ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلار ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلاردىن يىراق تۇرۇشقا موھتاج
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ، كىچىك بالىلارنىڭ قولىدىمۇ ئاساسى جەھەتتىن بىرەردىن ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار بار؛ ھەتتا بەزىبىر يەسلى يېشىغا توشمىغان بوۋاقلارمۇ، چوڭلارغا ئوخشاش يانفوننى ئاستى-ئۈستىگە سىيرىپ ئوينايدۇ، تېخى مەشغۇلاتقا ناھايىتى پىششىق كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىدە بىر سوئال پەيدا بولىدۇ: ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار، زادى بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق؟
   ئەنگىلىيەلىك نوپۇزلۇق پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەر قانۇن-تۈزۈم ئورنىتىپ، 9ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كومپىيوتىر بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلەش كېرەك ئىكەن؛ چۈنكى، بالىلارنىڭ بەك بالدۇر كومپىيوتىر بىلەن ئۇچرىشىشى، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئىشىنىمەنكى، بۇ تەكلىپ نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ؛ چۈنكى، كومپىيوتىردىن ئىبارەت بۇ خىل ھازىرقى زامان تۇرمۇش قورالىنىڭ، بالىلارغا بولغان جەلپ قىلارلىق سېھرى كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.
   2007-يىلى، ئامېرىكا ۋاشىنگوتون داشۆسىنىڭ پىروففىسورى، مىڭدىن ئارتۇق ئاتا-ئانىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئېچىپ يېتىلدۈرۈش يۇمشاق دىتالىنى ئىشلىتىشنىڭ، 2ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ نورمال يېتىلىشىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بالىنىڭ يېزىق ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
   2008-يىلى، ئەنگىلىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، 14ياشلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ "يۇقىرى قاتلاملىق تەپەككۇر" قىلىش ئىقتىدارى، پەقەت 1976-يىلىدىكى 12ياشلىق بالىلارنىڭكىگىلا تەڭ كېلىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، تېلېۋىزور ۋە كومپىيوتىر ئويۇنىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە مەكتەپلەرنىڭ توختىماي ئىمتىھان ئېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
   نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىق مائارىپ ۋە تىبابەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا بايقىشىچە، ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى كۆپ ئىشلىتىدىغان بالىلار، كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناچار، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان، مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا بولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەن، ئۆزىنىڭ كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، ئىرادىسى يوق ھەمدە كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇپ قالىدىكەن.
   ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى، ھەقىقىي مۇھىت ئاستىدا ئاندىن ساغلام يېتىلەلەيدۇ. مەسىلەن، ئۆمىلەش، توسالغۇدىن ھالقىپ ئۆتۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر، بالىلارنىڭ بەدىنىنى چېنىقتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى ستېرېئولوق مۇھىت ئىچىدە ھەقىقىي ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنى سىزىپ يىتەلەيدىغان قىلىدۇ. بالىلار، ھەقىقىي نەرسىلەرگە ئۇچرىشىش ۋە ئۇلارنى سىزىش، كۆزىتىش، يۆتكەش ئارقىلىق، ھەقىقىي دۇنياغا بولغان ئەڭ ئاساسىي چۈشەنچە تۇرغۇزۇشقا موھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مەزگىلدە، بالىلارغا ئەقلى ئىقتىدارنى ئاچىدىغان يۇمشاق دىتاللار ئېلىپ بەرگەندىن، بالىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئويۇن ئوينىشىپ بىرىش تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号