ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاياللارنىڭ بالدۇر تۇغۇشى ۋە كىچىكىپ تۇغۇشىدا پەرق بار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى ياشلارنىڭ ھەممىسى كىچىكىپ توي قىلىپ كىچىكىپ پەرزەنتلىك بولۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى؛ بىراق كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، چوڭلار ياشلارنى توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇشقا سۈيلەپ، ئۇلارنىڭ پىلانىنى بۇزىۋىتىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەنمۇ، بەزى ئاياللار بالدۇرلا تۇغۇپ(نورمال تۇغۇت يېشىدا تۇغۇش) پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلايدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا كىچىكىپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلايدۇ؛ بىراق سىز بىلەمسىز، بالدۇر پەرزەنتلىك بولۇش(نورمال تۇغۇت يېشىدا تۇغۇش) بىلەن كىچىكىپ پەرزەنتلىك بولۇشتا، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل پەرق بار بولىدۇ.
تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ
   بالدۇر تۇغۇش: نورمال تۇغۇت يېشىدا بالدۇر پەرزەنتلىك بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى نىسبەتەن ياخشى بولغاچقا، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشى بىرقەدەر تىز بولىدۇ، بەدەن شەكلىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىمۇ ياخشى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇغۇت جەريانىدىمۇ باشقا ئەگەشمە كىسەللىك كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە بالىسىغا پايدىلىق بولىدۇ.
   كىچىكىپ تۇغۇش: كىچىكىپ تۇغقان ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى ياش ۋاقتىدىكىگە يەتمەيدىغان بولغاچقا، تۇغۇتتا قىينىلىپلا قالماي، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشىمۇ ئاستا بولىدۇ، بەدەن شەكلىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە كىلىشى تەسكە توختايدۇ.
ئىجتىمائى ئالاقە چەمبىرىكى ئوخشاش بولمايدۇ
   بالدۇر تۇغۇش: بالدۇر تۇغقان ئاياللارغا نىسبەتەن، تۇغۇتتىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئالاقە چەمبىرىكى ئانىلار چەمبىرىكىگە ئۆزگىرىدۇ، پاراڭ تېمىسى ھەمىشە بالىدىن ئايرىلمايدۇ، ياكى تەربىيە تېمىسىدا پاراڭلىشىدۇ ياكى ئائىلە تېمىسىدا پاراڭلىشىدۇ.
   كىچىكىپ تۇغۇش: كىچىكىپ تۇغقان ئاياللار بوولسا، يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئالاقە چەمبىرىكىدىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاۋانگارت زاتلاردىن تەركىب تاپىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشلىرى، قىممىتى ۋە سەۋيىسى يۇقىرى پاراڭ تېمىلىرى بولىدۇ.
تۇرمۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ
   بالدۇر تۇغۇش: بالدۇر تۇغقان ئاياللار، تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، ئەتىگەندىن كەچكىچە بالىسىنى ئەگىپ چۆرگىلەيدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە بالىسى ئۈچۈن قاتراپ، ئۆزىگە تەۋە خۇسۇسى بوشلۇقى بولمىغاچقا، ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پۇرسەت چىقمايدۇ.
   كىچىكىپ تۇغۇش: كىچىكىپ تۇغقان ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلار تۇغۇشنىڭ ئالدىدا بالىسى بولمىغاچقا، ئائىلىسىدىن كۆپ غەم قىلىش كەتمەيدۇ؛ شۇڭا بۇ ئارىلىقتا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىشىگە، يىتەرلىك بوشلۇق ۋە ۋاقىت بار بولىدۇ.
ئىگىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ
   بالدۇر تۇغۇش: بالدۇر تۇغقان ئاياللارنىڭ ھەممىسى، بۇرۇنراق بالا تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، ئىمكان قەدەر بالدۇرراق ئىگىلىكىمنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىرىشىمەن دەپ ئويلايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە ئۇنداق قىلالمايدىغان بولۇپ، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، كۈن بويى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ۋە تىرىشىپ ئىشلەشكە يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرالمايدۇ.
   كىچىكىپ تۇغۇش: كىچىكىپ تۇغقان ئاياللار، تۇغۇشتىن بۇرۇن ئائىلە ۋە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كەتمەيدىغان بولغاچقا، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىگىلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ، كەلگۈسىدە بەلگىلىك نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号