ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسىلا مىھرى-مۇھەببەتلىك ئەمەس!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
     نەچچە كۈن ئىلگىرى، سۇجۇ شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ كىسەل ئۆيىدە 17 ياشلىق بىر بالا جىددى قۇتقۇزىلىۋاتاتتى.
     ئۇ كىسەل بولۇپ قالمىغان، ئەكسىچە يان تەرەپ كىسەل ئۆيلىرىدىكى باشقا بىمارلارغا قارىغاندا ئۇ ئەسلىدە ناھايىتى ساغلام ئىدى. ئۇ ئۆزى ئۆلۈمنى تاللىغان بولۇپ، بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى بۇ ئوغۇل بالا پاراكۋات (ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى) ئىچىۋالغان.
     سىز بەلكىم پاراكۋاتنىڭ نامىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇ ئادەتتە كۆپ كۈرلىدىغان بىر خىل ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى. ئادەتتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان، ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغانلىقتىن ئۇنىڭ يەنە بىر ئىشلىتىلىشىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش.
    بەزىلەر بۇ زەھەرلىك دورىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: سىزگە پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقىت بىرىدۇ، ئەمما پۇشايمان قىلىدىغان پۇرسىتىڭىزنىڭ بولمىقى تەس بولىدۇ. ئەگەر نەچچە ئون مىللىگىرام بۇ خىلدىكى دورىنى ئىچىۋالغاندا، ئادەمنىڭ ئۆپكە ئورگانىزىملىرى تالالىشىپ، سىرىتتىن ئوكسىگىن سۈمۈرۈشكە ۋە بەدەندىكى كاربون تۆت ئوكسىدنى چىقىرىشقا ئامال بولماي، ئاخىرىدا ئازاپلىنارلىق ھالەتتە نەپەسلىنەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدۇ.
 
     شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دورىنىڭ سېتىلىشى ھازىر ناھايىتى قاتتىق چەكلەنگەن. بۇ بالىنىڭ بۇ دورىنى ئىزدەپ تېپىشى ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلغىنىنى كىممۇ بىلەلىسۇن؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئۆلۈمگە ئىرىشىش ئۈچۈن ئۇ بالا قانچىلىك زىھنىنى سەرپ قىلغان؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى بىر "تور چولپىنى" تۇرسا!!
     8يىل ئىلگىرى، ھازىرقى سۈرەتلىك فىلىم يۇمشاق دىتاللىرى پەيدا بولمىغان 2010-يىلى، "سۇجۇدىكى ئەڭ كىچىك بىلىق ئۆلتۈرگۈچى بالا، سىزنىڭ كۆرۈش پەردىسى نىرۋىڭىزنى غىدىقلايدۇ" ناملىق ماقالە توردا تىزلا تارقىلىپ داڭ چىقارغان. بۇ ماقالىدا بىر سۈرەت بار بۇلۇپ، ئەڭ چوڭ بولغاندا 10 ياشلاردا بار كۆرنىدىغان بىر كىچىك ئوغۇل بالا، قانغا مىلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىدىكى پىچاقنى ئويناتقان ھالدا تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ كىشىلەرمۇ يىتىشەلمەيدىغان چاققانلىق ۋە ئۇستاتلىق ھەمدە يېشىغا ماس كەلمەيدىغان جاسارىتى ئىنىق چىقىپ تۇراتتى.
     بەلكىم قىزىقىش سەۋەبىدىن ياكى كىشىلەر بۇ خىلدىكى نامرات بالىلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن، چوڭ ئادەملەردەك ئۆينىڭ غېمىنى قىلىشىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرۈش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن، ئۇ بالا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نام چىقىرىپ، كىشىلەر ئېغىزىدىكى "بېلىق ئۆلتۈرگۈچى شاكىچىك" دەپ ئاتالدى.
     " تور چولپىنى"غا ئايلانغان بۇ شاكىچىكنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ دوكىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. سودا ئېڭى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئۆيىدىكىلىرى دۇكىنىنىڭ ئىسمىنى " بىلىق ئۆلتۈرگۈچى شاكىچىك" سۇ مەھسۇلاتلىرى دوكىنىغا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ داڭقىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ خىرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئويىدا بولدى.
     كىچىككىنە كەلگەن بۇ بالىنىڭ سۈرىتىنىڭ چوڭ خەتلىك قىزىل ۋىۋىسكىغا چىقىرىلىشىنى ھېچكىم غەلىتىلىك ھىس قىلمىدى. ھېچقانداق ئادەم بۇ ياشتىكى بالىنىڭ قان ئىزلىرىغا تولغان، ھەممە يەرنى مەينەتچىلىك باسقان كۆكتات بازىرىدا ئەمەس، بەلكى ئازادە ھەم يۇرۇق كەلگەن دەرسخانىدا ئولتۇرۇشى كىرەك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ھەم شۇنداق.
     بۇ شاكىچىك، شەندۇڭ ئۆلكىسى ساڭشەن ناھىيىسى، لەنلىڭ بازىرىدىن؛ ئۇ ئۆيىدىكى 6 بىر تۇققاننىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، كىچىكىدىنلا ناھايىتى ئىش ئۇقاتتى. ئاتا-ئانىسى سۇجۇغا كىلىپ بىلىق ساتىدىغان دۇكان ئاچقاندا، ئۇ ئاتا-ئانىسىغا قاملىشىپ بىرەتتى، ئۇنىڭ بۇ خىل گەپ ئاڭلىشى ھەم يۇۋاشلىقى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتاتتى.
      ئۇ توردا نام چىقارغاندىن كىيىن، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن شاكىچىكنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلاشتى، ھەمدە شاكىچىك ئۈچۈن ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدىغىنىنى بىلدۈردى. ئەمما شاكىچىكنىڭ دادىسى بولسا، " ئوقۇغاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟ پەقەت ئىش قىلغاندىلا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ" دەپ رەت قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن گالاستۇك تاقىۋالغاندىن كىيىن ئىنتايىن خوشال بولۇپ كىتىدىغان شاكىچىك بىر يىلدىن كىيىن مەكتەپتىن ئۈزۈل-كىسىل ئايرىلىپ، ئىككىنچىلەپ قايتا بارمىدى.
      ئاتا-ئانىسىنىڭ مەدىنىيەت سەۋيىسى تۆۋەن، بىلىق سېتىشقا تايىنىپ جان كەچۈرىدىغان شاكىچىك نىسبەتەن، مەكتەپتە ئوقۇش ئۇنىڭ نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ يوقىرى ئۆرلىشىدىكى بىردىنبىر پەشتاق ئىدى؛ ئەمما ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ پەشتاقنى بۇزۇپ تاشلاپ ھەم ئىگىز قۇرو تاملارنى سوقۇپ، شاكىچىكنى مەينەتچىلىككە تولغان بۇ بازارغا ئۆزۈل-كىسىل سولاپ قويغان ئىدى. چۈنكى ئىلگىرى شاكىچىنى بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەن تورداشلار بۇ بازارنى " مەينەت، قالايمىقان، ناچار" دەپ ئىنىق تەسۋىرلىگەن ئىدى.
      ئۇنداقتا كىيىنچۇ؟ بۇ تۈردىكى تور قىزغىنلىقى ئاسانلا يوقاپ كىتىدۇ؛ شا كىچىكمۇ دادىسىغا ئوخشاش، يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدىغان بىلىق پۇراقلىرى ئىچىدە بىر ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
      ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولغان بولسا، شاكىچىكنىڭ ئۆمرى گەرچە ئاددىيلىقتا ئۆتسىمۇ، لىكىن ھەرھالدا تىنچ-ئامانلىقتا ئۆتكەن بولاتتى.
      ناھايىتى ئەپسۇس، شاكىچىك ئۇنداق بولالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزى چۇس بىر دادىسى بار ئىدى. 2013-يىلى توردا بىر خەۋەر ئىنتايىن تىز تارقالدى: ئەينى يىلىدىكى بىلىقچى شاكىچىك، دادىسى تەرپىدىن قاتتىق ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈلدى.
     بۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقى ئىسپاتلىنىپ بولغۇچە، ناھايىتى تىزلا، جىياڭسۇ ئۆلكىلىك يەرلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسسى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرسىنىڭ ئاخباراتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى: بىلىقچى شاكىچىكنىڭ دادىسى، ئۇنى تۆمۈر سىمدا باغلاپ ئېسىپ قويۇپ قاتتىق ئۇرغان؛ شاكىچىكنىڭ يارىسى ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقتىن، شۇ يەردىكى دوختۇرخانىلار قوبۇل قىلىپ داۋالىيالماسلىقتىن ئەنسىرەپ، شاڭخەيدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالىتىش ئۈچۈن يۆتكەپ بەرگەن.

     شۇندىن كىيىن، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر تېلفون قىلىپ ئالاقىدار ئاخباراتلارنى يەتكۈزگەن؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە، شاكىچىنىڭ 7-6يىل مابەينىدە ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىغىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كونا قوشنىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە: "شاكىچىكنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يىرى تارتۇق، بېشىدا قىش پارچىلىرى بىلەن ئۇرۇلغان ئىزنالار، قىش پەسلىدە قوللىرى مۇزلاپ يېرىلىپ كەتكەن...."
      بۇ ئۇ دادىنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەسمىدى؟ بۇ ھېلىقى كىچىك تۇرۇپلا سودا-سېتىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ يۈرگەن، ئۆيگە قارىشىپ بەرگەن "ئىش ئۇقىدىغان" بالا ئەمسمىدى؟ ئۇ نىمەن ئۈچۈن بۇنداق تەقدىر-قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟
      بۇ ۋاقىتتا مەن تۇيۇقسىز ئىلگىرى ئاڭلىغان بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يەتتىم: "ئاتا-ئانا بولغۇچىنى تاللاپ ۋەزىپىگە (ئاتا-ئانىلىق ۋەزىپىسىگە) قويۇش لازىم بولمايدىغىنىنى ئويلىساملا، پۈتۈن بەدىنىمگە تىتىرەك ئولىشىپ كىتىدۇ."
      شاكىچىك گەرچە دادىسى تەرپىدىن قاتتىق زەخمىلەنگەن تۇرۇپمۇ، مۇخبىر ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ زىيارەت قىلغاندا، ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن بۇ شاكىچىك، ئاتا-ئانىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ھېچنىمە بولمىدى دەپ جاۋاپ بەرگەن.
      شۇندىن كىيىن، ھېچ خەۋەر يوق بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ بەش يىل مابەينىدە ئۇ شاكىچىكنىڭ ئۈن-تىنسىز ھالدا يەنە قانچىلىغان مۇش-پەشۋالارغا ئۇچرىغانلىقىنى، قانداق تىل-ھاقارەتلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى.
      ئۇ شاكىچىكنىڭ ئىسمىنى قايتا ئاڭلىشىم، 2018-يىلى بولدى. بۇ يىللاردا پاراكۋات ئاللىقاچان سېتىلىش قاتتىق چەكلەنگەن دورا ھىسابلىناتتى؛ بۇ يىلى بۇ ياش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئۈچۈن ھەر جايلاردىن بۇ دورىنى ئىزلەۋاتاتتى.
      ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پارتلاتقۇچ پىلىكى، ئۇنىڭ باھا تەڭشەلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئەھۋال ئاستىدا، قوشنىسىدىن ھەر بىر جىڭ بىلىق ئۈچۈن ئىككى مو پۇلنى ئارتۇق ئالغانلىغىدا ئىدى. دەل مۇشۇ ئىككى مۇچەنلىك باھا پەرقى سەۋەپلىك، دادىسى ۋە ئانىسى ئۇنى تىللىغان، قوشنىسىمۇ ئۇنى تىللىغان ئىدى.
      ئۇ ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمەي قالدى.
      ئەھۋال يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى ناھايىتى شۇ دادىسى بىلەن نەچچە ئېغىز گەپ تالىشىپ قالغان دىگەن؛ ئەمما ئۇ ئادەمنى يېقىلدۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى شال پاخىلى قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى، شاكىچىكنىڭ چوقۇم، قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە تولغان ساناقسىز كەچمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلمەيتتى.
      ئۇنىڭ ئىنىسى، ئاكىسىنى ئادەتتە مىجەزى ئۇچۇق ھەم خۇشخۇي، ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى دىگەن؛ ئەمما ئۇمۇ بەزىبىر كۈلكىلەرنىڭ كەينىگە، چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بىرىۋاتقان روھنىڭ يۇشۇرۇنغان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
     ئۇنىڭ دادىسى، شاكىچىكنى ئۇ بىر بوتولكا پاراكۋات دورىسىنى سېتىۋالغىلى بىر ئاي بولۇپتىكەن دىگەن؛ ئەمما ئۇ  شاكىچىكنىڭ  ئىلگىرى ئۈمىدسىزلىككە تولغان ھالدا چوڭقۇر ھاڭ بويىدا كەينىگە قايرىلىپ ئۆزىگە بىر ئاي قاراپ تۇرغىنىنى، بىر ئايدىن كىيىن شاكىچىكنىڭ  ئىرىشكىنى بولسا ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئۇنىڭ قولىنى تارتىۋىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ شاكىچىككە بەرگەن ئاخىرقى بىر قېتىملىق زەربىسى بولۇپ قالغىنىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى.
      دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، شاكىچىك 60 مىللىلىتىر پاراكۋاتنى قىزىل چايغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەن. ئۇ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن بالا، ئۇمۇ ئاچچىقتىن قورقىدۇ؛ ئەمما ھاياتلىقتىكى ئازاپلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇنچىلىك ئاچچىق قانچىلىك ھىسابلىناتتى؟
      ئىلگىرى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى كۆرگەن ئىدىم: ئەڭ قورقۇشقا تىگىشلىك بولغىنى بىلىمسىز ھەم داۋلى چۈشەنمەيدىغان، غەرەز ئاڭقىرمايدىغان ئاتا-ئانىلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ نادانلىقى پەرزەنتلىرىنى تەنھالىقتا قويىدۇ، غەرەز ئاڭقىرماسلىقى پەرزەنتلىرىنى ئۈمىدسىزلىككە باشلايدۇ.
ئەمما ئاخىرىغا كەلگەندە ئاندىن بايقىدىمكى، ئەسلىدە پەرزەنتنى ھەممىدىن بەك ۋەيران قىلىدىغىنى ياخشى كۆرمەسلىك، پەرزەنتىگە مىھرى-مۇھەببىتى بولماسلىق ئىكەن.
    ھازىر بىلىقچى شاكىچىك شەندۇڭ چىلۇ دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدى؛ ئۇنىڭى ئانىسى بولىشىدىن قەتئىنەزەر، چوقۇم بالىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئۆتۈندى. لىكىن قۇتقۇزۇپ قالغاندىن كىيىنچۇ؟ ئۆتكۈر زەھەرلىك كەلگەن پاراكۋات بەلكىم شاكىچىكنى ئۆلتۈرەلىشى ناتايىن، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغىنى بەلكىم ئۇنىڭى دادىسىنىڭ قىلمىشلىرى بولۇشى مۇمكىن.
     بۇ يەردە مەن پەقەت ئۇنىڭ بۇ خەتەردىن ئامان-ئىسەن ئۆتۈپ كىتىشىنى تىلەيمەن؛ شۇنداقلا بارلىق مۇشۇنداق ئازاپلارغا دۇچار بولغان بالىلارنىڭ، ئەسلى ئائىلىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئۆزىنى قايتىدىن بىر قېتىم تەربىيەلەلەيدىغان ئىقتىدارىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
     چۈنكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئاتا-ئانا بولۇشى ناتايىن، ئەمما بالىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىنلا ياخشى بالا بولۇشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号