ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنى ئۇزۇقلاندۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
تاماق تاللاش
   تىبابەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىدىكى بەزىبىر نامۇۋاپىق قىلمىشلار، مەسىلەن، بالىنى ئۇزۇقلاندۇرۇشقا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈش، تاماق يىيىشكە مەجبۇرلاش، تاماق ئۈستىلىدىكى بەزلەش، يالۋۇرۇش، ئالداش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى، بالىنىڭ تاماق تاللايدىغان بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇندىن باشقا، ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ تاماق تاللاش ئادىتى بار بولسا، بالىلارمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنىپ تاماق تاللايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش
   زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يىگەندە، قورساق قىسىم بېسىلىشقا ئۇچراپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي نۇرمال قىمىرلىيالمايدۇ ھەمدە ئاشقازان ئۈچەيدىكى گازلار نورمال يۈرۈشەلمەيدۇ؛ بۇنىڭغا زوڭزىيپ ئولتۇرغاندا ئاشقازانغا قان تەمىنلەش ياخشى بولالماسلىق قوشۇلۇپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش
   بالىلاردا كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش، قورساق كۆپۈش، كۆكرەك سىقىلىش، تاماقتىن زىرىكىش قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
تۇزلۇق تاماق
   سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، بالىلار بوۋاق مەزگىلىدە ھەمىشە بەك تۇزلۇق تاماقلارنى يىسە، تېخىمۇ ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى، نەپەسلىنىش يولى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا، تۇزلۇق تاماق بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ سىنىك ماددىسىنى سۈمۈرىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلاردا سىنىك كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماقنى ئىتتىك يىيىش
   ھازىرقى ئۆسمۈر بالىلاردا، تاماقنى تېز يىيىش ھادىسىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك ناشتىلىق ۋە چۈشلۈك تاماق. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاماقنى بەك ئىتتىك يىيىش، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولىدىكەن.
تاتلىق يېمەكلىك
   بالىلار گەرچە تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش ياخشى ئەمەس. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، بالىلاردا ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدىنىدىكى كالتسىينى خورىتىۋىتىدۇ ھەم ئاسانلا چىشىنى قۇرت يىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا، ئادەمنىڭ ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
تاماق يىگەندە كۈلۈش ياكى كۆپ سۆزلەش
   تاماق يېگەندە كۈلۈپ چاقچاقلاشسا ياكى بەك كۆپ سۆزلىسە، نەپەسلىنىش ئەزالىرىغا غەيرى ماددىلار(يېمەكلىك پارچىلىرى نەزەردە تۇتۇلغان) كىرىپ كېتىش خەۋىپى ئېشىپ، بالىلاردا تۇنجۇقۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号