ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئائىلە تەربىيەسىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئائىلە، ھەربىر ئادەم تەربىيە قوبۇل قىلىدىغان تۇنجى جاي. ھەرقانداق بىر ئادەمگە نىسبەتەن، ئەڭ ئاساسلىق بولغان تەربىيە، ئائىلىدىن كېلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئۇنداقتا، ئائىلە تەربىيەسىدە، ئاتا-ئانىلار قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بىز تۆۋەندە بىرلىكتە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن تەكلىپلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
   1. تەربىيە، ئۇ بىر خىل ئادەتلىنىش بولۇپ، تەپەككۇر ئېنىرتسىيە خاراكتېرىگە ئىگە. مائارىپ-تەربىيەنىڭ ھالقىسى، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلىشىڭىز ياكى ئۆزگەرتەلمەسلىكىڭىزدە ۋە ئۇنىڭ سىزنى كونترول قىلالىشىدا.
   2. بالىڭىز كىچىكىدىن باشلاپلا سىز ئۇنىڭدىن قانچە خاتىرجەم بولسىڭىز، بالىڭىز چوڭ بولغاندىن كېيىن سىزنى شۇنچە بەك خاتىرجەم قىلىدۇ؛ بالىڭىز كىچىكىدە سىز ئۇنىڭدىن قانچە ئەنسىرىسىڭىز، بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىزنى شۇنچە بەك ئەندىشىگە قويىدۇ.
   3. بالا تەربىيەلەشتە، ئۈنۈم كۆرۈشكە ئالدىرىماي، ئويلىنىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى كۆپرەك قىلىڭ.
   4. بالىنى ياخشى تەربىيەلەش، بىزنىڭ بالا ئۈستىدە سەرپ قىلغان ۋاقتىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى بالىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ.
   5. بوۋاقنىڭ ئۆگىنىشنى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىنى، ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىنىڭ مەزمۇنى ئەمەس، بەلكى شەكلى بەلگىلەيدۇ.
   6. ئوڭۇشسىزلىقنىڭ زۆرۈرلىكى، ئۇنىڭ بىر ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە يەتكۈزەلەيدىغان بولىشىدا؛ قەلبى ھېچقانداق توسۇق ۋە زەربىگە ئۇچراپ باقمىغان بالىلار، كەلگۈسىدە كىچىككىنە بىر قىيىنچىلىقلاردىنمۇ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
   7. ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ يىتەرسىزلىكتىن ساقلىنىش. بالىغا بولغان تەربىيەنىڭ تۈپ ھالقىسى يىتەرسىزلىكتىن ساقلىنىش ئەمەس، بەلكى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش. ئۇلۇغۋار دەپ تەرىپلەنگەن كىشىلەرنىڭ يىتەرسىزلىكى يوق ئەمەس، بەلكى ئارتۇقچىلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن بولىدۇ.
   8. بالا تەربىيەلەشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، ئۆزىمىزنى بېسىۋىلىش، كەيپىياتنى تۇراقلىق تۇتۇش، ئالدىرىماسلىق. ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزنى تىنچلاندۇرالمىسىڭىز، ئۇنداقتا توختاپ قېلىڭ؛ توختاپ قالغىنىڭىز، ئالدىراقسانلىق قىلغىنىڭىزدىن ياكى جىلە بولۇپ قالغىنىڭىزدىن كۆپ ئەۋزەل.
   9. مۇئەللىمنىڭ ياخشى ناچارلىقىنى سىز كونترول قىلالمايسىز، لېكىن بالىنىڭ روھى ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. تەربىيەنىڭ تۈپ مەنبەسىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك.
   10. بالىلارنى زىيادە قوغداپ ئۇۋالچىلىق تارتقۇزمايمەن دېسەك، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى تېخىمۇ ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. بالىلار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئۆزى تەڭشىسە، ئۇلارغا تەسەللى بەرگەندىن كۆپ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
   11. بۈگۈن سىز بالىڭىز ئۈچۈن ئىگە بولۇپ قارار چىقىرىپ ئادەتلەنسىڭىز، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ تەقدىرى باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
   12. زىيادە ئامراقلىق قىلىش، ھەسەل يالىتىلغان ئاستا خاراكتېرلىك دورىغا ئوخشايدۇ، ئىچكەنسېرى تاتلىق بىلىنىدۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلغانسېرى شۇنچە زەھەرلەيدۇ.
   13. مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسى ۋە ئەمگەكنى سۈيۈش پەزىلىتى، ھازىرقى زاماندىكى ئاتا-ئانىلار ھەممىدىن بەك نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان نۇقتا، شۇنداقلا ھەم ئەڭ مۇھىم نۇقتا.
   14. ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالماسلىق، بالىنىڭ بۇلۇمسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى.
   15. بالىنىڭ مۇئەللىمدىن ۋە تەنقىدلەشكە ئۇچراشتىن قورقىشى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە مۇئەللىمنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号