ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنى پەسەيتىشنىڭ چارىلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدار ئاياللار، ئەتراپىدىكى ئىلگىرى تۇغۇپ باققان ئاياللاردىن، تۇغۇت جەريانىدا چوقۇم ماغدۇر يېغىپ ساقلاش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭدا ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشقا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن، تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاق سەۋەبىدىن، ھامىلدار ئايالنىڭ قانداق قىلىپ تەمكىنلىكنى ساقلىشى، ئىنتايىن قىيىن بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.  ئۇنداقتا، تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنى پەسەيتىدىغان بىرەر ئۇسۇللار بارمۇ؟ ھامىلدار ئايالنىڭ تولغاق بەك قاتتىق تۇتقانلىق سەۋەبىدىن يۇقىرى ئاۋازد ئىڭىراپ تۇغۇت جەريانىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ تۆۋەندە، تولغاقنى پەسەيتىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، ھامىلدار ئاياللار بۇ ھەقتە بالدۇرراق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى تاللىسا بولىدۇ.
   توغۇت ئالدىدىكى بالىياتقۇنىڭ يېغىلىپ تارىيىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تولغاق ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە بولىدۇ، ئاساسلىقى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پەسەيتىشكە بولىدۇ؛ بىر خىلى، دورا ئىشلىتىپ پەسەيتىش، يەنە بىر خىلى بولسا، دورا ئىشلەتمەي پەسەيتىش. بۇنىڭ ئىچىدىكى دورا ئىشلىتىپ پەسەيتىش بولسا، بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان تولغاقسىز تۇغۇت بولۇپ، ناركوز دورىسى ياكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق تۇيغۇسى پەسەيتىلىدۇ. لېكىن، بۇ خىل دورا ئىشلىتىپ تولغاقنى پەسەيتىش ئۇسۇلى، ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بۇنىڭدا دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى ھامىلدار ئاياللار، دورا ئىشلىتىپ تولغاقنى پەسەيتىشكە ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئالدىنئالا چۈشىنىپ يىتىش، تۇغۇت ئۇسۇلى ۋە تۇغۇت جەريانىدىكى تولغاقنى پەسەيتىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلىش قاتارلىقلار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالىدۇ.
   ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بولسا، دورا ئىشلەتمەي تولغاق ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل بارلىق ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ. ئالدى بىلەن، تولغاق تۇتۇشقا باشلىغان تۇغۇش ئالدىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن، كەيپىياتنى ئازادە قويۇپ بىرىش ناھايىتى مۇھىمدۇر؛ چۈنكى جىددىيلەشكەن روھى كەيپىيات، تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاق ئاغرىقىنى قاتتىقلاشتۇرۋىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، تېلېۋىزور كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىق ئارقىلىق، تولغاق ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە تىرىشىپ كۆرسە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، نەپەسلىنىشنى تەڭشەش ئارقىلىق تولغاق ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە بولىدۇ؛ خۇددى بىز يۈگا ھەرىكىتى ئىشلىگەن ۋاقىتتا، بەزىدە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بەدىنىمىزدە ئاغرىق تۇيغۇسى پەيدا بولغاندا، مۇۋاپىق بولغان نەپەسنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاغرىق تۇيغۇسىنى پەسەيتكەنگە ئوخشاش، تولغاق ئاغرىقىنىمۇ بۇ ئۇسۇلدا پەسەيتىشنى سىناپ كۆرسەك بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھامىلدار ئايالنىڭ ئىرىنىڭ قىلمىشى ۋە پوزىتسىيىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم؛ ئۇلار بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايالنىڭ بەل قىسمى ۋە مۈرە قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ھەمدە بەزىبىر مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ بەرسە، تولغاق ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم كۆرسىتەلەيدۇ.
   تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاق ئاغرىقىغا نىسبەتەن، ھەر بىر ھامىلدار ئايالدىكى تولغاق ئاغرىقىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياننى ھەر بىر ھامىلدار ئايال چوقۇم باشتىن ئۆتكۈزمەي بولمايدۇ. ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشقا قارىتا، گەرچە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشتا بۇنداق تۇيغۇ بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئوپراتسىيەدىن كېيىن يەنىلا مۇناسىپ تۈردىكى تولغاق ئاغرىقى بار بولىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئالدىنئالا بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھاسىل قىلسا، تۇغۇت جەريانىدا بەلگىلىك پايدىسىنى كۆرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号