ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ ئەھۋاللار ھامىلدار ئايالدا ئاسانلا قاتتىق تولغاق پەيدا قىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىيلىنى پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىنى بىخەتەر ھالدا ئۆتكۈزسۇن دىسەك، ھامىلدار ئاياللار يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئۆزىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش بىلەن بىرگە، كۈندىلىك ھەرىكەت-قىلمىشلىرىغىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك؛ بۇنىڭدا، ھامىيلە تېخىمۇ ساغلام ھەم ياخشى يىتىلىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى تۆت خىل قىلمىشتىن قەتئى ساقلانماق كېرەك؛ بولمىغاندا، ھامىلدار ئايالنى تولا تولغاق تۇتۇپ، بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بەك چىك كىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىۋىلىش
   بەدەنگە چىڭ كىلىدىغان كىيىملەر، ئايال كىشىنىڭ فىگورىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ، شۇڭا بۇ خىل كىيىملەر نۇرغۇن خانىم قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشكەن. بىراق، ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئەڭ ياخشىسى بۇ خىلدىكى كىيىملەرنى كېيمەسلىكى كېرەك. بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا يەنە چىڭ كىلىدىغان كىيىم كىيىۋالساق، ئۆزىمىز بىئارام بولۇش بىلەن بىرگە، قوساقتىكى بالىنىمۇ سىقىپ قويىمىز، بەزىدە يەنە تېخى تولغاق تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈش
   ھامىلدارلىق ھەپتىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى يوغىناپ، ھەرىكەتلىنىش قولايسىز بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئاياللار ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىشى لازىم؛ چۈنكى، ئادەم ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەندە، قوساق قىسىم مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدىغان بولغاچقا، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئېغىر نەرسە كۆتىرىمەن دىسە، ئاسانلا بالىياتقۇغا بولغان بېسىمنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىپ، ھامىلدار ئايالدا تولغاق تۇتۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا، تولغاق قاتتىق تۇتۇپ بالا چۈشۈپ كىتىش خەۋىپى تۇغۇلۇشى مۇمكىن.
قاتتىق ھەرىكەتلىنىش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ بەرگەندە، ھامىلدار ئايالنىڭ روھى كەيپىياتى ياخشىلىنىپلا قالماي، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. لىكىن، ھامىلدار ئاياللار ھەرىكەتلىنىشنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسىگە چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك؛ ئەگەر ھەرىكەتلىنىش بەك قاتتىق بولۇپ كەتسە، بالىياتقۇنى غىدىقلاپ تولغاق تۇتۇشنى پەيدا قىلىدۇ، ئەھۋال ئېغىرراق بولغاندا، بىشارەتلىك بويىدىن ئاجراپ كىتىش كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
غىدىقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش
   ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇزۇقلىنىش خاھىشى جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ، بەزى ئاياللار ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ لېكىن، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى نىسبەتەن سەزگۈر بولۇپ، بۇنداق غىدىقلاش تىپىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا، ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلاپلا قالماي، يەنە بالىياتقۇنىمۇ غىدىقلاپ، تولغاق تۇتۇشنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇنداق غىدىقلاش تىپىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىمكان قەدەر ئازراق ئىستىمال قىلىش لازىم.
 
   ھامىلدار مەزگىلىدە، ئەگەر تولغاق تۇتۇش قايتا-قايتا كۆرۈلسە، بىشارەتلىك بويىدىن ئاجراپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى ئېشىپ كىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار يۇقارقى نوقتىلارغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号