ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالا ئىككى ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بۇ يىمەكلىكلەرنى يىگۈزمەڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوۋاقلار ئالتە ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ئانا سۈتى ۋە رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق، بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىنى پۈتۈنلەي قاندۇرۇپ كىتەلمەيدۇ ھەمدە بالىنىڭ چايناش ۋە يۇتۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرالمايدۇ. بۇ سەۋەپلىك، بوۋاق ئالتە ئايلىققا توشقاندىن كىيىن، ئۇلارغا مۇۋاپىق تۈردە قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈش لازىم بولىدۇ.
   لىكىن، قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشتىمۇ، بەلگىلىك قائىدە-پىرىنسىپقا ئەمەل قىلماي بولمايدۇ، بولمىسا ئاسانلا بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ، بالىلار 2ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا بۇ يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
مىۋە شەربىتى
   مىۋىلەر تەركىبىدە زور مىقداردا تالا ماددىلىرى ۋە ۋىيتامىنC بار بولۇپ، بۇ ماددىلار بوۋاقنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. لىكىن مىۋىنى ئىزىپ شەربەتكە ئايلاندۇرغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ساقلىنىپ قالىدىغان ئەڭ كۆپ ماددا قەنت تەركىبى بولىدۇ. ئەگەر مىۋە شەربىتنى قوشۇمچە يىمەكلىك قىلىپ بالىغا ئىچكۈزسەك، بالىلار قوبۇل قىلىدىغان قەنت ۋە ئىنىرگىيە مىقدارى ئېشىپ كىتىپ، بالىلارنىڭ چىشى قۇرتلاپ قالىدۇ ھەمدە بالىنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، سەمىرىپ كىتىش ئىھتىماللىقى ئېشىپ كىتىدۇ.
پالەك
   پالەك تەركىبىدە ئوكسالىك كىسلاتا مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن، ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرۋىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاشقازاننىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كىتىشنى پەيدا قىلىپ، بالىلار قوبۇل قىلغان كالتسىي ماددىسىنىڭ ئۇلارنىڭ بەدىنىگە سۈمۈرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھەسەل
   ئادەتتە، بىزنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيلىرىمىز بىئارام بولۇپ قالسا، ئازراق ھەسەل ئىستىمال قىلىپ ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرىمىز؛ بىراق، بالىلارغا ھەسەل ئىچسە بولمايدۇ.
   ھەسەل، ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش ۋە ساقلاش جەريانىدا، بوتۇلىزىم تاياقچە باكتىرىيەسىدە بۇلغىنىشقا ئۇچرايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولۇشى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئۇلارغا ھەسەل ئىچكۈزۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
پۇرچاق سۈتى
   پۇرچاق سۈتى بىلەن پىلتە قۇيماق، كۆپ قىسىم كىشىلەر ناشتىدا ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۈرىدىغان يىمەكلىك تۈرى. لىكىن، بۇ خىل ناشتىلىق گۇرۇپپىسى دىگەندەك ساغلام ئەمەس؛ پىلتە قۇيماقنىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق تەركىبىمۇ تۆۋەن، شۇڭا مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى كىچىكلەر بولسۇن، ئازراق ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
   بالىلار 2ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا پۇرچاق سۈتى ئىچكۈزۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. چۈنكى، پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىللار چوڭ مولىكولالىق ئاقسىل بولۇپ، 2ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدىكى ئاقسىل ئىنىزىمى، تېخى بۇنداق چوڭ مولىكولالىق ئاقسىللارنى سىنتىزلەپ ھەزىم قىلالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاسانلا قوساق كۆپۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا تۆۋەن پولىساخارىد بار بولۇپ، بۇ ماددىلار ئاسانلا بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号