ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ سىگناللار بوۋاققا ياستۇق قويۇپ بىرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى تۈز ھالەتتە بولۇپ، قورامىغا يەتكەنلەرگە ئوخشاش فىزىلوگىيەلىك ئەگمە تېخى شەكىللەنمىگەن بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئۇلارغا ياستۇق قويۇپ بىرىشكە بولمايدۇ، بولمىغاندا ئۇمۇرتقا سۆڭەكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
   لېكىن بوۋاقنىڭ يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كارىۋاتتا تۈپتۈز يېتىش بىلەن قانائەتلىنىپلا قالماي، تەدرىجىي ھالدا ياستۇققا ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بىرىشكە باشلايدۇ.
ئاتا-ئانىسىدىن ياستۇق تالىشىشقا باشلايدۇ
   ئادەتتە، كىچىك بوۋاقلار ئانىسى بىلەن بىرگە ئۇخلايدۇ، ئەگەر ئانىلار بوۋىقىنىڭ ئۆزىدىن ياستۇق تالىشىۋاتقانلىقىنى بايقىسا، بۇ ئەھۋال، تۈز يېتىشنىڭ ئۇلارنىڭ راھەت يېتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا كىچىك ياستۇق قويۇپ بىرىش كېرەك.
ئۇيقۇ سۈپىتى سەۋەپسىز تۆۋەنلەپ كېتىش
   بالا يېرىم كېچىدە ھەمىشە چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسە ياكى ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىسا ھەمدە قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈش، قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن بولسا، بۇندىن باشقا يەنە دۈم يېتىپ ئۇخلايدىغان بولۇۋالسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتا ياستۇققا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ھەمىشە قونچاقلارغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلايدىغان بولۇۋالسا
   يۇمشاق قونچاقلار، ھەرقانداق بوۋاقنىڭ كارىۋىتىدا بار بولىدۇ؛ چۈنكى بۇ قونچاقلار، ئاتا-ئانىسى يېنىدا يوق ۋاقىتتا، بوۋاققا ھەمراھ بولۇپ ئۇخلىشىپ بىرىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ ھەمىشە قونچاقلارغا كاللىسىنى قويۇپ ئۇخلايدىغان بولۇپ قالغىنىنى بايقىسىڭىز، بۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا ياستۇق قويۇپ ئۇخلاشقا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号