ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلار گازلىق سۇ ئىچسە بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىك(گازلىق ئىچىملىك) تەركىبىدىكى كاربونات كىسلاتاسى، ھامىلدار ئاياللارنىڭ كالتسىينى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ سەۋەبلىك ھامىيلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ۋە قورسىقىدىكى بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى گازلىق سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.
ئاسانلا ھامىلدارلىق قان قەنت تەركىبى تۆۋەن بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ قەنت تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە ئىچكەن ۋاقىتتا، كۈچلۈك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە گاز تەرىپىدىن يوشۇرۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئاياللار ھەمىشە گازلىق سۇ ئىچسە، بەدەندىكى قەنتنىڭ تەركىبى ئېشىپ كىتىپ، بۇ سەۋەبلىك ھامىلدارلىق مەزگىلى قاننىڭ قەنت تەركىبى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىيلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ھامىيلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ
   كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدە زور مىقداردا كاربون تۆت ئوكسىد بار بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار ھەر قېتىم كاربونات كىسلاتالىق سۇ ئىچكەن ۋاقىتتا، بۇ كاربون تۆت ئوكسىدلار ئانىنىڭ بەدىنىگە كىرىپ، قاندىكى ئوكسىگېن بىلەن رىئاكسىيەلىشىدۇ؛ بۇ ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ
   كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىك تەركىبىدە كاربونات كىسلاتا بولۇپلا قالماي، يەنە ئاز مىقداردا كوففىئىن بار. ھامىلدار ئايال ھەر قېتىم كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەن ۋاقىتتا، كوفىفىئىن قورساقتىكى ھامىيلىنى غىدىقلاپ، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بولسا، ياخشى ئىش ئەمەس.
ھامىيلىنىڭ سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ
   كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىك تەركىبىدە فوسفات كىسلاتاسى بار، فوسفات كىسلاتاسى بولسا كالتسىينىڭ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار زور مىقداردا كالتسىي تولۇقلىشى لازىم، بۇنداق ئەھۋالدا كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكنى ئىچكەندە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى كالتسىي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ھامىلدار ئايالدا سۆڭەك شالاڭشىشنى پەيدا قىلىپلا قالماي، ھامىيلىنىڭ سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
   كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەردە، كوففىئىن بولغاندىن سىرت، يەنە پۇراقلىق ماتېرىيال ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللار بار بولۇپ، بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号