ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۈزىگە داغ چۈشۈپ قالسا قانداق قېلىش كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيەسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئايالدا سېرىق داغ كۆرۈلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. تولۇق بولمىغان سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، %70 ھامىلدار ئايالنىڭ تېرىسىدە قېنىق رەڭلىك داغلار كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ھامىلدارلىق دېغى(ئىلمىي ئاتىلىشى سېرىق داغ ياكى قارا داغ) دەپ ئاتىلىدۇ.
   سېرىق داغ، ئورگانىزىم ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدىكى مىكرو ئايلانما توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە قارا رەڭ ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىپ چۆكمە ھاسىل قىلىشى سەۋەبلىك شەكىللىنىدۇ. چىراي قىسىمدىكى تېرە ئەڭ نېپىز، قىل قان تومۇرلار ئەڭ كۆپ بولغاچقا، رەڭ ماددىسى چۆكمە ھاسىل بولۇپ قېلىشىمۇ ئەڭ ئاسانغا توختايدۇ. شۇڭلاشقا، سېرىق داغ كۆپىنچە يۈز قىسىم، كۆزنىڭ ئاستى تەرىپىدە كۆرىلىدۇ.
   تېرە رەڭگى نىسبەتەن قېنىق كەلگەن ھامىلدار ئاياللاردا، بۇ خىل داغ تېخىمۇ ئاسان كۆرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدار بولغان قېتىم سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدارلىق دېغى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇ خىل سېرىق داغنىڭ شەكىللىنىشى، ئادەمگە قاراپ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بەزىلەرنىڭ ئېغىز بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئۇنچە بەك كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سېرىق داغ، ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يوقايدۇ ياكى سۇسلىشىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، يۈز قىسىمىنىڭ ئاپتاپتا كۆيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە باشقا سېرىق داغ پەيدا بولۇش ئامىللىرىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号