ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۇغۇت ئالدىدا، ھامىلدارلار نىمىشقا كۆپرەك مېڭىپ بىرىشى كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دوختۇرخانىدا، تۇغۇش ئالدىدا تۇرغان ھامىلدار ئاياللار ئەگەر كارۋاتتا ئۇزۇن ۋاقىت يېتىۋالسا، دوختۇر-سېستىرالار ئۇلارنى كارۋاتتىن چۈشۈپ مېڭىپ بىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ؛ بىراق بەزى ھامىلدار ئاياللار بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ: "مەن تۇغاي دەپ قېلىۋاتسام، تولغاق تۇتۇپ ئاغرىپ كىتىپ بارىدۇ، كارۋاتتا يېتىپ ماغدۇر يېغمىسام قانداق بولىدۇ" دەپ ئويلايدۇ. ئۇنداقتا، دوختۇرلار نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟
   نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئاياللارنىڭ تار كەلگەن تۇغۇت يولى، تۇغۇلماقچى بولغان بوۋاقنىڭ ئۆتىشىگە كىچىكلىك قىلىدۇ؛ بىراق، نىمىشقا كۆپ قىسىم بوۋاقلار، بۇنداق مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇپ تۇغۇت يولىدىن ئوڭۇشلۇق بۇ دۇنياغا كىلەلەيدۇ؟
   چۈنكى، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى، "تۇغۇت سۈيلىگۈچى ھورمۇن" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ھورمۇن داس سۆڭەك بوغۇملىرى ۋە كۈمۈچەكلىرىنى بوشىتىپ، داس سۆڭەك بوغۇمى بىلەن دوۋۇن سۆڭەك بوغۇمىنىڭ بىرلىشىشنى تېخىمۇ ھەرىكەتچان قىلىدۇ.
   ئەگەر تۇغۇت ئالدىدىكى ئايال ئۆزلۈكسىز تۈردە ھەرىكەت قىلىپ ۋە تولغىنىپ تۇرسا، ياكى مېڭىپ بەرسە، داس سۆڭىكىدىكى ھەرقايسى سۆڭەكلەر ئوتتۇرسىدىكى ئورۇن مۇناسىۋىتى ۋە دا سۆڭىكى شەكىل ھالىتىدە ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، ھامىيلىنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق بولغان ئورۇن ھالىتىنى تەڭشىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
   ھامىلدار ئايالنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ھەرىكەتلىنىپ بىرىشى، داس سۆڭىكىنىڭ شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىدە ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، ھامىيلىنىڭ بىرىنچى تۇغۇت مەزگىلىدە ئەڭ مۇۋاپىق ئۇرۇندىن داس سۆڭىكىگە كىرىشىنى ۋە ئىككىنچى تۇغۇت مەزگىلىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ  تۆۋەنگە قاراپ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   تۇغۇت ئالدىدىكى ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ توختىماي ھەرىكەت قىلىپ بىرىشى، يەنە تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
   داس سۆڭىكى بوغۇمىنىڭ تەڭشىلىشى، داس سۆڭىكى شەكلنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، تولغاقنىڭ رېتىمىنى، سوزۇلۇش ۋاقتىنى، ۋە قاتتىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ.
   ھەرىكەتلىنىش، ھامىيلە ئوق رايونى ۋە داس سۆڭىكى ئوقى ئارىلىقىدىكى بۇلۇڭنى تەڭشەپ، ھامىيلىنىڭ تۇغۇلۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
   تۇغۇت ئالدىدا كۆپلەپ ھەرىكەتلىنىپ بىرىش، ھامىيلە بىلەن ھامىلدار ئايالنىڭ داس سۆڭىكى ئارىسىدىكى ئارىلىقنى ماسلاشتۇرۇپ، ھامىيلە ئورنى بىنورمال بولۇشنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ. ھامىيلە بىلەن داس سۆڭەك ئارىلىقىدىكى ئارىلىق تېخىمۇ ماسلاشقان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئاغرىقىمۇ يىنىكلىشىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号