ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلار ئاسانلا دوراپ ئۆگىنىپ قالىدىغان يامان ئادەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەينىكى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزلىرى ۋە قىلمىشىلىرى، بالىلارغا يۇشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ بەزى ئادەتلىرىمىزنىمۇ، بالىلار ئاسانلا دوراپ ئۆگىنىۋالىدۇ.
ئۆزى تىجەشلىك بولۇش، ئەمما بالىغا ھىسابلىماي خەجلەش
   ئاتا-ئانىلار بۇنى بالىنى ياخشى كۆرگەنلىك دەپ قارايدۇ؛ لېكىن بۇ خىل قىلمىش، بالىلارنى ھەشەم قوغلىشىدىغان، بەدەل تۆلەشنى ۋە جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغان ھەمدە مالىيە باشقۇرۇش ئىدىيىسى يوق قىلىپ قويىدۇ.
ئەدەپلىك بولماسلىق
   مەيلى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتتە بولسۇن ياكى ئۆگىنىش، ئىگىلىك جەھەتتە بولسۇن، ئەدەپسىز بولۇش، بالىلارنىڭ يولىدىكى توسالغۇغا ئايلىنىدۇ.
بالىسىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش
   بۇنىڭدا بالىلار ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىغا زىيادە ئامراقلىق قىلىپ قوغداش
   بالىغا ئىچى كۈيۈپ ئۇلارنى ھېچ ئىش قىلغىلى قويمىسا، بالىلارنىڭ ئۆزى قول يۈگۈرتۈش پۇرسىتىنى تارتىۋالغانغا باراۋەر بولۇپ، بالىلار مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ.
بالىلارنىڭ ئالدىدا ھەر خىل نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەش
   بۇنىڭدا بالىلاردا ناچار كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، بالىمۇ تەدرىجىي ھالدا باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەپلا تۇرىدىغان، ئۆزىدىكى خاتالىقنى تونۇمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
يالغان سۆزلەش
   ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلىسە، بالىلار يالغان سۆزلەشنى خاتا ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇلارمۇ يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.
ۋاقىت كۆز قارىشى بولماسلىق
   ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئىشلارنى كەينىگە سۆرىسە، ۋاقىت كۆز قارىشى يوق بولسا، بالىلارمۇ ۋاقىتقا قارىتا توغرا كۆز قاراش تىكلىمەيدۇ.
ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرماسلىق
   كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلاردا بۇ يىتەرسىزلىك بار بولۇپ، ھەرىكەتلىنىشنىڭ بالىلارنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا، بالىلار ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش كەمچىل بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئارقىدا قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号