ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلار ئىمىزگىسىنى قانداق ۋاقىتتا ئىشلىتىش كېرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوۋاقلار ئىمىزگىسى، ئانىنىڭ ئەمچىكىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان بىر خىل سەپلىمە بۇيۇم؛ ئىمىزگە ئادەتتە، بوۋاق يىغلاپ خاپا قىلغان، ئۇخلىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئېغىزىغا سېلىپ قويىلىدىغان بولۇپ، بوۋاقنى تىنچلاندۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل قورالدۇر. ئۇنداقتا، ئىمىزگىنى قانداق ۋاقىتتا ئىشلىتىش كېرەك؟
   1. بوۋاقنىڭ ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش. ئىمىش ئېھتىياجى زىيادە كۈچلۈك بولغان بالىلارغا قارىتا، ئۇلار بەلكىم ئېغىزىدا نەرسە ئىمىپ تەسەللى تېپىشقا راستتىنلا موھتاج بولۇشى مۇمكىن.(قورسىقى تويغان، ئىسسىپ قالمىغان ياكى توڭۇپ قالمىغان، ھۆلدە قالمىغان، ئانىنىڭ قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۈشى يىتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ توختىماي يىغلايدىغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ)
   2. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان ياكى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولغان بوۋاقلارغا قارىتا، ئىمىزگە ئىمىپ تەسەللى تېپىش، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن؛ بىراق، ئەگەر ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا يىتىشىۋالغاندىن كىيىن، ئىمىزگە ئىشلىتىشنى توختىتىش لازىم.
   3. ئىمىزگە ئىشلىتىشنىڭ، بالىنىڭ ئانا سۈتى ئىمىشى ياكى سۈت پاراشوكى ئىمىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىش. ئەگەر تەسىرى بارلىقى بايقالسا، دەرھال ئىشلىتىشتىن توختىتىش.

ئىمىزگىنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرى
   1. نورمال ئەھۋال ئاسىتدا، بوۋاقنىڭ تۇغۇلما شەرتسىز رىفلىكىسى ۋە ئىمىش رىفلىكىسى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي يوقايدۇ؛ ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئىزچىل تۈردە بالىنىڭ ئېغىزىغا ئىمىزگە سېلىپ قويسا، بۇ خىل رىفلىكىسنى كۈچەيتىش رولىنى ئويناپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بالا ئىمىزگىگە خۇمار بولۇپ قالىدۇ.
   2. توختىماي ئىمىزگە ئەمگەن ۋاقىتتا، ھاۋا بوۋاقنىڭ شوراپ يۇتۇش ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، ئېغىزىنىڭ ئىككى بۇرجىكىدىن ئېغىز بوشلۇقى ۋە ئاشقازىنىغا كىرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاشقازىنى سۈت ۋە ھاۋانىڭ ھەجىمىنى سىغدۇرۇپ بولالمىغان ۋاقىتتا، ئاشقازىنىدا تارىيىپ يېغىلىش كۆرۈلۈپ، بوۋاقتا ئەمگەن سۈتنى قۇسۇۋىتىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ.
   3. بوۋاق ئىمىزگە ئىمىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرى، شەرتلىك رىفلىكىسنىڭ رولى ئاستىدا قىمىرلايدۇ؛ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە كۆپ قېتىم قىمىرلىشى، بوۋاقنىڭ ئۈچىيىنىڭ تارتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ.
   4. ئۇزۇن ۋاقىت ئىمىزگە ئىشلەتكەندە، بوۋاقنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى چىشلىرىنىڭ ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كەلمەسلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، بوۋاقنىڭ كالپۇكىنىڭ سىرتى شەكلى كۆرۈمسىز بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىمىزگىنى قايسى ۋاقىتتا ئىشلىتىش كېرەك؟
   ئادەتتە، بوۋاق ئالتە ئايلىققا توشقاندىن كېيىن ئاندىن ئىمىزگە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقا كىرگۈچە بولغان مەزگىل، بوۋاقلارنىڭ چىش چىقىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بوۋاقنىڭ قولىغا نېمىلا چىقسا چىشلەپ باقىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلار ھەمىشە ئىمىزگە، ھەتتا قول بارماقلىرىنى ئىمىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىمىزگە ئىمىش، بوۋاققا قانائەت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلەيدۇ ھەمدە چىش چىقىش مەزگىلىدىكى چىش مىلى ئاغرىش ئېلىپ كەلگەن بىئاراملىق تۇيغۇسى ۋە خاتىرجەمسىزلىنىش تۇيغۇسىنى يېنىكلىتەلەيدۇ.
ئىمىزگە ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
   1. بەك بالدۇر ئىشلەتمەسلىك؛ مەسىلەن، ئانا سۈتى ئىمىشكە باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە.
   2. ھەر قېتىم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنىڭ ئىمىزگە ئىمىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى بالىنىڭ ئىمىزگە ئىمىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش كېرەك.
   3. بالا يىغلىغان ھامانلا ئېغىزىغا ئىمىزگە سېلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش؛
   4. ئىمىزگىنى بوۋاقنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويماسلىق ياكى بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ يان تەرەپلىرىگە چىگىپ ئېسىپ قويماسلىق كېرەك؛ بولمىغاندا، شوينا بوۋاقنىڭ بوينىغا يۆگىشىۋىلىپ نەپەسلىنەلمەي قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛
   5. بالىغا ئىمىزگە بەرگەن ۋاقىتتا، يېنىدا ئادەم بولۇشى كېرەك؛
   6. ئىمىزگىگە قەنت، ھەسەل دېگەنگە ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى سۈرۈپ بىرىشكە بولمايدۇ؛
   7. بىخەتەر ئىمىزگە تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك؛
   8. ئىمىزگىنى تاشلاتقۇزغان ۋاقىتتا، يېنىك ئۇرۇپ بىرىش، ناخشا ئېيتىپ بىرىش، مۇزىكا ئاڭلاش، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بالىنىڭ دىققىتىنى يۆتكىسەك بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号