ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنىڭ دائىم كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇشى نورمال ئەھۋالمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-16كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىلارنىڭ قۇسۇپ ياندۇرۇشى، كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، بالا چوڭ بولۇش جەريانىدىكى دەسلەپكى نەچچە يىلدا، كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش ئەھۋالىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە، ئۇلاردىكى كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش، ھېچقانداق داۋالاش قىلمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ساقىيىدۇ؛ بىراق بۇ، كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرغان بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئادەتتە ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتىكى ساۋاتلارنى كۆپرەك ئىگىلەپ، بالىلاردا كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش ئالامىتى  كۆرۈلگەندە، مۇناسىپ چارىلەرنى قوللىنىشى كىرەك.
   بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، بوۋاقلاردىكى ھەقىقى تۈردە كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش بىلەن، ئەمگەن سۈتنى ياندۇرۇشنىڭ پەرقى بولىدۇ. كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش، ئاشقازاندىكى يىمەكلىكلەرنىڭ كۈچلۈك ھالدا ئېغىز بوشلۇقىدىن يېنىپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىراق، ئەمگەن سۈتنى ياندۇرۇش، كۆپىنچە بىر ياشتىن تۆۋەن بولغان بوۋاقلاردا كۆپرەك كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئاشقازىنىدىكى نەرسىلەرنىڭ يىنىك ھالدا ئاستاغىنا ئېغىز بوشلۇقىغا يېنىپ ئېقىپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ، كۆپىنچە ھېق تۇتۇش بىللە ئەگىشىپ كىلىدۇ.
   ئاشقازان مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، قوساق قىسىم مۇسكۇللىرى كۈچلۈك يېغىلغان ۋاقىتتا، بوۋاقتا كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش ئالامىتى كۆرىلىدۇ. بۇ خىل رىفلىكىس پائالىيىتى، چوڭ مىڭە قۇسۇپ ياندۇرۇش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسى تەرپىدىن پەيدا قىلىنىغان بولىدۇ. ئۇنداقتا، قايسى ئامىللار بوۋاقنىڭ قۇسۇپ ياندۇرۇش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى ئاسانلا غىدىقلاپ قويىدۇ؟
   1. ئاشقازان ئۈچەي يوللىرى يۇقۇملىنىش ياكى توسۇلۇپ قېلىش سەۋەىىدىن كۈچلۈك غىدىقلىنىش ياكى كۆپۈش كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئاشقازان ئۈچەي نىرۋىلىرى قۇسۇپ ياندۇرۇش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى غىدىقلايدۇ.
   2. قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خېمىيىلىك ماددىلار. مەسىلەن، بوۋاق بەزىبىر دورىلارنى ئىچكەندە، دورا تەركىبىدىكى ماددىلار قۇسۇپ ياندۇرۇش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى غىدىقلايدۇ؛ كۆرۈش سىزىمى ياكى پۇراش سىزىمى توسالغۇسىدىن كىلىپ چىققان پىسخىكىلىق غىدىقلىنىشمۇ، قۇسۇپ ياندۇرۇش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى غىدىقلايدۇ.
   3. ئوتتۇرا قولاقنىڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچراشتىن پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ھەرىكەت قىلسا بېشى قېيىپ قۇسۇپ ياندۇرۇش.
   بوۋاقنىڭ قۇسۇپ ياندۇرۇشى ۋە ئەمگەن سۈتنى ياندۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى، ياش مەزگىلىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بولۇپمۇ يىڭى تۇغۇلغىنىغا نەچچە ئاي بولغان بوۋاقلار، يىڭىدىن سۈت پاراشوكى ئىمىشكە باشلىغان نەچچە سائەت ئىچىدە، بوۋاقتا ئاسانلا ئەمگەن سۈتنى ياندۇرۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل سۈتنى ياندۇرۋىتىش ھادىسىسى، پەقەتلا بىر خىل تاساددىبى كىلىپ چىققان يىمەكلىكنىڭ قارشى يۆنىلىشتە ئېقىش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. بىراق، ھەمىشە بوۋاق سۈتنى ئىمىپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ دۈمبىسىگە يىنىك ئۇرۇپ بەرسەك ھەمدە بوۋاقنىڭ ئىمىپ بولغاندىن كىيىنكى ھەرىكەتلىنىشىنى چەكلىسەك، بۇ خىل سۈتنى ياندۇرۇش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى كۆرۈلىشىنى ئازايتىقىلى بولىدۇ. بوۋاقنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سۈتنى ياندۇرۇش ئىھتىماللىقى بارغانسىرى تۆۋەنلەيدۇ، بىراق يەنىلا يىنىك دەرىجىدە سۈت ياندۇرۇش بار بولىدۇ؛ بۇ خىل ئەھۋال، بوۋاق 12-10ئايلىق بولغۇچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندىكى سۈتنى ياندۇرۋىتىش ھادىسىسى، كىسەللىك سەۋەبىدىن بولغان ئەمەس، شۇڭا بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
   ئىنتايىن ئاز قىسىم ئەھۋالدا، بوۋاقتا بىر ئايلىققا توشماي تۇرۇپ قۇسۇپ ياندۇرۇش ئەھۋالى كۆرىلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر قۇسۇپ ياندۇرۇش قايتا-قايتا كۆرۈلسە ياكى پۈركۈپ چىقىرىش ھالىتىدىكى ياندۇرۇش كۆرۈلسە، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم بولىدۇ. چۈنكى، مەلۇم بىرەر ئېغىر تىپتىكى كىسەللىكلەر، بۇ خىل قۇسۇپ ياندۇرۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
   بوۋاق ئىككى ھەپتىلىك بولغاندىن تۆت ئايلىق بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئەگەر ئۆزلۈكسىز تۈردە ئېغىر قۇسۇپ ياندۇرۇش كۆرۈلسە، بۇ خىل ئەھۋال ئاشقازان چىقىش ئېغىزىدىكى مۇسكۇللارنىڭ يوغىناپ قېلىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدىمۇ بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号