ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىيلىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ھامىيلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدە، ھامىيلە ھۈجەيرىلەر توختىماستىن بۆلۈنۈپ ئۆسۈۋاتقان دەۋىردە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، مېڭە نىرىپ ھۈجەيرىلىرى ئېشىش مەزگىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان ھامىلدار ئاياللار يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاپ، بوۋاقنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بىرىشى كېرەك.
ئاقسىل
   ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاقسىل، كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئۇزۇقلۇق ماددا بولۇپ، ئۇ يەنە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ مۇھىم تەشكىل قىلغۇچى قىسىمىدۇر. بۇندىن باشقا، ئاقسىل يەنە مېڭىنىڭ ھاياجانلىنىش ۋە توسۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئىنسانلار ھەر كۈنى بەلگىلىك مىقداردا ئاقسىل قوبۇل قىلىشقا مۇھتاج. مەيلى ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ياكى ئەستە ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بولمىسۇن، ھەممىسىدە ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھامىيلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى بولسۇن دېسەك، ھامىلدارلىق دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا، تۇخۇم، كالا سۈتى، بېلىق دېگەنلەرگە ئوخشاش ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم.
ساخارىد تۈرى
   چوڭ مېڭە پائالىيىتى، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بەدىنىمىزىدىكى ئېنېرگىيە خوراش ئەڭ كۆپ بولىدىغان قىسىملارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئېنېرگىيەلەر گىلوكوزا ئارقىلىق تەمىنلىنىپ بىرىلىدۇ. بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىز ئەسلىدە ساقلانغان ئېنېرگىيە چەكلىك بولغاچقا، مېڭە پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، بەدەنگە نورمىدىن سىرت گىلوكوزا تولۇقلاشقا موھتاج بولىمىز. ئەگەر ھامىيلىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى تېخىمۇ ياخشى، ئەقلى ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولسۇن دېسەك، ئۇنداقتا ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا، گىلوكوزا تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش لازىم. ئادەتتە، سۇلۇ، گۈرۈچ، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ساخارىد تۈرىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا تولۇقلاشقا بولىدۇ.
ۋىتامىن
   ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە پائالىيىتى جەريانىدا، ۋىتامىنمۇ ناھايىتى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ؛ ئۇ ئوكسىگېن ۋە ئۇزۇقلۇق ماددا تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېڭىنىڭ نورمال پائالىيىتى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر بەدەندە ۋىتامىنلار كەملەپ كەتسە، چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتى راۋان بولماسلىق، مېڭىنىڭ ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەش، ھارغىنلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىيلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يېتىلىشى ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق تۈردە ۋىتامىن تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم؛ ئادەتتە، مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号