ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تاماكا ئىسىنىڭ ھامىيلىگە ۋە بوۋاق بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   سىز يولۇقۇپ باققانمۇ يوق بىلمىدىم، بەزىلەرنىڭ غەلىتە بىر خىل قىزىقىشى بار، بولۇپمۇ بەزى ھامىلدار ئاياللار، پەقەت ئازراق تاماكا ئىسى پۇراپ سۈمۈرگەن ۋاقىتتلا، ئاندىن كۆڭلى ئۇنچە بەك ئاينىپ بىئارام بولۇپ كەتمىگەندەك ھېس قىلىدۇ؛ لېكىن بىلەمسىز، بۇ خىل قىلمىش، قورساقتىكى ھامىيلىگە تەسۋىرلىگۈسىز يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ....
   يۇقىرىقى بۇ رەسىم، چەتئەللىك دوختۇر ناجار.رىساللاند، تۆت ئۆلچەملىك كۆچمە ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا سايىلەپ ھاسىل قىلغان، ھامىيلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ۋاقتىدىكى كۆرۈنۈشى بولۇپ، رەسىمدىكى تۆت سۈرەت، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھامىيلىنىڭ 24،28،32،36ھەپتىلىك ۋاقتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئانا تاماكا چەككەن ياكى باشقىلار چەككەن تاماكا ئىسىنى سۈمۈرگەن ۋاقىتتا، قورساقتىكى بۇ شا كىچىك، قوللىرى بىلەن ئېغىز بۇرۇن ۋە كۆزلىرىنى توسىۋالىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق تاماكا ئىسىنىڭ بىئارامچىلىقىدىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ...
   لېكىن، شاكىچىكلەر راستتىنلا تاماكا ئىسىنىڭ زىيىنىدىن قېچىپ قۇتۇلالامدۇ؟ ئۇنداق قىلالمايدۇ! تاماكا ئىسى، ھامىيلە ياكى بوۋاق بالىلارغا تۆۋەندىكىدەك زىيانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
   ئۆلۈك تۇغۇلۇش، چۈشۈپ كېتىش ياكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش
   تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، تاماكا كۆيگەن ۋاقىتتا قويۇپ بىرىلگەن نىكوتىن ماددىسى، كۆپ قىسىمى ھامىيلە ھەمرىيىدىن ئۆتۈپ ھامىيلىگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. زىيانلىق تەسىرى بولسا، ھامىيلە ھەمرىيى ئىچىدىكى قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىش، ئانا تېنىنىڭ ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، ھامىيلە ۋاقتىدا يىتەرلىك تۈردىكى ئوكسىگېن ۋە ئۇزۇقلۇققا ئىرىشەلمىسە، بالىياتقۇدا ئۆلۈپ كىتىدىغان ياكى بالا چۈشۈپ كېتىدىغان تىراگىدىيە يۈز بىرىدۇ؛
   كالپۇكى يېرىق يېتىلىش(توشقان كالپۇك)
   توشقان كالپۇكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەبى، ھامىيلىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا، ئۈستى كالپۇكى بىلەن ئۈستى ئېڭەكنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بولۇپ، بۇنىڭدىكى بىر قىسىم سەۋەب، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چىكىشى(ياكى تاماكا ئىسى سۈمۈرۈشى) ۋە ھاراق ئىچىشى بولۇشى مۇمكىن. بۇ دېگەنلىك، بۇنداق ھامىلدار ئاياللار تۇغقان بالىلار چوقۇم توشقان كالپۇك تۇغۇلىدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ، لېكىن كۆرۈلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.
   كىچىك بوۋاقلاردا زىققا كۆرۈلۈش، ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
   بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەك ئاسان، بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىش سىستىمىسىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل ئەمەس، شۇڭا تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى كاربون (Ⅱ) ئوكسىد ۋە نىكوتىننى سۈزۈلدۈرۈپ ئېلىپ قالالمايدۇ؛ بۇنىڭدا، بالىنىڭ نەپەسلىنىش يولىدا قېلىپ قالغان زەھەرلىك ماددا، ئۇلارنىڭ ئۆپكىسىگە ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، زىققا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تويۇقسىز ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.
   جۇغى كىچىك ھەم پاكار، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ
   تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئاتا-ئانىسى تاماكا چىكىدىغان بالىلارنىڭ قورامىغا يەتكەندىن كېيىنكى بوي ئېگىزلىكى ۋە ئەقلى ئىقتىدارى، ئاتا-ئانىسى تاماكا چەكمەيدىغان بالىلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن. چۈنكى، بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا، ئانا تېنىدىن كەلگەن ئۇزۇقلۇق، تاماكا ئىسى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان بولغاچقا، بالىلار يىتەرلىك تۈردە ئېنېرگىيەگە ئېرىشەلمەي، جۇغى كىچىك ياكى چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئاددى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号