ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنى باقماق ئەڭ تەس بولغان ئۈچ مەزگىل
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەربىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى، شۇ ئائىلىگە ئۈمىد ۋە سوۋغا ئېلىپ كېلىدۇ. ھەممەيلەن، بالا تۇغماق تەس، بېقىپ چوڭ قىلىش ۋە ياخشى تەربىيەلەش ئۇنىڭدىنمۇ تەس دېيىشىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان يىڭىدىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلار، ھەمىشە بالىسىنى بېقىپ بولالماي، بۇرنىدىن تارتسا يېقىلىپ چۈشكۈدەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىغا ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلسىڭىز، بالىنى تۆۋەندىكى ئۈچ مەزگىلدە باقماقنىڭ ئەڭ تەس ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
بوۋاق تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىق بولغۇچە ئارىلىق
   بەزىلەر، بۇ ئالتە ئاي ۋاقىتنى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئالتە ئاي دېيىشىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ بۇ بەلكىم، بۇ ياش مەزگىلىدىكى بوۋاقلارنىڭ ھەمىشە ئاسانلا كېسەل بولۇپ  قېلىشى ۋە مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ قەيەرنى خاتا قىلىپ قويغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ.
   ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىگۈزۈشنى باشلاش لازىم بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، بوۋاق ئانا تېنىدىن ئانتىتېلا(抗体) قوبۇل قىلىشنى تەدرىجى ئازايتىپ، يېمەكلىك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا باشلايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتىكى بالىلارغا نىسبەتەن، ئەگەر ئۇلارغا يىگۈزگەن قوشۇمچە يېمەكلىك توغرا بولمىسا، بالىغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ.
   تەكلىپ: بالىغا قوشۇمچە يېمەكلىك يىگۈزۈشنى باشلىغاندا، ئازدىن كۆپلۈككە قاراپ تەرەققىي قىلىش، ئاستا-ئاستا ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇش كېرەك ھەمدە بالىنىڭ ئىنكاسىنى ۋاقتىدا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، بالىدا رىئاكسىيە قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالماق لازىم.
بالا بىر ياشقا توشقاندىن كېيىن
   بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاقلار، قوشۇمچە يىمەكلىككە ئاساسى جەھەتتىن كۆنىدۇ، ئاشقازان ئۈچىيىمۇ تەدرىجى ھالدا ياخشىلىنىدۇ؛ لېكىن، بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بالا بەش ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىق، بالىنىڭ ئۆت، ئۆپكە، ئاشقازان ۋە ئۈچەي قاتارلىق ئەزالىرى يىتىلىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى، يېمەك-ئىچمەك تەسىرى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئاسانلا كېسەللىكنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئۆت بىلەن ئۆپكە مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بالىنىڭ ئۆت ۋە ئۆپكىسى ياخشى بولالمىسا، بالا ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ.
   تەكلىپ: كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە، بالىنىڭ ئۆپكىسى ۋە ئۆتىنى ئاسراشقا ھەمدە ئۆپكە ۋە ئۆتنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەك لازىم. بۇنىڭدا، بەلگىلىك دەرىجىدە، بالىدا ھۆتىلىش، بەلغەم كىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بالا ئۈچ ياشقا توشقاندىن كېيىن
   بالا ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرىدىغىنى، بالىنىڭ يېتىلىش مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۈچ ياشقا توشقاندىن كىيىن، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوي-خىياللىرى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، يول مېڭىشنىمۇ ئۆگىنىپ بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز شۇنى بايقايسىزكى، بۇ ياش مەزگىلدىكى بالا بارغانسېرى كونتروللىقىڭىزغا ئۇچرىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ھەركۈنى روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇخلىتاي دەپمۇ ئۇخلىتالمايسىز.
   تەكلىپ: بۇ مەزگىلدە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم سەۋرچان بولۇشى، بالىلارنىڭ بۇ دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە پۇرسەت بىرىشى لازىم؛ بۇندىن باشقا، بالىلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بىرىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ تىللاش سەۋەبلىك پىسخىكىلىق جەھەتتىكى يېتىلىشىگە ناچار تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号