنى توسۇپ قويساق، بوۋاقلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى ھەمدە ئۇلارنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئادەتتە 12-0 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا قارىتا، ئاتا-ئانىلار مۇۋاپىق تۈردە ئۇلارنىڭ قولىنى ئىمىپ شۈمۈرىشىگە يول قويساق بولىدۇ.
بوۋاقلارنىڭ قولىنى ئىمىشىنىڭ سىھىرلىك تەسىرى
     1.  0-12 ئايلىق بوۋاقلارغا نىسبەتەن، قولىنى ئىمىش ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ سىگىنالى بولۇپ، بۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا چوقۇم باشتىن كەچۈرۈشكە تىگىشلىك بىر مەزگىل ھىسابلىنىدۇ، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلاردا بۇ خىل قىلمىشنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋالدۇر. ئەگەر سىز بۇ ئەھۋالدا بوۋاقلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى مەجبۇرىي ھالدا چەكلەپ قويسىڭىز، بۇ بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    2. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، "ئېغىز بوشلۇقى مەزگىلى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەزگىل بار بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك كەلگەن شۈمۈرۈش ئىستىكى بولىدۇ؛ بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلار ئېغىزى ئارقىلىق دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا سىز بوۋاقلارنىڭ دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىستىكىگە دەخلى قىلماسلىقىڭىز كىرەك.
     3. بوۋاقلار قولىنى ئىمىپ شۈمۈرۈش جەريانىدا، بۇ ئۇلارنىڭ شۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ، بەدىنىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە چوڭ مىڭە تەرەققىياتىنىمۇ ئىلىگىرى سۈرىدۇ.
    4. بوۋاقلارنىڭ قولىنى ئىمىپ شۈمۈرىشىنىڭ يەنە بىر خىل ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ جىددى كەيپىياتىنى تەڭشەشكە پايدىسى بار؛ بوۋاقلار قولىنى ئىمىش ئارقىلىق ئۆزىنى تىنچلاندۇرالايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سىز ئۇنى توسۇپ قالسىڭىز، بۇ بەلكىم بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كەمچىل بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بوۋاقلارنىڭ قولىنى ئىمىپ شۈمۈرىشىدە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
    1. بوۋاقلارنىڭ قولىنىڭ پاكىزە ساقلاش كىرەك. بالىلار قولىنى ئەمگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ باكتىرىيەلەرنى قوشۇپ سۈمۈرۋىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇمۇ دەل كۆپ-قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بوۋىقىنىڭ قولىنى ئىمىشىدىن ئەنسىرەيدىغان تەرىپىدۇر. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار پاختا ماتىرياللىق لۆڭگە ۋە ئىسسىق سۇدىن پايدىلىنىپ، بوۋاقنىڭ قولىنى پاكىزلاپ قويۇش كىرەك. بولۇپمۇ بوۋاقلار ئويۇنچۇق ئوينىغاندىن ياكى ئۆمىلىگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ قولىنى پاكىزلاپ قويۇشنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق كىرەك.
     2. بالىلارنىڭ تىرنىقىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرىشى كىرەك. تىرناق ئۆسۈپ قالسا، تىرناق ئاستى تەرپىدە نۇرغۇن باكتىرىيەلەر يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تىرنىقىنى ۋاقتىدا ئېلىۋىتىپ تۇرىشى كىرەك.
    3. بوۋاقلارنىڭ قولىنى پاكىز تۇتقاندىن سىرت، يەنە ئۇلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنىمۇ ھەمىشە يۇيۇپ ياكى سۈرتۈپ پاكىزلاپ تۇرۇش لازىم. بۇنىڭدا ئويۇنچۇققا يېپىشىۋالغان باكتىرىيەلەرنىڭ بوۋاقنىڭ قولىغا يۇقۇۋىلىشىدىن ساقلىنىشقا بولىدۇ؛ ئۇيۇنچۇقلارنى يۇيغان ۋاقىتتا بوۋاقلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سوپۇن بىلەن يۇيساق بولىدۇ. 
   ئاخىرقى خۇلاسە: بوۋاقلارنىڭ قولىنى ئىمىپ شۈمۈرىشىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بار، ئەمما بۇ ئۇلارنى خالىغانچە مەيلىگە قويىۋىتىشكە بولىدىغانلىغىدىن دىرەك بەرمەيدۇ؛ ئاتا-ئانىلار مۇۋاپىق تۈردە ئىمىش پىرىنسىپىنى ياخشى كونتىرول قىلىشى كىرەك. بۇندىن باشقا بوۋاقلار 1 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىنمۇ قولىنى ئىمىش قېتىم سانى يەنىلا كۆپ بولسا، بۇ ئەھۋالدا ۋاقتىدا توسۇش لازىم بولىدۇ، بولمىغاندا چوڭ بولغاندا قولىنى ئىمىدىغان يامان ئادەت شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号