ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاققا مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭلار تامىقى يىگۈزۈشنىڭ زىيىنى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بوۋىقىغا بىر مەزگىل قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزگەندىن كېيىن، بوۋاقنىڭ يامان ئەمەس يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بوۋاققا ئۆزى يىگەن تاماقلارنى يىگۈزىدۇ. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ ئەمەس؟ بۇنداق قىلىشنىڭ بوۋاققا قانداق يامان تەسىرى بار؟
   ئادەتتىكى نورمال ئەھۋالدا، بوۋاق ئىككى يېرىم ياشتىن كىيىن ياكى ئۈچ ياشقا توشقاندىن كېيىن ئاندىن چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ. ئەگەر بوۋاققا مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭلارغا ئوخشاش تاماق يىگۈزسەك، تۆۋەندىكىدەك يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
   كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يىتىپ، ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئاستىلاپ قالىدۇ
   "تەمى ياخشى" تائاملار، ئادەتتە ئاساسى جەھەتتىن تۇزلۇق، مايلىق كېلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، قوبۇل قىلىدىغان تۇز مىقدارى ئاسانلا ئۆلچەمدىن ئېشپ كىتىپ، بوۋاقنىڭ كالتسىي ئىئونىنى سۈمۈرىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئاستا بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، قوبۇل قىلغان تۇز مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بۆرەك بېسىمىنى ۋە بوۋاقنىڭ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاققا بىر ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن تۇز بەرمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ
   بوۋاقلارنىڭ چىشى 3-2.5ياش ئەتراپىدا ئاندىن تۇلۇق چىقىپ بولىدۇ، ئەگەر چىشنىڭ ياردىمى بولمىسا، بوۋاقنىڭ چايناپ ئىزىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بوۋاققا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىيىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلىساق، ئۇلار يېمەكلىكنى تولۇق چايناپ ئىزىپ بولالمايلا يۇتۇۋىتىشى مۇمكىن. لېكىن، يىمەكلىكلەرنى تۇلۇق چايناپ ئىزىپ يۇتمىغاندا، تولۇق پارچىلانمىغان يېمەكلىكلەر بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچەي يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ئۇلاردا ئىچى سۈرۈش، قورساق ئىسىلىش قاتارلىق ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   بوۋاقنىڭ ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە پايدىسىز
   قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ تامىقىغا، ئادەتتە كۆپلىگەن خۇرۇچ ماتېرىياللىرى قوشىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، بالىلار ئاسانلا تۇزلۇق ياكى تاتلىق تاماققا كۆنۈپ قېلىپ، كىيىنكى كۈنلەردە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئېغىر تەملىك يېمەكلىكلەر، ئاسانلا بالىلاردا تاماق تاللايدىغان ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. بوۋاق بالىلارنىڭ تەم سەزگۈسى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، تۇزسىز ۋە مايسىز بولغان تەبىئى يېمەكلىكلەر، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەڭ  مەززىلىك تائامى ھېسابلىنىدۇ.
بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەن
   چوڭلارنىڭ تامىقى، تەييارلىنىش جەھەتتە بوۋاقلار يېمەكلىكىدەك ئىنچىكە بولمايدۇ؛ شۇڭا چوڭلارنىڭ تامىقىدىكى بەزىبىر تالا تۈرىدىكى ماددىلار، بېلىق قىلتىرىقى، سۆڭەك تۈرىدىكى ماددىلار قاتارلىقلارنى، بوۋاقلار ئاسانلىقچە پەرقلەندۈرۈپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى، ياشقا كىچىك بوۋاقلار، نۇرغۇنلىغان تاماق يىيىش ماھارەتلىرىنى تېخى تولۇق ئىگىلەپ كېتەلمىگەن بولىدۇ؛ ئۇلار، تولۇق چايناپ ئىزىپ ئاستىراق يۇتۇشنى بىلمەيدۇ، بېلىق قىلتىرىقىنى ئايرىۋىتىشنى بىلمەيدۇ، ئەكسىچە ھەممىسىنى ئوخشاش يىگىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاقلار 24ئايلىق بولۇشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ئەڭ ياخشىسى چوڭلارنىڭ تامىقىنى بەرمەسلىك كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号