ياش ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بوۋاقلارنى ياتقۇزۇپ قويسا يىغلاپ،تىك تۇتۇپ تۇرسا يېغىدىن توختايدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچرايدۇ، بۇزادى نىمە ئۈچۈن؟

بىرىنچىدىن ،بوۋاقلارنىڭمۇ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بار بۇلۇپ،تىك تۇتۇپ تۇرغان ۋاقتىمىز خۇددى بوۋاقنىڭ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكى ھالىتىگە ئوخشايدۇ،شۇڭلاشقا بوۋاقتا بىر خىل تۇنۇش بولغان ھىسيات پەيدا بۇلۇپ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بۇلىدۇ.بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىمىز بوۋاقنى تىك كۆتۈرۈش ھالىتى : بىر قولىمىزنىڭ ئالقىنى ۋە بىلەك قىسمىدا بوۋاقنىڭ ئارقا بوينى،ئارقامىڭىسى ۋە دۈمچىسىنىڭ بىر قىسمىنى تىرەپ تۇرىمىز،بۇنىڭ بىلەن بىرگە چوڭ بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا بالىنىڭ ئىڭەك سۆڭىكى قىسمىنى يۆلەپ تۇتىمىز؛يەنە بىر قولىمىز ۋە بىلىكىمىزدە بوۋاقنىڭ پەللىكى ۋە دۈمچە قىسمىنى كۆتۈرىمىز،بوۋاقنىڭ ئىككى قولىنى بىرگە قىلىپ تۈگۈلۈپ تۇرغاندەك ھالەتكە ئەكەلسەك،خۇددى بالىياتقۇ ئۇنى چىڭ ئوراپ تۇرغانغا ئوخشاش بۇلىدۇ؛ئەگەر مۇشۇ ھالەتتە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ بوۋاقنىڭ پەللىكىنى مىدىرلىتىپ قويساق ،بوۋاق ناھايىتى خوشال بۇلۇپ كىتىدۇ.
ئىككىنچىدىن ،ياتقان ۋە تىك تۇرغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنگەن شەيئىلەرنىڭ سىزىم ئەزالىرىغا بىرىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ.ئادەمنىڭ فىزىلوگىيىلىك تۇغما قابىلىيىتىدىن قارىغاندا ،بوۋاقلار ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە شەيئىلەرگە تۈز قاراشنى بەكرەك ياخشى كۈرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن،بوۋاقنى تىك تۇتۇپ تۇرغان ھالەتتە بوۋاق ئۇخلىسا،بوۋاقنىڭ بېشى ئانىسىنىڭ مۈرىسىگە قويۇلغان بۇلۇپ،بۇنىڭدا بوۋاق بىلەن ئانىسىنىڭ بەدىنى تېخىمۇ يېقىن ھالەتتە تۇرىدۇ،بوۋاق بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بۇلىدۇ.

تۆۋەندە بىز بالىلارنى تىك كۆتۈرۈپ بەرسەك قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى كۈرۈپ باقايلى:
1. بوۋاقلار سۈت ئەمگەن ۋاقتىدا ئاسانلا ھاۋا قوشۇپ سۈمۈرۋالىدىغان بۇلۇپ، بۇ سەۋەبلىك بوۋاقتا ئەمگەن سۈتنى قۇسۇۋىتىدىغان،ئاشقازان ھەزىم يوللىرىدا تەتۈر ئېقىم پەيدا بۇلىۋالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.شۇڭلاشقا بوۋاقنى 30-20مىنۇت تىك كۆتۈرۈپ بەرسەك،ھاۋانى چىقىرۋەتكىلى بۇلىدۇ،بوۋاقنىڭ ئازابلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.
2. بوۋاقلاردا ھەمىشە ئۈچەيلىرى تولغاپ ئاغرىپ،توختىماي يىغلايدىغان ئەھۋاللار كۈرلىدىغان بۇلۇپ،بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنى تىك كۆتۈرۈپ بەرسەك ناھايىتى ياخشى بەزلەش بۇلىدۇ.
3. تىك كۆتۈرگەن ۋاقتىمىزدا بوۋاق بىلەن كۆزنى ئۇدۇل ئۇچراشتۇرۇشقا بۇلىدىغان بۇلۇپ ، ئانا-بالا كۆزلىرى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بوۋاق باشقا بىر نوقتىدىن ئەتراپنى كۆزىتەلەيدۇ، بۇنىڭ بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىسى بار.
بۇۋاق قانچىلىك بولغاندا تىك كۆتۈرۈشكە بۇلىدۇ؟
كۆتۈرۈش ھالىتى توغرا بولسىلا،يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىمۇ تىك كۆتۈرۈشكە بۇلىدۇ.

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任!

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 46ياشلىق ئايال ئىۋىنىس ۋە ئۇنىڭ 23ياشلىق قىزى يىمان، ھەركۈنى ئوخشاش پاسون، ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كىيىۋالىدىغان بولۇپ، قەيەر

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەر تەرەپنىڭ كۆڭلىدە ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىسى، چوقۇم ئاسماندىكى چولپانغا ئوخشاش مۇقەددەس كىلىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا خۇدد

ئەقىللىق ئاياللار مەيلى مۇھەببەتكە ياكى تويلىشىشقا قارىتا بولمىسۇن، ئۇلار بۇنىڭ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمىلا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئادەم ئۆزىگە ئۆزى خوجا، ش

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئېغىرلىقتىكى "غەلىتە مەخلۇق"

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك مۇھەببەت ئاساسى يوق ئەھۋال

ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتەپ، سىرتقى دۇنيادىن ئوكىسگىننى سۈمۈرگەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزىدە ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ن

قارا جەمئىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ھەرگىز ماڭا ئوخشاش تىرە رەڭگى قارا بولۇپ قالسا، ياكى يول بويىدا بەش يۈەن پۇل خەجلەپ قوللىرىغا گۈل چەكتۈرۋالسا قارا جەمئىيەت

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى ھەرۋاقىت ئىشلەپچىقىرىشقا






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号