ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلىدار ئاياللار سولياۋ قاچا بىلەن ئەتىر ئىشلەتمەسلىكى كېرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىندا ئەنگلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"دا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى خادىملار، تەجرىبە ئىشلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سولياۋ قاچا ۋە ئەتىر ئىشلەتسە، قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە قارىتا ئۇزۇن مەزگىللىك زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپ بىرىشىچە، ھامىلىدار ئاياللار ھەرقانداق تىپتىكى سولياۋ بۇيۇملار ۋە ئەتىر ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن.
   ئىرىنوئى داشۆسى نېرۋا ئىلىمى فاكۇلتېتىنىڭ پىسخولوگىيە ئىلىمى پىروفېسسورى جانىس.جۇراكا دوكتور، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھورمۇننىڭ ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ۋە قىلمىشى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە سۇسان.سانتىز دوكتور بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھازىرقى زامان مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە بار بولغان خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئىچكى ئاجرىلىشقا كۆرسىتىدىغان دەخلى تەسىرىنى تەتقىق قىلغان.
   بىر تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئورتوبىنزوئىك كىسلاتا تۇزلىرى ۋە ئەتىر تەركىبىىدكى خىمىيەلىك ماددىلار، ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇراكا دوكتور ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى، تەركىبىدە يۇقىرىقى ماددىلار بار بولغان پىرەنىكلەرنى تەييارلاىغان ھەمدە ھامىلىدار بولغان چاشقانغا، ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى ئون كۈن ئىچىدە بۇ پىرەنىكلەرنى يىگۈزگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان ئەۋلادلىرىغا قارىتا بىر يىللىق كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. كۆزىتىش جەريانىدا بايقىلىشىچە، بۇ ماددىلار ئانا تەنگە ھېچقانداق زىيانلىق تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرى 90كۈنلۈك چوڭلۇققا (ئىنسانلارنىڭ يىگىرمە نەچچە ياش ۋاقتىغا تەڭ) يەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ تونۇش ۋە ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى، يۇقىرىدا ئېيتىلغان خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشمىغان ئوخشاش ياش مەزگىلىدىكى چاشقانلارغا قارىغاندا ئاستا بولغان. بۇ قېتىملىق تەتقىقات، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سولياۋ قاچا ۋە ئەتىر ئىشلىتىشنىڭ، ھامىيلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە قارىتا ئۇزۇن مەزگىللىك زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
   جوراكا دوكتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىمىيەلىك ماددىلارنى ئىشلىتىشنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن؛ لېكىن، ھامىلىدار ئاياللار، ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە، سولياۋ قاچا، ئەتىر، ھاۋا ساپلاشتۇرۇش پۈركىمىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىشى لازىم ئىكەن. بۇنىڭدا، ئانا تەن ۋە ھامىيلىنىڭ بۇ تۈردىكى زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号