ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقنى كىچىلىك سۈت ئىمىشتىن قانداق ئايرىش كېرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مۇلايىملىق بىلەن سۈتتىن ئايرىش، نۇرغۇن ئانىلارنىڭ نەزىرىدە مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىش ھەقىقەتەن تەس بىر ئىش. بوۋاقلار كىچىلىرى ئويغىنىپ سۈت ئىزدەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئۇنى ئىمىتمىسىڭىز، ئۇ يىغلاپ خاپا قىلىدۇ. نۇرغۇن ئانىلار، غەلۋىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بالىسى ئويغانسىلا، ئۇلارنى بىۋاستە ئىمىتىپ قايتا ئۇخلىتىدۇ؛ لېكىن، بۇنداق قىلغاندا، بالىنىڭ سۈتتىن ئايرىلىشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. بۈگۈن، بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بوۋاقنى سۈتتىن "مۇلايىملىق بىلەن ئايرىش"تىكى ئۈچ تۈرلۈك چارىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئىمىتىدىغان ۋاقىتنى تەڭشەش
   ئانا بوۋاقنى كىچىلىك سۈت ئىمىشتىن توختاتماقچى بولغاندا، ئەسلىدىكى ئىمىتىدىغان ۋاقىتقا قارىتا، تەدرىجى ھالدا ئاز-ئازدىن تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. مەسىلەن، كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا بىر قېتىم ئىمىتىدىغانغا ئادەتلەنگەن بولسا، كىيىنكى قېتىملىق ئىمىتىش ۋاقتىنى ئىمكان قەدەر سەھەر سائەت 4-3ئەتراپىغا سوزساق ھەمدە ھەر قېتىم يېرىم سائەت كەينىگە سۈرۈپ، تەدرىجى ھالدا كەچ سائەت ئوندا بىر قېتىم ئېمىتىپ، سەھەر سائەت 5تە بىر قېتىم ئىمىتىدىغانغا تەڭشىسەك بولىدۇ؛ مۇشۇ يۇسۇندا بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كىيىن، ئوتتۇرلۇقتىكى ئارىلىق بارغانسېرى ئۇزىراپ، بوۋاق كىچىسى ئىمىشتىن تەبىئىيلا توختايدۇ.
ئىمىتىش ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىنى قىسقارتىش
   مەسىلەن، ھازىر 10مىنۇت ئەتراپىدا ئىمىتىپ ئادەتلەنگەن بولساق، ئالدى بىلەن 8مىنۇتقا قىسقارتىمىز، نەچچە كۈندىن كىيىن 6مىنۇتقا قىسقارتىمىز....مۇشۇ تەرىقىدە 4مىنۇت، 2 مىنۇتقا قىسقارتىپ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئىمىتمەيمىز. بۇ جەريان بەلكىم ئۇزۇنراق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بوۋاق بۇ مەزگىلدە ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سۈتنى پۈتۈنلەي ئۈزىۋەتسەك، بوۋاق چوقۇم يىغلاپ خاپا قىلىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا كۆڭلىمىز يۇمشاقلىق قىلماي، نەچچە كۈننى چىداپ ئۆتكۈزىۋەتسەك، ھەمدە باشقا خىل ئۇخلىتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدەنسەك، بوۋاق ناھايىتى تىزلا سۈتتىن ئايرىلىدۇ.
بوۋاق بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاش
   بوۋاق ئۇخلاپ قالغاندىن كىيىن، ئانا بوۋاق بىلەن بەلگىلىك ئارىلىقنى ساقلاپ يېتىشنى ئۆگىنىشى كېرەك؛ ئىمكان قەدەر بوۋاقنىڭ ئۇخلىشىغا دەخلى قىلماسلىق، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئانا سۈتىنىڭ پۇرىقىنى پۇراق قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم، بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ سۈت ئىمىش ئىستىكىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئانا بوۋاقتىن بەك يېراقلاپ كەتسە بولمايدۇ، بولمىسا، بوۋاق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولماسلىق سەۋەبىدىن قورقۇپ ئويغىنىپ كېتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号