ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە كەلگەندە، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار تۇغۇت ۋاقتىنى كۈتۈپ، جاپالىق ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى كۈتىدۇ. لېكىن، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىمۇ ناھايىتى ھالقىلىق بولغان بىر مەزگىل بولۇپ، ھامىلدار ئايالدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ؛ ئەگەر ھامىيلىنىڭ ساق-سالامەت، ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئويلىساق، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدىمۇ نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردىن دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە كېلىپ قالغان ھامىلدار ئاياللار، تۇغۇتنى ساقلاپلا ئولتۇرماي، تۆۋەندىكى ئىشلارغىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
يېمەك-ئىچمەك
   ھامىلدار ئايالنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىگە سىڭىپ كەتكەن بىر مەسىلە. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە كەلگەندە، گەرچە ھامىيلە بەلگىلىك دەرىجىدە يېتىلىپ تۇغۇلۇشقا ئاز قالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆز بېشىمچە ئىش كۆرۈپ، نېمە يىگۈمىز كەلسە شۇنى يېسەك ھەمدە قانچىلىك يىگۈمىز كەلسە شۇنچىلىك يىسەك بولمايدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال تاماقنى بەك كۆپ يەۋىلىپ ئۇزۇقلۇق زىيادە ئېشىپ قېلىش كېلىپ چىقسا، ھامىيلا زىيادە يوغىناپ كېتىشى مۇمكىن. ئىشىنىمەنكى، زىيادە يوغىناپ كەتكەن بوۋاقنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان پاسسىپ تەسىرى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق. شۇڭلاشقا، بۇنداق ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، يەنىلا ئۆزىنى كونترول قىلىشى كېرەك. بۇ مەزگىلدە، ھايۋانات ئاقسىلى ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، زۆرۈر بولغان ياغ كېسلاتالىرىنى قوبۇل قىلساق ۋە ھايۋانات ئىچ ئەزالىرىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق تۆمۈر تولۇقلىساق بولىدۇ.
ئۇخلاش ھالىتى
   ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى ناھايىتى چوڭۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇخلاش ھالىتىنى تاللىشىمۇ تەس بولىدۇ. ئادەتتە، ھامىلدار ئايالنىڭ سول يېنىنى بېسىپ يېتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا بالىياتقۇنىڭ قوساق قىسىم ۋىنرا تومۇرىنى بېسىۋىلىشنى ئازايتىپ، ھامىيلىنى قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىراق، بۇ يەردە ئېيتىلغان سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاش، سول يېنىنى 90گىرادوس ھالىتىدە بېسىپ يېتىشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى بەدەننى 30-15گىرادوس ھالدا يانتۇراق تۇتۇپ يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر ھامىلدار ئايال سول يېنىنى بېسىپ ياتقاندا بىئاراملىق ھېس قىلسا، باشقا خىل ھالەتتە يېتىپ ئۇخلىسىمۇ بولىدۇ.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش ئەھۋالىنى كۆزىتىش
   ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى، كۆپتىن ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بىر جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. 8ئايلىق ئەتراپىدا بولغاندا، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن، تەدرىجى ھالدا ئازىيىشقا باشلايدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، ھامىيلە بارغانسېرى يوغىناپ، بالىياتقۇ ئىچىدىكى بوشلۇق بارغانسېرى چەكلىك بولۇپ قالىدۇ، كەينىدىن ھامىيلە داس بوشلۇقىغا چۈشىدۇ؛ شۇڭا ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى ئازىيىدۇ، مىدىرلاش قاتتىقلىق دەرىجىسىمۇ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.بۇ قانۇنىيەتنى ئىگىلىگەن ئاساستا، ھامىلدار ئايال ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى ساناش ئادىتىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئەگەر ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىدىغان ياكى ئازلاپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.
قورساق ئاغرىش
  ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ساختا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ تارىيىپ يېغىلىش ھادىسىسى(ساختا تولغاق) كۆرىلىدۇ؛ بىراق، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭ راست ياكى ساختا خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ساختا خاراكتېرلىك تولغاق تۇغۇت يېقىنلاشقانلىقنىڭ سىگنالى ئەمەس، شۇڭا ئادەتتە دوختۇرخانىغا بېرىش كەتمەيدۇ. ساختا خاراكتېردىكى تولغاقنىڭ كونكرېتنى ئىپادىسى بولسا، ئادەتتە كەچ تەرەپتە كۆرۈلىدۇ ھەمدە قانۇنىيەتسىز بولىدۇ. ساختا خاراكتېرلىك تولغاقتا، بەزىدە يېنىك دەرىجىدىكى قورساق ئاغرىش بىللە ئەگىشىپ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما داۋاملىشىش ۋاقتى پەقەت نەچچە سىكونتلا بولىدۇ، ئىككى قېتىملىق ئاغرىقنىڭ ئارىلىقى بولسا نەچچە سائەتكە يېتىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ ھېس قىلغىنى قانۇنىيەتلىك تولغاق بولسا، قورساق ئاغرىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزىراپ، ئىككى قېتىملىق تولغاقنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت بارغانسېرى قىسقىرايدۇ؛ بۇ، تۇغۇتنىڭ سىگنالى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك.
   ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئاخىرىقى پەللىگە يىتىشكە ئاز قالغان بولىمىز، ئەمما يەنىلا بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئەكسىچە، ھامىلدار ئايال بۇ مەزگىلدە تېخىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانماق لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号