ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاجراشماقچىمۇ سىز؟ سىز ئويلاپ يەتمىگەن بۇ مەسىلىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئاجراشماقچى بولغاندا، ئىلگىرى مەن ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى بولىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەرگەن ئۇ ئەركىشى، مىنىڭ شۇھامان ئۆلۈشۈمنى ئارزۇ قىلىۋاتقاندەك بولۇپ كەتتى؛ ئۇ مىنۇتلاردا مىنىڭ يۈرۈكۈم پارە-پارە بولۇپ، بىر يەرگە قايتا ئەكىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەن ئىدى....
                                                                                                                                   --تورداش دۇ ئېرنىڭ ھەقىقى كەچمىشى
      ئاجراشقاندىن كىيىن، كۆڭلۈمدە ھېچبىر سان يوق، ئۆزۈممۇ قۇرۇقتەكلا تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم؛ ئاجراشقان ئاياللار ھىسيات جەھەتتە  مۇھەببەتسىز كىلىدىغان بولۇپ، ئىگىلىكى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، ناھايىتى ئىچى قۇرۇق جازىغىلا ئوخشايدۇ خالاس...
                                                                                                                                  --تورداش "سۇدەك ئاققان يىللار" سۆزلىرى
      بويتاق ئۆتىۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى، ئەمما يەنىلا قايتا توي قىلىش ئويۇم يوق. ئىلگىرى بەختىسىز تۇرمۇشتىن ئازاپلىنىپ، ھازىر يىلان چېقىۋالغان ئادەم ئارغامچىدىنمۇ قورققاندەك ھېسياتتا بولىۋاتىمەن...
                                                                                                                                  --تورداش مى شۆ ئېرنىڭ سۆزلىرى
ئاجراشماق تەس ئەمەس، ئاجرىشىشنى قارار قىلىش تەس
      مەن زادى ئاجرىشىشىم كىرەكمۇ يوق؟ مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى ھەقىقەتەن قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمەن؟ مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىللە ئۆتۈپ كىتىشىمگە ئىمكانىيەت بارمۇ يوق؟ ئەگەر ئاجراشمىسام مەن بۇندىن كىيىن بەخىتلىك ئۆتەلەيمەنمۇ؟ ئەگەر ئاجراشسام بۇندىن كىيىن قانداق قىلىمەن....
ئاجرىشىش قارارىنى چىقىرىشمۇ تەس ئەمەس، ئاجراشقاندىن كىيىنكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەس
      ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش توغرىسىدا قانداق گەپ ئاچارمەن؟ بالىغا ئاجرىشىپ كەتكىنىمنى قانداق چۈشەندۈرەرمەن؟ چوڭلارغا نىمە دەرمەن؟ ئاجراشقاندىن كىيىنكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرگە قانداق يۈزلىنىشىم كىرەك؟....
ئاجراشقاندىن كىيىنكى ئەڭ قىيىن مەسىلە، ئۆزىگە قانداق يۈزلىنىش
     مەن ئاجرىشىپ كەتتىم، ھاياتلىقتىكى چوڭ مەغلۇبىيەتچىگە ئايلاندىم؛ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش بەك ئازاپلىق ئىكەن، بۇندىن كىيىن قايتا توي قىلمايمەن! ئەگەر ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بىرەرسىگە ئۇچراپ قالسام قانداق قىلىشىم كىرەك؟....
      كىشىلىك ھاياتتىكى تۆت چوڭ ئازابنىڭ بىرسى ئايرىلىشتۇر.  ئاجراشقىنىڭىز سىزنى تىرىك تۇرغۇزۇپ بەدىنىڭىزدىن بىر پارچە گۆشنى شىلىۋالغانغا ئوخشاش؛ بىر ئادەم بۇنداق بىر بۆلەك ئازاپلىق مەزگىللەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندە، خۇددى يۈرىكىنى مىڭلاپ ئوقيالار تىشىپ ئۆتكەنگە ئوخشايدۇ، مۇشەققەتلىك مەزگىللەردە سىز ئىنتايىن غايەت زور بەرداشلىق كۈچىگە ئىگە بولۇشىڭىز كىرەك.....
      سىز يەنە ئاجرىشامسىز......

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号