ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇرنى يوق تۇغۇلۇپ قالغان بۇ بوۋاق ئادەمنى ئېچىندۇرىدىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئامېرىكىدا، يېقىندا ياش بىر ئانا بۇرنى يوق ئوغۇل بوۋاقتىن بىرنى تۇغقان؛ بوۋاقنىڭ ئىسمى ئالى بولۇپ، دوختۇرلار تەرىپىدىن بۇرۇن ئەزاسى تۇغۇلما كەمتۈك بولغان غەلىتە شەكىللىنىش كېسەللىكى دەپ دىئاگونوز قويۇلغان؛ ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، ئىككى يۈز مىليون ئادەم ئارىسىدىن ئاندىن بىر ئادەمدە بۇ خىل كېسەللىك كۆرىلىدىكەن.
   ئالىنىڭ ئاپىسى، ئۇنىڭغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، ھامىلدارلىق مەزگىلى دائىملىق تەكشۈرۈشلىرىنىڭ ھەممىنى ۋاقتىدا قىلدۇرغان، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھامىيلىدە بىنورماللىق بارلىقى بايقالمىغان، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ بۇرنى يوق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئالى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇنجۇقۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دوختۇرلار ئۇنىڭ گال قىسىمىغا نەپەسلىنىش ئۈسكىنىسى ئورنىتىپ قويغان.
   جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن، ئالى يىغلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئاۋاز چىقمايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئانىسىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم بولغان.
   ئالى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى تەس بولۇپلا قالماي، ھەتتا ئۇزۇقلىنىشمۇ ئۇنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، ئالىنى ساغلام ھالەتكە ئەكىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى، ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئىكەن؛ لېكىن بۇنىڭغا قارىتا، ئالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھازىرچە ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئويى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قارار چىقىرىشىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوغلىنىڭ چىراي شەكلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار ئوغلىنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرۈپ سۆيىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号