ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنى يامان ئۆگىتىپ قويىدىغان ئادەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
بالىغا ئالاھىدە ئىمتىياز بىرىش
   بالىنىڭ ئۆيدىكى ئورنىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قويۇپ، ھەممە تەرەپلەردە ئۇلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بىرىش؛ مەسىلەن، ئۇلارغا ئايرىم "تائام" تەييارلاپ بىرىش دېگەنگە ئوخشاش. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، بالىلار شەخسىيەتچى، ھېسداشلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارغا يان بېسىش
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، "بالا تېخى كىچىك، ئۇنداق قاتتىق تەلەپ قويۇۋالماسلىق كېرەك" دېگەننى باھانە قىلىپ، بالىنىڭ خاتالىقىنى ياپىدۇ. بۇنداق قىلمىش، بالىلارنى توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، ئۇلاردا بۇرمىلانغان خاراكتېر شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
بالىغا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈش
   بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر ۋاقىت ھەر جايدا بالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ ئويلاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئورۇنسىز تەلەپلىرىنى ئاسانلا قانائەتلەندۈرۈش
   بالا نېمىنى تەلەپ قىلسا، ئاتا-ئانىسى شۇنى قانائەتلەندۈرسە، بۇنىڭدا بالىلار قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان، ماددىي جەھەتتىن ھوزۇرلىنىشقا ۋە باشقىلارغا كۈيۈنمەيدىغان خاراكتېرنى يىتىلدۈرۋالىدۇ.
بالىلارنىڭ ھورۇن پاراكەندە بولۇشىغا يول قويۇش
   بالىلارنىڭ تاماق تاللىشىغا، ئەتىگىنى چۈش بولغۇچە ئۇخلىشىغا، چەكلىمە يوق ھالدا ئوينىشىغا قاتارلىقلارغا يول قويغاندا، بالىلار ئاسانلا ئالغا ئىنتىلىش روھى يوق ۋە ئىرادىسىز بولۇپ قالىدۇ.
بالىغا يالۋۇرۇش
   مەسىلەن بالىغا تاماق يىگۈزەلمەي يالۋۇرۇش، ئۇنىڭغا ھىكايىدىن ئۈچنى سۆزلەپ بىرىشكە ماقۇل بولۇپ ئاندىن تامىقىنى يىگۈزۈپ بولۇش دىگەنلەرگە ئوخشاش. سىز بالىغا قانچە يالۋۇرغانسېرى، بالا شۇنچە بەك ھەددىدىن ئېشىۋالىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنىڭ كۆڭلىدىكى نوپۇزىمۇ خوراپ تۈگەيدۇ.
بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىنى كۆتۈرە ئېلىش
   بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ھېچقانداق ئىشقا سالمايدۇ، ھەتتا 4-3ياشلارغا كىرىپ قالغان بالىغىمۇ تاماقنى يىگۈزۈپ قويىدۇ، 6-5ياشقا كىرگەندىمۇ ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار، تەبىئىيلا ئىشچان ۋە ئاق كۆڭۈل بۆلۈش دېگەنلەرنى بىلمەيدىغان، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
مۇستەقىللىقىنى تارتىۋىلىش
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىغا بىرەر تاساددىپى ئەھۋال بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەممە ئىشتا ئۇلارغا چەكلىمە قويىدۇ ياكى ھەممە ئىشنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىۋالىدۇ. بۇنداق بالىلاردا چوڭلارغا تايىنىۋىلىش ئىدىيىسى شەكىللىنىپ قالىدىغان بولۇپ، ئۆيگە كىرسە يولۋاستەك سىرتقا چىقسا مۆشۈكتەك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号