ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنى سۆزلەشكە قانداق رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىلارنى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ، چۈنكى بوۋاقنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار سۆزلەشنى ئۆگىنىدۇ؛ بۇ جەرياندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسى بىلەن كۆپرەك سۆزلىشىپ بىرىشى، بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.
   بالىغا سۆزلەش پۇرسىتىنى كۆپرەك بىرىش
   ھەر قېتىم ئۇلارنى سىرتلارغا ئېلىپ چىققاندا، ياكى ئۆيدە ئۇنىڭغا ئوينىشىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىل-سۆزلەرنى قوراشتۇرۇپ سۆزلىشىگە قويۇپ بىرىش، ئۇلارغا چوڭ ئادەم بىلەن باراۋەر ئاساستا مۇئامىلە قىلىش كېرەك؛ ئەگەر بالا پەقەت ئىپادىلىيەلمەي قالسا، ئاندىن ئۇلارنى مۇۋاپىق تۈردە يىتەكلەپ بەرسەك بولىدۇ.
   ئاتا-ئانىلار بالىغا سۆزلەش پۇرسىتى بىرىشى كېرەك. بالىنىڭ سۆزلىشى مەيلى ياخشى بولسۇن بولمىسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزى تىل-سۆزلەرنى قوراشتۇرۇپ سۆزلەش پۇرسىتىنى كۆپرەك بەرسەك، بۇنىڭدا بالىلارنىڭ يېتىلىش بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
   كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغان گەپلەرنى قىلىش
   مەسىلەن، بالىنى بىللە ئېلىپ تاللا بازارلىرىغا بارغاندا، بالىلاردىن نەرسە-كېرەكلەرنىڭ باھاسىنى سوراپ ئۆگەتسەك ياكى پۇلنى ئۇنىڭغا بىرىپ، ھىسابلىشىپ پۇل تۆلىگىلى سالساق بولىدۇ. بالىلار سۆزلەپ نىشاننى ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنى "تېخىمۇ ياخشى سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، تاللا بازىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار سىزنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قاپتۇ" دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەملەشسەك، بالا كىيىنكى قېتىم ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققاندا، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆزلەيدىغان بولىدۇ.
   تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن پايدىلىنىپ، بالىنى ئۆزى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرسەك، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ خىل رىغبەتلەندۈرۈشى بالىلارغا كۈچ بېغىشلايدۇ، ئۇلار ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان ھەم تېخىمۇ ئەقىللىك بولىدۇ.
   بالىغا رەسىملىك كىتابلارنى كۆرسەتسەك، ھىكايە سۆزلەپ بەرسەك، بوۋاقلارنىڭ تىل-سۆزلىرىنى موللاشتۇرۇشىغا پايدىلىق
   ھەركۈنى بالىغا ھەمراھ بولۇپ، ھەرخىل رەسىملىك كىتابلارنى ئۇقۇشۇپ بەرسەك، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا ھېكايە سۆزلەپ بەرسەك، بىز ئۆزىمىز توقۇغان ھىكايە بولغان تەقدىردىمۇ، بالىلار يەنىلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. بۇ خىل ئادەت بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، سىز بالىنىڭ ھىكايىدىكى گەپ-سۆزلەرنى تەكرارلىيالايدىغان بولغانلىقىنى بايقايسىز؛ بەزىدە ھەتتا، سىز قەستەنلىك بىلەن ئۇنتۇپ قالدىم دەپ تۇرىۋالسىڭىز، بالىڭىز ئەكسىچە سىزگە ھىكايىنى سۆزلەپ تۈگىتىپ بىرىشى مۇمكىن.
   بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ رەسىملىك كىتاب ئوقۇشۇپ بىرىش، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئېغىز ئېچىپ سۆزلىشىگە پايدىلىق؛ بۇندىن باشقا يەنە، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىرى-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە بالىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
   بالىلارنى ھۆرمەتلەپ مەجبۇرلىماسلىق، ئۇلارغا سۆزلەشنىڭ ناھايىتى قىزىقارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش
   بالىنى قانچە مەجبۇرلىغانسېرى، ئۇلار شۇنچە بەك بېسىم ھېس قىلىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە بالىلارنى مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك. بالىلار، پەقەت ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىدىغان ئاتا-ئانا ئالدىدا، ئاندىن ئۆزىنىڭ خاھىشىنى قەتئىيلىك بىلەن تولۇق ئىپادىلەپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号