ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى پۇت ئىششىشنى قانداق ياخشىلىغىلى بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سۇلۇق ئىششىق، ھامىلدار ئاياللار قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر خىل ھادىسە بولۇپ، پۇت قىسىملا ئەمەس، بەزىدە ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا، يۈزى ۋە قوللىرىمۇ ئىششىپ كۆپ بىئارام بولىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سۇلۇق ئىششىق قانداق ئەھۋال؟
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سۇلۇق ئىششىق، ھامىلدار ئايالنىڭ قان تۇمۇرلىرىدىكى سۇيۇقلۇقلار قان تۇمۇر سىرتىغا تەپچىپ چىقىپ، ئورگانىزىملار ئارىسىغا توپلىشىۋالغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ؛ ئېغىر-يىنىكلىك دەرىجىسى بولسا، ھامىلدارلىق ھەپتىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلاپ بارىدۇ. ئادەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلى سۇلۇق ئىششىقى، كۆپىنچە ھامىلدار ئايالنىڭ ھۇشۇق قىسمى، پاقالچىقىنىڭ ئاستى قىسىملىرىدا كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئىششىغان يەرنى بارمىقىمىزدا باسساق، تىرە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بېسىلىپ كاتەكچە شەكىللىنىدۇ ھەمدە بەك تىز ئەسلىگە كەلمەيدۇ(تۆۋەندىكى رەسىمدىكى خېمىرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ)، بۇ خىل ئەھۋال سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش سەۋەبى
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى پەيدا قىلىدىغىنى سەۋەب ئاساسلىقى ئىككى خىل بولۇپ، بىرسى فىزىلوگىيىلىك ئامىل، يەنە بىرسى پاتولۇگىيلىك ئامىلدۇر.
   فىزىلوگىيلىك ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇلۇق ئىششىق، كۆپىنچە ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە كۆرىلىدۇ؛ بەدەندە يىنىك دەرىجىدە ئىششىش كۆرۈلۈپ، بەلگىلىك ئارام ئالغاندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن يانىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ. بۇ خىل سۇلۇق ئىششىقنىڭ كىلىپ چىقىشى، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدىكى ھورمونلاردا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشى ۋە بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ تۇغۇت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى سەۋەپلىك، بەدەندىكى سۇ تەركىبلىرىنىڭ مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقىدىن بولىدۇ.
   پاتولوگىيىلىك ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغا سۇلۇق ئىششىق بولسا، ئۇنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈلۈش ۋاقتى نىسبەتەن بۇرۇن بولۇپ، پۇت قىسىمدىكى ئىششىق كۆرۈنەرلىك بولىدۇ ياكى پۈتكۈل بەدەن خارەكتىرلىك ئىششىق كۆرىلىدۇ، ئارام ئالغاندىن كىيىنمۇ ئىششىق يانمايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، يۇقىرى قان بېسىم، ئاقسىل سىيىش، قان ئازلىق قاتارلىق ئالامەتلەر ياكى يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى ئەگىشىپ بىللە كىلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى كىسەللىك تارىخى بار بولسا ياكى نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، يۈرەك ئېغىش، باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئاينىش، قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كىرەك.
فىزىلوگىيلىك سۇلۇق ئىششىقلارنى بۇ ئۇسۇللاردا ياخشىلاشقا بولىدۇ
   ئەگەر فىزىلوگىيلىك ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇلۇق ئىششىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايال كۆپ ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق، بۇ خىلدىكى سۇلۇق ئىششىق ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا بولىدۇ.
يىتەرلىك ئارام ئېلىش
   ئادەم تىنچ ئارام ئالغان ۋاقتىدا، بەدەندىكى مىتابولىزىم نىسبىتى تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، ئايلىنىش سېستىمىىسنىڭ يۈكى يىنىكلەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، سۇلۇق ئىششىق تەبىئىيلا يىنىكلەيدۇ ياكى يوقايدۇ.
تۇزسىز تاماق يىيىش
   ناترىيلىق تۇز قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش كىرەك.
ئىككى پۇتىنى ئېگىزرەك كۆتۈرۈپ يېتىش
   ئۇخلىغان ۋاقىتتا، پۇت قىسىمغا ياستۇقتەك بىرەر نەرسە قويۇپ، پۇ قىسىمنى ئېگىز تۇتۇپ ياتقاندا، سۇلۇق ئىششىقنىڭ بىئاراملىق تۇيغۇسىنى پەسەيتىشكە بولىدۇ؛ ئولتۇرغان ۋاقىتتا بولسا، پۇتىڭىزغا ئورۇندۇقنى تىرەك قىلىپ قويۇپ، ئىككى پۇتىڭىزنى تۈز تۇتۇپ ئولتۇرسىڭىزمۇ بىئاراملىقنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
پۇتنى سۇغا چىلاپ ئۇۋۇلاپ بىرىش
   ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتىنى ئىلمان سۇغا چىلىغاندىن كىيىن ئۇۋۇلاپ بەرسە، سۇلۇق ئىششىقنى ياخشىلاشقا بولىدۇ.
سول يېنىنى بېسىپ يېتىش
   ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە، سول تەرىپىنى بېسىپ ياتقاندا، بالىياتقۇنىڭ قوساق قىسىم ئاساسلىق ئارتىرىيە تۇمۇرى ۋە قوساق ئاستى قىسىمدىكى ئارتىرىيە تۇمۇرىغا چۈشۈرىدىغان بېسىمنى يىنىكلىتىپ، قاننىڭ قايتىشىدىكى توسقۇنلۇق كۈچنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ.
كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش
   قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك سۇ ئىچىش تەۋسىيە مىقدارى، 1700-1500مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ھامىلدار ئايال ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقتىدا سۇ تەركىبى تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۋالماسلىق ياكى بىر يەردە ئۆرە تۇرۋالماسلىق
   ھەمىشە ئۇياق-بۇياقلارغا مېڭىپ مىدىرلاپ بىرىش ھەمدە بۇ ئارىلىق پۇ قىسىم قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号