ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىش، ئانىغىمۇ ئوخشاشلا پايدىلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئانا سۈتى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان تەبىئى يېمەكلىكى بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر، بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلىدۇ؛ ئەمما بوۋاقنى ئىمىتىشنىڭ، ئانىغىمۇ ئوخشاشلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس.
   بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىش، ئانىغا تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ:
بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
   بوۋاقنى ئانا سۈتىدە ئىمىتىش، ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ تەبىئىي ھەمدە ئەڭ ساغلام بولغان ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى. بوۋاقنى ئانا سۈتىدە ئىمىتكەندە، ئانىنىڭ ھەركۈنى يىگەن تاماقلىرىدىن قوبۇل قىلغان ئىنىرگىيەلەر خوراپ تۈگەش بىلەن بىرگە، يەنە ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ماي ھۈجەيرىلىرى ئىچىدە ساقلانغان ئىنىرگىيەلەرمۇ سەرپ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا، بوۋىقىغا ئانا سۈتى ئىمىتكەن تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئىلگىرىكى بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، بوۋىقىغا ئانا سۈتى ئىمىتمىگەن تۇغۇتلۇق ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ تىز بولىدۇ.
بالىياتقۇنىڭ يېغىلىپ ئەسلىگە كىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
   ھامىلدار ئايال تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسى شۇھامانلا ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى چوڭ-كىچىكلىك ھالىتىگە قايتىپ بولالمايدۇ. بوۋاققا ئانا سۈتى ئىمىتىش جەريانىدا، بوۋاق ئانىنىڭ كۆكسىنى توختىماستىن ئىمىپ شوراپ، ئانىنىڭ بەدىنىدە تۇغۇت ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بالىياتقۇنىڭ يېغىلىپ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، چىللە خۇنىنىڭ چىقىرۋېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋىقىنى ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىشتە چىڭ تۇرغاندا، سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى، تۇخۇمدان راكى قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىش مەزگىلى قانچىلىك ئۇزۇن بولسا، بۇ خىل قوغداش رولى شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号