ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالتە تۈرلۈك ئامىل
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر بارغانسېرى كۆپ ئاياللار، ياشقا قانچە چوڭايغانسېرى، قورساق كۆتۈرۈشىنىڭ شۇنچە بەك تەسلىشىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمەكتە. لېكىن يەنە نۇرغۇن ئاياللار، ئەڭ ياخشى تۇغۇت ياش مەزگىلىدە بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇنلىغان سىرتقى ئامىللار ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ خىلدىكى ئاياللار، ئۆزىنىڭ قورساق كۆتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى شۇنداق ئويلىسىمۇ، ئەمما نېمە قىلىشنى ياكى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. بۇنىڭدا، مېنىڭچە ئالدى بىلەن قورساق كۆتۈرەلمەسلىك سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە بولىدۇ.
زىيادە سېمىز بولۇش
   ئەمەلىيەتتە، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسەك، ئەتراپىمىزدىكى نىسبەتەن سېمىز ئاياللارنىڭ ئاسانلىقچە قورساق كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى، بەدەندىكى ئارتۇق مايلار ھورمۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قورساق كۆتۈرۈشنى تەسلەشتۈرىۋىتىدۇ.
زىيادە ئۇرۇق بولۇش
   ئايال كىشى بەك سېمىز بولسا ئاسانلىقچە قورساق كۆتۈرەلمەيدۇ، ئەكسىچە بەك ئورۇق بولۇپ كەتسىمۇ قورساق كۆتۈرۈشنى تەسلەشتۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر بەك ئۇرۇق بولۇپ كەتسە، ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدە ئۇرۇق ئاقسىل كەملەپ كېتىدۇ؛ بۇ خىل ھورمون بولسا، ئادەمنىڭ ئاچلىق ۋە تويۇنۇش تۇيغۇسىنى كونترول قىلىدىغان ھورمۇندۇر. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئاياللار تېنىدىكى ئۇرۇق ئاقسىل مىقدارى بەك تۆۋەن بولسا، ھەيىز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەبلىك نورمال قورساق كۆتۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشمۇ، كۆپىيىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى.
ياشنىڭ يۇقىرىلىشى
   بىز باشلىنىشتىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، ئاياللارنىڭ يېشى قانچە چوڭ بولسا، كۆپىيىش ئىقتىدارى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ؛ 50-40ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا بولسا، ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشتىن توختايدۇ، بۇ ئەھۋال، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. لېكىن، كىلىماكتىرىيە دەۋرى يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋالقى 10 يىل ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا، تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىشىشىگە ئەگىشىپ، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش سانىمۇ تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئەڭ كىيىن قالغاندىمۇ، 35ياشتىن بۇرۇن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
تاماكا چىكىش
   ئەگەر ئاياللارنىڭ تاماكا چىكىدىغان ئادىتى بار بولسا، تاماكا تەركىبىدىكى خېمىيىلىك ماددىلار، ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانىنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، تۇخۇمنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بۇندىن باشقا، تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار، يەنە تېخى داس بوشلۇقى ياللۇغى، داس بوشلۇقى چاپلىشىپ تۇتىشىپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ۋاستىلىك ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئوڭۇشلۇق ھالدا قورساق كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاياللار ئۆزى تاماكا چەكمىگەندىن باشقا، يەنە باشقىلار چەككەن تاماكىنىڭ ئىسىدىنمۇ يېراق تۇرۇشى لازىم.
ئارتۇق مىقداردا زىيادە ھەرىكەتلىنىش
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىشنىڭ ساغلاملىققا پايدىسى بار. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەنە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. لېكىن، ئەگەر قارىغۇلارچە ھالدا زىيادە مىقداردا چېنىقىپ ھەرىكەتلەنگەندە، ئەكسىچە تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشقا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ جەھەتتە مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
روھى بېسىم
   ھازىرقى ياشلارنىڭ روھى بېسىمى ئومۇميۈزلۈك ھالدا چوڭ بولۇپ، ئاياللارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەگەر ئايال كىشى ئۇزۇن مۇددەت بۇ خىل روھى ھالەتتە تۇرسا، ئۇلاردىكى ئىچكى ئاجرالمىدا قالايمىقانلىشىش كۆرۈلۈپ، بۇ سەۋەبلىك تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى ئاياللار ھەمىشە بىر خىل يامان خاراكتېردىكى ئايلانمىغا كىرىپ قالىدىغان بولۇپ، قورساق كۆتۈرۈشنى ئويلىغانسېرى، روھى بېسىمى شۇنچە بەك ئېغىرلاپ، قورساق كۆتۈرۈشى شۇنچە بەك تەسلىشىپ كېتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号