ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولماسلىقنىڭ ھامىيلىگە بولغان تەسىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بەدەندىكى ھورمۇنلاردا ئۆزگىرىش كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كەيپىياتى تۇراقلىق بولماسلىق، ئاسان غەزەپلىنىش ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ھامىيلىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
   1. ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يېگەن نەرسە ئاز بولسا، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەي، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قورساقتىكى بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار تاماقنى جايىدا يىيىش كېرەك.
   2. ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ھامىيلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش خوشياقمايدۇ. نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھامىيلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغان بالا تېخىمۇ ئەقىللىك تۇغۇلىدۇ؛ چۈنكى ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرسا، بالا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يىتەرلىك بولىدۇ، شۇڭا ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ.
   3. ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېلىنكىلىق كۆزىتىشلەردە بايقىلىشىچە، ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىقنىڭ ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۈستى قىسىمى ۋە ئۈستى ئېڭەك سۆڭىكى يېتىلىپ شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئەگەر ھامىلدار ئايالدا تۇيۇقسىزلا يىغلاش، خاتىرجەمسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھامىيلىدە توشقان كالپۇكى دېگەنگە ئوخشاش غەلىتە شەكىللىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
   4. ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى ئازلاپ كېتىدۇ. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ھەمىشە يىغلاش، روھى ھالىتى ياخشى بولماسلىق، قورقۇش، خامۇشلىشىش، كەيپىياتىدا داۋالغۇش كۆرۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئانا تېنىدە قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى كېمىيىپ كېتىدۇ.
   5. ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ھامىيلىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۇزۇن مۇددەت كەيپىياتى چۈشكۈن ياكى زىيادە ھاياجانلىنىش ئىچىدە ئۆتسە، ھامىيلىنىڭ يېتىلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپلا قالماي، تۇغۇلغاندىن كىيىنمۇ، ھامىيلىدە يىغلاپ خاپا قىلىدىغان، ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى ناچار بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号