ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلار قايسى خىل تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، سىز يېگەن، سۇۋىغان، ئۇچراشقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ، سىزگىلا ئەمەس قوساقتىكى ھامىيلىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
   ھامىلدارلىقتا قورۇق چۈشۈشكە قارشى تۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
   ھامىلدارلىقتا، تەركىبىدە فورمىك كىسلاتا(维甲酸) بار بولغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. قورۇق چۈشۈشكە قارشى تۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەركىبىدە فورمىك كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئىنتايىن ئاز بولغان تەقدىردىمۇ تېرە تەرپىدىن سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ. لېكىن، ھازىرغىچە بولغان ئايرىم بىر قسىم كېلىنكىلىق داۋالاش مىساللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە فورمىك كىسلاتانى سىرتتىن ئىشلىتىش، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورمىن كىسلاتاسى يەنە، بالا چۈشۈپ كېتىش ۋە ھامىيلە بەدەن ئېغىرلىقى يىنىك تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ.
   ھامىلدارلىقتا دانىخورەك يوقىتىش تۈردىكى تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
   كۆپ قىسىم دانىخورەك يوقىتىپ تېرىنى پاكىزىلاش مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە سالىتسىلىك كىسلاتا(水杨酸) بار بولۇپ، تەتقىقاتلاردا قارىلىشىچە، ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەنگە كۆپ مىقداردا ئاتسېتىل سالىتسىك كىسلاتا(乙酰水杨酸) قوبۇل قىلىنسا، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن نۆۋەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ياكى بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە سالىتسىك كىسلاتانى سىرتتىن ئىشلەتكەندە، بىرەر ناچار ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىنكىلىق ئىسپاتلار يوق؛ ئەمما، يۇقىرى  قويۇقلۇقتا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىش، مەسىلەن، سالىتسىك كىسلاتا تەركىبى بولغان يۈز چاپلىقى، پۈتۈن بەدەننى ئۇۋۇلاش مەلھىمى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   ھامىلدارلىق ياكى بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە، ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلەتسە بولامدۇ؟
   بولىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلەتكەندە، تېرە ئارقىلىق بەدەنگە ئۆتىدىغان تەركىبلەر ئىنتايىن ئاز بولىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھايۋانات تەجرىبىسى ئىشلەش جەريانىدىمۇ باشقا ئەكىس تەسىرى بايقالمىغان. بۇندىن باشقا، بەزى ھامىلدار ئاياللاردىكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدىنىدە سارغۇچ قوڭۇر داغ پەيدا بولۇش ياكى رەڭلىك داغ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىش ھادىسىسىدىن ئىبارەت ھامىلدارلىقتىكى ھورمۇن سەۋيىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلىتىش، ھامىلدارلىق مەزگىلى رەڭلىك داغلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر.
ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتاپتا كۈيۈشتىن فىزىكىلىق ئۇسۇلدا ساقلىنىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ ياكى قالپاق كىيىۋىلىش، كۆز ئەينەك تاقىۋىلىش دېگەنگە ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.
   ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە لەۋ سۇرۇخى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
   بولىدۇ. ئادەتتە، لەۋ سۇرۇخىنىڭ رەڭگىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ساقلىنىشى ئۈچۈن، كۆپ قىسىم (تەخمىنەن %60) رەسمىي لاياقەتلىك بولغان لەۋ سۇرۇخى مەھسۇلاتلىرىغا قوغۇشۇن تەركىبى قوشۇپ ئىشلىنىدۇ؛  بىراق، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بىر كۈندە تۆت تالدىن ئارتۇق لەۋ سۇرۇخىنى پۈتۈن يەۋەتكەندە، ئاندىن بەلگىلىك دەرىجىدە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قوغۇشۇن تەركىبى بار بولغان لەۋ سۇرۇخىنىڭ، ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، چاچ بوياش ۋە بۈدرە قىلىش تىپىدىكى چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
   ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك. نۆۋەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ناگاندا بىر چاچ بويىسا ياكى چاچنى بۈدرە قىلسا، ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق كېلىنكىلىق ئىسپات يوق. ھايۋانات تەجرىبىسىدە گەرچە بەزىبىر چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنىڭ، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغانلىقى بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈردىكى خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ، باش تېرىسى ئارقىلىق بەدەنگە ئۆتۈپ، ھامىيلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن. لېكىن، بىرەر ئويلىمىغان ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە چاچ گۈزەللەشتۈرمەكچى بولغاندا، ئىمكان قەدەر ئېھتىيا بىلەن ئىش كۆرۈمەك لازىمدۇر. مەسىلەن، رەسمىي يۇسۇندىكى زاۋۇت كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان لاياقەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش، ئىشلىتىشنىڭ ئالدىدا باش تېرىسىدە زەخمىگە ئۇچرىغان ئەھۋاللارنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەتكەندىن كېيىن ۋاقتىدا يۇيۇپ پاكىزلاش، ھاۋا ئۆتىشىدىغان جايلاردا مەشغۇلات قىلىپ، خېمىيلىك ماددىلارنى سۈمۈرۋىلىش دەرىجىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش دېگەندەك نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
   تىرناق لاكى ۋە چاچ قاتۇرۇش پۈركەلمىسى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
   ئىمكان قەدەر ساقلانماق لازىم. تىرناق لاكى ۋە چاچ قاتۇرۇش پۈركەلمىسى تەركىبىدە ئورتوبېنزوئىك كىسلاتاسى(邻苯二甲酸) بار بولۇپ، بۇ ماددا ئوغۇل جىنىسلىق ھامىيلىنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، بەزىبىر تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدار ئايالنىڭ كىچىك تەرىتىدىكى ئورتوبېنزوئىك كىسلاتاسى مىتابولىزىملانغاندىن كېيىنكى ھاسىلات ماددا قۇيۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا، كەلگۈسىدە بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە پىسخىكىلىق يېتىلىشى شۇنچە بەك كەينىدە قالىدىكەن. نۆۋەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئورتوبېنزوئىك كىسلاتا بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشى بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات يوق بولۇپ، ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ھەققىدە، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشغا توغرا كېلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号