بۇ بىر ئانىنىڭ بالا بېقىش جەريانىدا ھېس قىلغان تەجىربىلىرى ئىكەن. مۇتلەق توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن.

ئونىنچىسى:بوۋاقلارنىڭ تۇتاش كىيىمى، دەل كېلىدىغىنى ئالمىسا بولمايدۇ، كىچىك كېلىپ قالسا ئەسلا كىيگۈزگىلى بولمايدۇ، بالىنىڭ ئۆسۈشىگىمۇ پايدىسىز، بالا سەل چوڭ بولغاندا كېسىۋېتىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

توققۇزىنچىسى: ھەشەمەتلىك بوۋاقلار ھارۋىسى، قارىماققا بەكلا ھەشەمەتلىك بولۇپ، ئادەمنىڭ ئالغۇسى كېلىدۇ، لېكىن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمامسىز، كېيىن سىز يالغۇز سىرىتقا چىقىدىغان بولۇپ قالسىڭىز، بالىڭىز ئولتۇرۇشنى خالىمىسا سىز بىر قولىڭىزدا بالىنى يەنە بىر قولىڭىزدا بۇ ئېغىر ھارۋىنى ئىتتىرىپ ماڭسىڭىز، نېمىدىگەن جاپالىق.

قورساق تېڭىش بەلبېغى، ئولتۇرسا كۆكرەككە تاقىشىۋاتقان، ماڭسا ئورنى يۆتكىلىپ كېتىۋاتقان، تاماق يېسىڭىزمۇ بىئارام قىلىۋاتقان. بولدىلا ئىشلەتمەيلى ئاشۇ نەرسىنى.

يەتتىنچىسى:ئېمىزگە قۇتىسىنى دېزىنفىكسىيەلىگۈچ، ئىشلىتىشمۇ، يۇيۇشمۇ قولايسىز، ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇدىلا دېزىنفىكسىيە قىلغانغا يەتمەيدۇ.

ئالتىنچىسى:لاتا قىسقۇچ، سۇ سۈمۈرمەيدۇ، بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتلىرى ھەممىسى ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. بىر قېتىم ئىشلەتسىلا قانداقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

بەشىنچىسى:سۈت ئىسسىتقۇچ، ئادەتتە سۈت نورمال تېمپىراتۇرىدا ساقلىنىش مۇددىتى 4 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دېمەك سۈتنى سۈت ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغاندا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ سوغۇق سۈتنى قىززىتىش سۈرئىتى بەك ئاستا، قايناقسۇ بىلەن ئىسستىقانغا يەتمەيدۇ.

تۆتىنچىسى: قولدا سۈت تارتىش ئۈسكۈنىسى، بۇنىڭ بىلەن سۈتنى تارتىپ بولالماي قولىڭىزنىڭ پېيى تارتىشىپ قالىدۇ، توكلۇق سۈت تارتقۇنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۈچىنچىسى: قىرىق ئىچىدە ئىشلىتىدىغان داكىلىق چىش چوتكىسى، بۇنى بىر قاپ ئېلىپ، پەقەت بىر تاللا ئىشلەتتىم، پەقەت پاكىز يۇغىلى بولمايدىكەن. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا يۇمشاق قىللىق چوتكىنى ئىشلەتكەنگە يەتمەيدۇ.

ئىككىنچسى: بۇرۇن قاقىچىنى تارتىش ئۈسكۈنىسى، بالا بەك ئارامسىزلىنىدۇ ھەم ماسلىشىپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ، ھەر قېتىم ناھايىتى ئۇزۇندا ئاندىن ئېلىپ بولغىلى بولىدۇ. ئادەتتە بالىنىڭ بۇرۇن قاقىچىنى ئاستا مىجىپ سۈرتىۋەتسىلا بولىدۇ، بالىنىڭ بۇرنىدا قاقاچ بولسا ئۇنچىۋالا قىينىلىپمۇ كەتمەيدۇ، سىزنىڭ مەجبۇرلاش كېسىلىڭىز بولمىسىلا.

بىرىنچىسى: ئەر بولغۇچى، بۇنى بەك تەپسىلىي دەپ كەتمىسەممۇ بىلسىلەر ھەقىچان.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 46ياشلىق ئايال ئىۋىنىس ۋە ئۇنىڭ 23ياشلىق قىزى يىمان، ھەركۈنى ئوخشاش پاسون، ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كىيىۋالىدىغان بولۇپ، قەيەر

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەر تەرەپنىڭ كۆڭلىدە ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىسى، چوقۇم ئاسماندىكى چولپانغا ئوخشاش مۇقەددەس كىلىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا خۇدد

ئەقىللىق ئاياللار مەيلى مۇھەببەتكە ياكى تويلىشىشقا قارىتا بولمىسۇن، ئۇلار بۇنىڭ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمىلا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئادەم ئۆزىگە ئۆزى خوجا، ش

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئېغىرلىقتىكى "غەلىتە مەخلۇق"

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك مۇھەببەت ئاساسى يوق ئەھۋال

ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتەپ، سىرتقى دۇنيادىن ئوكىسگىننى سۈمۈرگەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزىدە ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ن

قارا جەمئىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ھەرگىز ماڭا ئوخشاش تىرە رەڭگى قارا بولۇپ قالسا، ياكى يول بويىدا بەش يۈەن پۇل خەجلەپ قوللىرىغا گۈل چەكتۈرۋالسا قارا جەمئىيەت

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى ھەرۋاقىت ئىشلەپچىقىرىشقا






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号