ھەمىشە پۇل يوق دەپ قاقشاپ، بالىڭىزنى نابۇت قىلىۋەتمەڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
مەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمىشە پۇل يوقلىقىنى، كەمبەغەللىكىنى بالىلارنىڭ ئالدىدا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىكىگە قارشى تۇرىمەن. نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقەتەن پۇلى يوق بولغانلىقتىن، بالىسى ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلغان بەزبىر لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالالمايدۇ؛ ئەمما يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتسىمۇ، ئۇلار "پىخسىقلىق" قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغاچقا، سېتىۋىلىشنى خالىمايدۇ.
سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدىن باشلاپلا ئائىلىمىزنىڭ نامرات ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ بۇنى بىلىشىمىزنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق. ئەمما ئانامنىڭ ئىدىيىسى، تۇرمۇشى ۋە ھەر بىر گەپ-سۆزلىرى پۇلدىن ئايرىلالمايتتى؛ شۇڭا بىز تەبىئىلا "پۇل-مال" كىشىلىك ھاياتتىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلە دەپ قاراپ كەلگەن.
بۇ خىل تۇنۇش ئىنتايىن ئازاپلىق بولۇپ، ئادەمنى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىلىپ قويىدۇ ھەمدە قايغۇرۇپ ھەسرەتلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەسىلەن، مەن بىر قۇتا بۇياق سېتىۋالماقچى بولسام، بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ نۇرمال بىر خىل ئېھتىياج؛ ئەمما ئانام ماڭا 6 خىل رەڭلىك بوياق ئېلىپ بىرەتتى، باشقىلارنىڭ بولسا 12 خىل رەڭلىك ئىدى، ئانامنىڭ دىيىشىچە 6خىل رەڭلىك بوياق بىلەن 12 خىل رەڭلىك بوياقنىڭ پەرقى يوق بولۇپ، بىز نامرات بولغاندىكىن تىجەشلىك بولىشىمىز كىرەك ئىكەن. بىراق ئەمىلىيەتتە ئىككى خىل بوياقنىڭ پەرقى خېلى بار ئىدى؛ كىيىن مەن رەسىم سىزغاندا ياكى قولدا سىزىلغان گىزىت ئىشلىگەندە، ساۋاقداشلىرىمنىڭ بويىقىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلەتتىم؛ كىينچە ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىۋىرىشكە خىجىل بولۇپ، رەسىم سىزىشتىكى ئاكتىپلىقىممۇ يوق بولۇپ كەتتى.
يەنە مەسىلەن، بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاساسى جەھەتتىن يىڭى كىيىم كەيمەيتتۇق. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا ئانامنىڭ سىڭلىسىنىڭ كۆينەكلىرىنى كىيەتتىم؛ ئۇنىڭ كۆينەكلىرى ناھايىتى شوخ رەڭلىك ھەمدە چوڭلار پاسونىدا بولغاچقا، مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىم ھەمىشە مىنى مەسخىرە قىلىشاتتى، مۇئەللىممۇ مىنى كىچىك بالىدەك كىيىنمەيدۇ دەپ قارايتتى.
سىڭلىم تېخىمۇ بىچارە بولۇپ، يىڭى يىلدا ئۇنىڭغا بىر پاختىلىق چاپان ئېلىپ بەرگەن ئىدى، بۇ چاپاننىڭ يىڭى ئۇزۇن بولغانلىقتىن، سىڭلىم يىڭىنى بەش ئالتە قاتلاپ كىيەتتى، ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنىمۇ نەچچە قاتلاپ قويۇپ كىيەتتى؛ بىر قۇر يىڭى كىيىمنى بەش قېتىملىق يىڭى يىلدا كىيىپ، بەشىنچى يىلى ئۇنىڭغا دەل كىلىدىغان بولغان ئىدى. بۇ سىڭلىمنىڭ ھەقىقى كەچمىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كەتكەن: ئانام ئۇنى باقىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ياسىلىشى ئوغۇل بالىلارغا ئوخشاپ قالاتتى، كىيىنچە ئۆزى پۇل تېپىپ ئۆزىنى باقالىغۇدەك بولغاندىن كىيىن، گۈزەللىككە روھى كىسەلگە ئوخشاش ئىنتىلىدىغان بولۇپ كەتتى، گۈزەللىك ئۈچۈن قورسىقى ئېچىپ ئۈلۈپ قېلىشقىمۇ رازى ئىدى.
ئانام ئىلگىرى بالىلارغا ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بۇرۇنراق تۇنۇتساق، ئۇلارنىڭ تىرىشچان بولۇشىغا پايدىسى بولىدۇ، نامراتلارنىڭ بالىسى بالدۇرراق چوڭ بولۇپ، ئائىلە ئېغىرلىغىنى كۆتۈرىدىغان بولۇشى كىرەك دەپ قارايتتى. ئەمما ئەمىلىيەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمىشە پۇل يوقلىغىدىن ۋە كەمبەغەللىكتىن قاقشاپ داتلىنىشىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئادىمىيلىك ئۆسۈپ يىتىلىشىگە نىسبەتەن بولغان سەلبى تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بولۇپمۇ قىزلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنى ھەر بىر قەدەم ئېلىشىمۇ تەسكە توختايدىغان قىلىپ، ئۇلاردا ساناقسىز نامراتلىق كىسىلى ئاسارەتلىرىنى قالدۇرىدۇ.

پۇل يوقلىقىدىن داتلىنىشنىڭ بىرىنچى خىل شەكلى، ئېغىزىدا سۆزلەش بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىلارغا پۇل توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ، ھەرقانداق نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا، پۇل يوقلىقىدىن قاقشايدۇ:
"ئۆچۈرگۈچىڭىنى نىمىشقا يەنە يىتۈرۋەتتىڭ؟ ئەجىبا ئۆچۈرگۈچ پۇلغا كەلمەمدىكەن؟"
"ساۋاقداشلىرىڭ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزسە، سەن نىمىشقا سوۋغات بىرىسەن؟ ئالدىنقى قېتىم ئۇ ساڭا سوۋغات بەرگەنمىدى؟ سىنىڭ پۇلۇڭ بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟"
"كىتاب ئالىمەن دىمە بولدى، بەك قىممەت ئىكەن. سەن ساۋاقداشلىرىڭدىن ئارىيەت ئېلىپ كۆرگەچ تۇغىن، بەرىبىر كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ھېچنىمىگە پايدىسى يوق."
"سەن بىزنىڭ نەچچە تال پۇلنى تېپىش ئۈچۈن قانچىلىك جاپالارنى چىكىدىغانلىقىمىزنى بىلەمسەن؟"
راستىنى ئېيتسام، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ خىل لوگىكىسىنى مەن پەقەت چۈشەنمەيمەن؛ بالىلارنىڭ سىزنىڭ پۇل تېپىشىڭىزنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ جاپاسىنى بىز ئۆزىمىز تارتىشىشىمىز كىرەك ئەمەسمۇ؟ بالا تېخى ئەمدى نەچچە ياشقا كىردى؟ ئۇ بۇنى بىلىپ يەتسىمۇ نىمە بولماقچى؟ ئۇلار يا سىزگە ياردەملىشىپ پۇل تېپىشىپ بىرەلمەيدۇ، ھەم تېخى بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى كۈچىيىپ كىتىدۇ. سىز بەلكىم بۇنىڭىدا ئۇلارنى ئاددى-ساددا بولۇشقا ئۈندەپ، چوڭلارغا ئوخشاش ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان قىلىشقا، ياخشىراق بىر نەرسىلەرنى كۆرسە ئۆزىگە " يەنىلا ئەمىلىيەتچىلراق بول، ئائىلىمىز نامرات تۇرسا" دەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايسىز؛ ئەمما ئۇلار كىچىك بالا تۇرسا، بۇنداق كۆپ داۋلىلارنى بىلىپ بولالامدۇ؟ بىزنىڭ پۇل يوقلىقىدىن قاقشىشىمىز پەقەت ئۇلارغا بىئاراملىق ھىس قىلىدۇرىدۇ ھەمدە ئاتا-ئانام پاسسىپ ئىنىرگىيىلىك ئىكەن دىگەن قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ. مەن بۇ يەردە ھەرگىز بالىلار نىمە دىسە شۇنى ئېلىپ بىرىش كىرەك دىمەكچى ئەمەس، مىنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنىم، بالىلارنىڭ ئورۇنسىز تەلىۋىنى رەت قىلىشنىڭ شۇنچە كۆپ ئاساس ۋە سەۋەبلىرى تۇرسا، سىز نىمە ئۈچۈن نامراتلىقنى پەش قىلىش بۇ قاملاشمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىسىز؟

پۇل يوقلۇقتىن داتلىنىشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بولسا ئەمىلىي ھەرىكەت قوللىنىش بولۇپ، بىز ئادەتتە بۇنى "پىخسىقلىق" دەپ ئاتايمىز. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدىلا "تىجەشلىك" بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بۇنىڭغا مەن بىرلا مىسال كەلتۈرەي:
بىلەت ئېلىشتىن قېچىش. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، پويىزغا ئولتۇرغاندا بوي ئىگىزلىكى 120 سانتىمىتىردىن ئاشقان بالىلار ئۈچۈن بىلەت سېتىۋىلىش لازىم بولىدۇ. مەن ھەر قېتىم پويىزغا ئولتۇرغاندا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ بوي ئىگىزلىكىنىڭ 120سانتىمىتىرغا يىتىدىغان ياكى يەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە پويىز خىزمەتچىلىرى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن، بەزىلىرى ھەتتا بالىسىنىڭ ئاياغلىرىنى سالدۇرۋىتىپ، چاچلىرىنى بېسىپ تۇرۇپ بوي ئىگىزلىكىنى ئۆلچەيدۇ. مىنىڭچە بولغاندا بۇنداق قىلىشنىڭ قىلچىلىك زۈرۈرىيىتى يوق؛ بالىڭىز 120 سانتىمىتىرغا توشماي، 119 ياكى 118 سانتىمىتىر كەلسىمۇ ئۇنىڭغا بىلەت ئېلىپ بەرسىڭىز نىمە بولۇپتۇ؟ بىرىنچىدىن بۇنچىلىك چوڭ بالىنى قوچىقىڭىزدا ئولتۇرغۇزسىڭىز سىزمۇ ھەم بالىمۇ بىئارام بولىدۇ، بىلەت ئالسىڭىز ئولتۇرغىلى ئورۇن بار بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، شەخسەن مەن ئۆزۈم، بالامنىڭ كىشىلەر توپى ئارىسىدا قىسىلىپ تۇرۇپ، ئانىسنىڭ بالىغا بىلەت ئېلىش مەسىلىسىنى دەپ باشقىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشىنى كۆرۈپ تۇرىشىنى قۇبۇل قىلالمايمەن.
ئەمىلىيەتتە 120 سانتىمىتىردىن ئاشقان، لىكىن قورامىغا يەتمىگەن بالىلارغا يېرىم باھالىق بىلەت ئېلىنىدۇ؛ يېرىم باھالىق پويىز بىلىتى ئۇنچە قىممەتمۇ ئەمەس، ئەمما بۇ بالىلارنى چوڭلارغا ئوخشاش ھۆرمەتلىنشكە ئىگە قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشكەن بالىلار ئاندىن پۈتۈنلۈككە ئىگە ۋە ساغلام بولغان ئادىمىيلىك خارەكتىرىگە ئىگە بولالايدۇ. ھەر قېتىم بۇنداق ئەھۋالنى كۆرگەندە، ئۇلار ئۈچۈن بىلەت پۇلىنى تۆلىۋەتكۈم كىلىپ كىتىدۇ. چۈنكى بالىلار بۇ ۋاقىتتا يۈزىنى ئايايدىغان دەرىجىدە چوڭ بولۇپ بولغان بولۇپ، ئاتا-ئانا بولغۇچى بەك پۇل تىجىگۈسى بولسا باشقا جايلاردا تىجىسە بولىدىغۇ؟ بىرەر ئىككى قۇر كىيىمنى ئاز كەيسە نەچچە قېتىملىق يېرىم باھالىق بىلەت پۇلىسى چىقمامدۇ؟

ئەمىلىيەتتە ھەر بىر بالا بەلگىلىك ياشقا يەتكەندە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئوبىكتىپ تۇنۇشقا ئىگە بولىدىغان بولۇپ، پۇلدارلىق ياكى نامراتلىق بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چوڭ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇشى ناتايىن، نۇرغۇنلىغان پۇلدارلارنىڭ بەگزادىلىرى ئىچىدە ئىنتايىن تىرىشچان كىلىدىغانلىرىمۇ بار؛ يەنە بەزى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ ئازراقلا جاپاغا چىدىيالمايدىغانلار بار.
ھاياتلىقنىڭ جاپا-مۇشەققەتلەرگە تولغان كىلىدىغانلىقىنى، بالىلار چوڭ بولسا ئۆزلىرى چۈشىنپ يىتەلەيدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئۇلارغا بىلدۈرۈپ قويىشى بىھاجەت؛ ئۇلارنىڭ ئاق قەغەزدەك كەلگەن بالىلىق دەۋرىدە، خوشاللىق خۇددى سۇدىكى ئايغا ئوخشاش قولىنى سوزسىلا ئالغىلى بولىدىغان بولۇشى كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇل بارمۇ يوق، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئىچىمىزدە بىلسەكلا بولدى، بالىلار پەقەت مۇھەببەت بار يوقلىقىنى بىلسىلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.