ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارغا تۇزلۇق تاماق يىگۈزۈشنىڭ يامان تەسىرلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشتە، تۇز قوشماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بۇ ئىنتايىن ئىلمىي بولغان قاراش، چۈنكى بوۋاقلارنىڭ تۇزغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن كىچىك. ئۇنداقتا، ئەگەر بوۋاققا بەك تۇزلۇق تاماق يىگۈزسەك ئۇلارغا قانداق پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
بۆرەكنىڭ زەخمىگە ئۇچراش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ
   بوۋاقلارغا بىرىدىغان قوشۇمچە يېمەكلىككە بەك بالدۇرلا ناترىي ئىلمىنىتى قوشۇۋەتسەك، بوۋاقنىڭ بۆرىكىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ؛ بوۋاقلارنىڭ بۆرىكىنىڭ يېتىلىشى تېخى مۇكەممەل بولمىغاچقا، تۇزنى زىيادە ئارتۇق قوبۇل قىلىش ئۇلارنىڭ بۆرىكىنى بىۋاستە زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ.
چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
   كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك جەريانىدا، ئەگەر بوۋاق بالىلار بەك كۆپ ناترىي ئىلىمىنتى قوبۇل قىلىۋالسا، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، مېڭە ئەزالىرى يېتىلىش توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۈرەك كېسەللىكى خەۋىپى
   بوۋاق بالىلار قوبۇل قىلغان ناترىي ئىلمىنتى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى، مەسىلەن سەكتە دېگەنگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىنىك ئىلمىنىتى كەملەپ كېتىدۇ
   يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بوۋاقلار قوبۇل قىلغان تۇز مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ سىنىك ماددىسىنى قوبۇل قىلىپ سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بالىلارنىڭ بەدىنىدە سىنىك كەمچىل بولۇپ قېلىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号