ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئانا سۈتىنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئۇزۇقلۇق قىممىتى قالمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بەزى جايلاردا، بوۋاق نەچچە ئاي ئىمىپ بولغاندىن كېيىن ئانا سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇقى قالمايدۇ دېگەن قاراش بار؛ لېكىن، بۇ خىل قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق بولۇپ، پەقەت، بوۋاقنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئانا سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قامدۇرالمايدۇ.
   بالىنى ئىمىتىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللىرىدە، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ. دەسلىپىدە، ئۇزۇقلۇق تەركىبى يېتىشمەيدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى پەللىگە يىتىدۇ؛ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن، يەنە تەدرىجىي ھالدا تۆۋەنلەشكە قاراپ ماڭىدۇ. ئەمما ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى، بۇنى بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىش ياكى ئىمىتمەسلىكنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتە، بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ئانا سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ بولالمىغاچقا، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈش لازىم بولىدۇ.
   قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشتە بولسا، ئازدىن تەدرىجىي كۆپىيىش، ئاددىيدىن تەدرىجىي مۇرەككەپلىشىش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىش كېرەك بولۇپ، بۇ دەل ئانا سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشى بىلەن ماس كېلىدۇ.
   مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىزنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىك قوشىشىمىز مۇۋاپىق بولسا، بوۋاق ئالتە ئاي ئىمىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردا ئۇزۇقلۇق تەركىبى يىتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئاستىلاپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
   بەزىبىر بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان ياكى رىئاكسىيە بەدەن سۈپىتىدىكى بوۋاقلارنى پۈتۈنلەي ئانا سۈتىگە تايىنىپ بېقىشقا لازىم بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا 9-8ئايلىق بولغۇچە ئىمىتىش لازىم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئانا سۈتى سەھىيە تەشكىلاتى، بالىلارنى ئىككى ياشقىچە توشقىچە ئىمىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ئانا سۈتى ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ بالىنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ ياردىمى بار بولىدۇ.
   ئاخىرىدا، ئىمىتىشتىن توختاشقا كەلسەك، بالىلارنى ئىمىتىشتىن توختاش، باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنىمۇ توختىتىش كىرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بالىلار ئىمىشتىن توختاپ پۈتۈنلەي كۈندىلىك تاماق ئارقىلىق ئۇزۇقلىنىدىغان بولۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ كۈندە 250مىللىلىتىر سۈت ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەتتە بالىلار 2ياشقا يەتمىگەن بولسا، ئۇلارغا كالتسىيلىق سۈت پاراشوكى ئىچكۈزۈشنى ئاساس قىلساق، بالىلار ئىككى ياشقاندىن ئاشقاندىن كېيىن ئاندىن يېڭى سۈت ئىچكۈزۈسەك بولىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号