ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان قىلمىشلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   توردا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، ئۆزلىرىنىڭمۇ بالىسى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرغۇسى بارلىقىنى، لېكىن بالىلارنىڭ كاللىسىدا نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى دەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بالىسى ئۇلارغا ھېچنىمىنى دېگىلى ئۇنىمىغاچقا، ئۇلار بالىسى بىلەن پىكىرلىشىشكە ئامالسىز قالغان ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، مەلۇم بىر تور بىكىتى، 2000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا قارىتا بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان تۆت خىل قىلمىشىنى تاللاپ چىققان.
بالىسىغا ئىشەنمەسلىك
   ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بەزىدە ئۇلارغا ئىشەنمەي قويۇشى ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ تۇتۇق ۋاقىتلار، مۇئەللىمنىڭ ئۇۋال قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ئۇلارغا ئىشەنمەسلىكى ئىكەن؛ بۇنداق ۋاقىتتا، ئۇلار ئۆزىنى خۇددى چەكسىز دېڭىزدىكى يالغۇز ئارالدەك غېرىپ ھېس قىلىدىكەن.
   ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئۆز-ئارا بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئىشەنگەن ۋاقىتتا، بالىمۇ ئاندىن ئاتا-ئانىسىغا ئىشىنىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئاندىن بىر بۆلەك ساغلام بولغان ئاتا-بالا ۋە ئانا-بالا مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.
بالىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى زىيادە چەكلەپ قويۇش
   تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %80دىن ئارتۇق قىسىمى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى زىيادە چەكلەپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە خۇسۇسىي بوشلۇق يوق ئىكەن؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزىرىدە، ئۆگىنىش، تاماق يىيىش، ئۇخلاش ۋە تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى، ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزگەنلىك ۋە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
   بۇنداق قىلغاندا، بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتىن سىرتقى تالانتىنى توسۇپ قويىمىز. دۆلىتىمىزمۇ بۇ سەۋەبلىك، مەلۇم بىر ساھەدىكى تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرۇش
   70%دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشىنى ياقتۇرمايدىكەن.
   ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى، ياخشىراق ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى بۇ ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرمەكچى ۋە ئۇنىڭغا بىر نىشان تىكلەپ بەرمەكچى بولىدۇ؛ لېكىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار، بالىسىنى ئۆز-ئارا بەس تالىشىشتىكى قورال قىلىۋالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قىلمىش ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ غۇرورىغا تىگىپ كېتىشى مۇمكىن، ۋە ياكى بالىلاردا قەستەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
ھەپتە ئاخىرىنى مەشىقلەندۈرۈش كۇرۇسلىرى بىلەن توشقۇزۇۋىتىش
   60%دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پۈتۈن ۋاقتى، ھەرخىل مەشىقلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كۇرۇسلىرى تەرپىدىن ئىگىلىۋىلىنغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى پۈتكۈل دەم ئېلىش ۋاقتى، مەشىقلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كۇرۇسلىرىدا ئۆتىدىكەن.
   مېنىڭچە بولغاندا، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى مەشىقلەندۈرۈش كۇرىسىغا ئاپىرىپ بىرىشى، پۈتۈنلەي چوڭ ئېقىمغا ئەگىشىش سەۋەبىدىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ پىلانى بولمايدۇ، بالىسىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنىمۇ ئويلاشمايدۇ.
   بۇنداق مەشىقلەندۈرۈش ۋە يىتەكلەش سىنىپلىرىغا قاتىنىشىش، قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدىغان ئەمەس؛ بەزىدە، تۆلىگەن بەدەلگە ماس جاۋابقا ئېرىشەلىشىمىز ناتايىن، ھەتتا ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىپ قويۇشى مۇمكىن.
   بالىلار تېخى كىچىك، كۆپ ئىش ئۇقۇپ كەتمەيدۇ؛ ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئوي-خىياللىرى ۋە مۇستەقىل ئادىمىيلىكى، غۇرورى بار. بىز ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويساق، ياكى بىزنىڭ بۇيرىقىمىز بويىچىلا ئىش كۆرىدىغان ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويساق بولمايدۇ؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا ئىتىبار بىرىشنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدا، ئۇلار خۇشال-خورام ھالدا ساغلام ئۆسۈپ يېتەلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号