ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار بولۇش ئالدىدا ھازىرلاشقا تېگىشلىك تەييارلىقلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-31 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا، ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈش دېگەن ئۇقۇم يوق ئىدى؛ لېكىن ھازىرقى دەۋرىمىزدە بولسا، نۇرغۇنلىغان ئەر-خوتۇنلار بالىلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ھەر قايسى جەھەتلەردىن پۇختا تەييارلىق قىلىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كېرەك؟
ئەرمەك ھايۋانلارنى باشقىلارغا بېقىپ بىرىشكە ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرۇش
   ئۆيىڭىزدە ئەرمەك ھايۋان بار بولسا، ئۇنى دوستلىرىڭىزنىڭ ياكى ئۇرۇغ-تۇققانلىرىڭىزنىڭ ۋاقىتلىق بېقىپ بىرىشىگە ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرۇشىڭىز لازىم.
ۋاكسىنا ئەملىتىش
   زۆرۈر بولغان ۋاكسىنىلارنى ئەملىتىش لازىم. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىپ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئۆلچەملىك ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ھامىلدار بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك.
ئارام ئېلىش نورمال ھەم قانۇنىيەتلىك بولۇش
   كىچىسى ئۇخلىماسلىقتىن ئىمكان بار ساقلىنىپ، ئاخشىمى بالدۇر يېتىپ ئەتىگىنى بالدۇر ئورۇندىن تۇرۇشقا ئادەتلىنىش ھەمدە ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇش لازىم.
كېسەللىك باكتىرىيەلىرىدىن يۇقۇملانغان ئەھۋال بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش
   ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپتە تاماكا چىكىش ۋە ھاراق ئىچىش دېگەنگە ئوخشاش ئادەتلەر بار بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىغاندا ھاراق تاماكىنى تاشلاش لازىم. ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش ۋاقتى 6-5ئاي ئەتراپلىرى بولۇپ، باش باھار ياكى قىش پەسلىدە ھامىلدار بولۇشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش لازىم. 6-5ئاي ئەتراپلىرىدا مىۋە-كۆكتاتلار مول بولۇپلا قالماي، قۇياش نۇرىمۇ يىتەرلىك بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق ئامىللاردۇر.
يېمەكلىكلنى كۆپ خىللاشتۇرۇش
   ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدىن باشلاپ، ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپ كۈندىلىك يېمەكلىكىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۇزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش لازىم؛ بۇنىڭدا، بەدەننى تەڭشەپ قۇۋۋەت يەتكۈزۈشكە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسەك بولىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا فولىن كىسلاتاسى تولۇقلاشقىمۇ ئەھمىيەت بىرىش لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号